خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ31-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:چەرچەن ناھىيەلىك ئورمانچىلىق ئىدارسى چىلانچىلىق تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش مەركىزىدىن «ئۈچ ئەل» خىزمىتى بويچە يېڭىئۆستەڭ يېزا كۆتەمە ئېرىق كەنتىگە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى كادىرلار ئۆزىنىڭ كەسپى ئەۋزەللىكىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ ، دېھقانلارغا چىلاننىڭ مېۋىلەش مەزگىلدىكى ئوغۇتلاش، زىيانداش ھاشارەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ،چاتاش ، سوغۇرۇش قاتارلىق پەرۋىشى توغرىسدا ئەمەلي دەرىس سۆزلەپ ، دېھقانلارنىڭ بۇ يىلمۇ چىلاندىن مول ھوسۇل ئېلىشىغا پۇختا ئاساس سالدى .
سۈرەتتە : خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى تېخنىك خادىم دېھقانلارغا چىلان پەرۋشى توغرىسىدا لىكسىيە سۆزلىمەكتە .
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى