جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپونغا قارشى ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىزمىغا قارشى ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش پاراتىغا قاتناشقىلى جۇڭگوغا كەلگەن چەت ئەل ئارمىيەلىرىنىڭ چاسا ئەترەتلىرى ۋە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرى 26-ئاۋغۇست بېيجىڭ شەھەر ئەتراپىدىكى پارات مەشىق بازىسىدا ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ مەشىق قىلدى. مۇخبىر ئاپپارات ئارقىلىق ئۇلارنىڭ مەشىق جەريانىدىن خاتىرە قالدۇردى. ئىگىلىنىشىچە، بېلورۇسىيە، كۇبا، مىسىر، قازاقىستان، قىرغىزىستان، مېكسىكا، موڭغۇلىيە، پاكىستان، سېربىيە، تاجىكىستان، رۇسىيە قاتارلىق 11 دۆلەت ئەۋەتكەن چاسا ئەترەت پاراتقا قاتنىشىدىغان بولۇپ، ئافغانىستان، كامبودژا، فىجى، لائۇس، نۇئاتۇ، ۋېنسۇئېلا قاتارلىق ئالتە دۆلەتتىن كەلگەن ۋەكىلەر پاراتقا قاتنىشىدىكەن.