خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ24-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 23-ئاۋغۇست، سۇرىيە پايتەختى دەمەشقنىڭ شەرقىدىكى ئادېللا مەركىزىي تۈرمىسىدە، بىر تاراتقۇ خادىمى ھۇجۇم يۈز بەرگەن نەق مەيداننى سۈرەتكە تارتماقتا.
سۇرىيە پايتەختى دەمەشقتىكى بىر تۈرمە 23-چېسلا مىناميوت ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، ئاز دېگەندىمۇ 10 ئادەم قازا قىلدى، 53 ئادەم يارىلاندى. ئادېللا رايونىنىڭ يېقىن ئەتراپىدىكى ئۆكتىچىلەر قوراللىق كونترول قىلغان جۇبار رايونى كەينى ـ كەينىدىن مىناميوت ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى.