ئۈرۈمچى دېخۇي خەلقئارا كىيىم-كېچەك شەھەرچىسى كۆرگەزمە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن 4-نۆۋەتلىك ئاسىيا-ياۋروپا يىپەك يولى كىيىم-كېچەك بايرىمى 2015-يىللىق ئاسىيا-ياۋروپا مودا كىيىم ھەپتىلىكىدە قازاقىستاننىڭ كىيىم لايىھەلىگۈچى ئەدارخان كالىيېفنىڭ لايىھەلىگەن كىيىم-كېچەكلىرى تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشتى.
ئەدارخان كالىيېف ئۆزى لايىھەلىگەن كىيىملەرنى ئۇدا تۆت يىل ئاسىيا-ياۋروپا كىيىم-كېچەك ھەپتىلىكىگە قاتناشتۇرۇپ كەلدى.
ئەدارخان كالىيېف قازاقسىتان ئابىر مودا كىيىم لايىھەلەش ئىشخانىسىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە لايىھەلەش باش نازارەتچىسى، دوكتۇر.