خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ31-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نىياز راھمان خەۋىرى، فوتوسى : ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ رەھبەرلىرى 26- ئاۋغۇستتىن 27- ئاۋغۇستقىچە كۇچا ناھىيەسىدە تەكشۈرۈشتە بولدى.ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ رەھبەرلىرى كۇچا ناھىيەلىك پارتكومنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرىنىڭ ھەمرالىقىدا ئىلگىرى – كىيىن بولۇپ كۇچا ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات مەركىزى ، تەپتىش مەھكىمىسى ، چىمەن بازىرىنىڭ ئۆگەن كەنت مەدەنىيەت پائالىيەت مەركىزى ، ئىشخىلا بازىرى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ « دىن ئەسەبىيلىكى»نى تۈگىتىش تەشۋىقات تەربىيە پائالىيىتىنى قاتات يايدۇرۇش ئەھۋالى، مەنىۋىي- مەدەنىيىلىك خىزمىتى،مەدەنىيەت ئارقىلىق ئاممىغا نەپ يەتكۈزۈش خىزمىتى ۋە ناھىيەنىڭ تاشقى تەشۋىقات خىزمىتىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇش ئەھۋالى قاتارلىق خىزمەتلەرنى تەكشۈردى .
سۈرەتتە: 26-ئاۋغۇستئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ رەھبەرلىرى « دىن ئەسەبىيلىكى» نى تۈگىتىش تەشۋىقات تەربىيە خىزمەتلىرىنى تەكشۈرمەكتە.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى