باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

زەپىرەڭ گۈلى(1)

نۇرگۈل ئەبەي

2015.08.20 11:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ـــ كەچۈر... ئۇنىڭ دادىسى شىركەتنىڭ چوڭ پايچېكى. قىزىنى رەتلا قىلدىممۇ بولدى، شۇ زامان ھەيدىلىمەن. بىلەمسەن؟ ئۇ دېگەن چەتئەل ھەمكارلىقىدىكى چوڭ شىركەت. مەندەك ئالدى- كەينىنىڭ تايىنى يوق ئادەمنىڭ شۇنداق يەرگە كىرەلىشى ئاسان ئەمەس...كۆرىۋاتىسەن، ئاتا-ئانىمىز ياشىنىپ قالدى. مەن ھېچقاچان سېنىڭ داداڭنى يات ھېساپلاپ باقمىدىم. خۇدا بۇيرىسا كېيىنكى كۈنلەردە ئەلۋەتتە ئۆزۈمنىڭ دادىسىدەك ھالىدىن خەۋەر ئالىمەن. ئاتا-ئانا دېگەن ئوغۇل بالىغا قاراشلىقكەن. پۇل بولسا نېمىنى قىلغىلى بولمايدۇ، دەيسەن؟ شۇنى ئويلاپمۇ، ياق، دېيەلمىدىم... قارا ئايقىز، بىز كىچىك بالا ئەمەس... ئاناممۇ بۇ تويغا جان دەپ قۇشۇلدى. ھەتتا دادىمىزمۇ ئاشۇ قىز بىلەن تويۇم بولىشىنى خالايدۇ... ئۇ ئىشلارنى ئۇنتۇپ كەتكىن. ئەمدى مەن سېنىڭ قېرىندىشىڭ، ئۆز ئاكاڭ...

  بۇ سۆزلەرنى دەۋاتقاندا يىغلىغۇسى كېلىپ كەتكەندەك، ئۇنىڭ ئاۋازى بۇغۇلۇپ كەتتى. تۈگۈلۈپ ئولتۇرغان تۇرقى بەكمۇ بىچارە، ئېچىنىشلىق ئىدى. نېرىدىن قارىغان ئادەمگە مەن گەپ يېمەيۋاتقان بېشەم،ئۇ زىيان تارتقان، يېلىنىپ يالۋۇرۇۋاتقان بىچارە كۆرۈنەتتۇق.

  دادام قايتا ئۆيلەنگەندە ئانام ئاشقازان راكى بىلەن تۈگەپ كەتكىلى ئەمدىلا ئىككى ئاي بولغانىدى. ئانامنىڭ ئورنىنى ناھايىتى تېزلا ئۇنىڭ ئانىسى ئالدى. ئانامنىڭ ئون يىل تۇغماي ئاران تۇغالىغان بىر تاللا ئارزۇلۇق قىزى مەن، شۇ چاغدا ئاران 14ياشتا ئىدىم. ئۇ مېنىڭدىن تۆت ياش چوڭ ئىدى. ئاغزىمىزدا دېمىگەن بولساقمۇ، مەن ئۇنىڭ ئانىسىغا، ئۇ مېنىڭ دادامغا ئۆلگۈدەك ئۆچلۈك قىلاتتۇق. قانداقتۇر بىر نەرسە بىزگە ئورتاق ھەم بىزنى يېقىنلاشتۇرۇپ تۇراتتى. كۆڭلىمىز يېرىم بولغاندا، بىر-بىرىمىزگە غەمكىن قارايتتۇق. بىر-بىرىمىزنى ھەممىدىن بەكرەك چۈشىنىدىغاندەك قىلاتتۇق. دەرۋەقە، بىز «ئاكا-سىڭىل» بولۇپ ئۇزاق ئۆتمەيلا ئاتا-ئانىلىرىمىزدىنمۇ تېز چىقىشىپ كەتتۇق.

  ـــ بۇ ... ئىككى مىڭ كوينى... ئالغىن... ھەر ئىككىمىز خالاپ تۇرۇپ يۈز بەرگەن ئىشلار بولسىمۇ، ساڭا يۈز كېلەلمەيمەن، ياخشى كۆرگەن كىيىملىرىڭنى سېتىۋال... بىلەمسەن؟ تويۇم بولغان ئاشۇ كۈندە، سىڭلىم بولۇپ، تويۇمنىڭ بېشىدا تۇرۇپ بېرىشىڭنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىمەن.

  ئۆمەر دۇدۇقلاپ تۇرۇپ بىر تۇتام پۇلنى قولۇمغا تۇتقۇزۇپ قويدى.پۇل قولۇمدا خۇددى بىر پارچە چوغدەك يەكسان بولغان غۇرۇرۇمنى كۈل قىلاتتى... «مۇتىھەم، بۇزۇق، ئىپلاس، نامەرت..» دېگەندەك سۆزلەر بىلەن ئۇنى يەنە بىر قېتىم تازا تىللىغۇم كەلدى. ئۆيدە ئىككىمىزدىن باشقا ئادەممۇ يوق ئىدى. لېكىن تىللىمىدىم. ئۈچ ئاينىڭ ئالدىدا، دادامنىڭ ئېغىزىدىن، ئۇنىڭ باشقا بىر قىز بىلەن توي قىلىدىغانلىقىنى ئاڭلىغاندا، ئىززەت- ھۆرمىتىم دەپسەندە قىلىنىپ، ۋۇجۇدۇمدىن قان تاراملاپ ئېقىۋاتقاندەك، پەلەك پىرقىراپ، زىمىن چۆرگىلەۋاتقاندەك تۇيۇلغانىدى. شۇ چاغدا، تېلېفۇندا ئۇنى تىللاپ، يىغلاپ، «ساڭا قۇل- دېدەك بولاي، ماڭا ئىچىڭ ئاغرىسۇن،» دەپ يالۋۇرۇپ باققان. دادامغا دەيمەن، ھەممىنى ئاشكارىلايمەن، دەپ تەھدىت سېلىپمۇ كۆرگەن، پايدىسى بولمىغانىدى... ئۇنىڭ نەپسانىيەتچى يۈرىكىنى قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن، مەندىمۇ ئاشۇ تەلەيلىك قىزدەك سالاھىيەت، بىر دۆۋە پۇل-بايلىق بولۇشى كېرەك...

  ئىدىيەمدە تولۇق تەييارلىقىم بار، دەپ ئويلىغان بولساممۇ، شۇ تاپ گېلىمغا غىققىدە بىرنېمە تۈرۈپ قالغاندەك، يۈرىكىم پەسكە تارتىپ كەتتى. ياخشى يېرى ئۇنىڭ ئالدىدا پەقەتلا يىغلىمىدىم. مېنىڭ، ئۇ بەرگەن پۇللارنى يۈزىگە ئاتقاندىن كېيىن غادايغان ھالدا قاقاقلاپ كۈلۈپ، بۇ نەس باسقان ئۆيدىن چىقىپ كەتكۈم كەلدى. كىنولاردا دائىم شۇنداق كۆرۈنۈش چىقاتتى. ئەمما مەن ئۇنداق قىلالمايمەن. يىراق جايلارغا كېتىپ، ھازىرقىدەك يەكلەنگەن، خورلانغان بىچارە ھالىتىمگە خاتىمە بېرىش ئۈچۈن پۇلغا، بۇنىڭدىنمۇ كۆپ پۇلغا ئېھتىياجىم بار. ئۇنىڭ ساختا ۋەدىسىگە ئالدىنىپ، ھېلىمۇ زور بەدەللەرنى تۆلىدىم. شۇڭا ئازراق بولسىمۇ ماددى تولۇقلىمىغا ئېرىشىشىم كېرەك.مەن شۇنداق ئويلىدىم.

  ـــ بۇ يەتمەيدۇ!

  ـــ يەتمەيدۇ؟ يەتمىگۈدەك نەگە بارماقچىسەن ئايقىز؟... كېيىن... تويدىن كېيىن، سىڭلىم، دەپ يەنە بېرىمەن...

  ـــ كارىڭىز بولمىسۇن، ئەكىلىڭ!...

  ـــ يېنىمدا شۇنچىلىكلا ...

  ئۇنىڭ قويۇن يانچۇقىدىن ناھايىتى قوپاللىق بىلەن پورتمالىنى تارتىپ چىقتىم.بۇ پورتمالنى مەن تېخى ئۆتكەن يىلى دادام بەرگەن ھېيتلىق پۇلغا سېتىۋېلىپ، ئۇنىڭغا سوۋغا قىلغانىدىم. پورتمالنىڭ ئىچىدە يەنە بەش يۈز كويچە پۇل بار ئىدى، پارچە- پۇرات پۇللارنىڭمۇ ھېچنېمىسىنى قويماي ئېلىۋېلىپ، قۇرۇق پورتمالنى دېرىزىدىن سىرتقا تاشلىۋەتتىم.

  ـــ ساراڭمۇ سەن؟ كىملىكىم... كارتام بار ...

  ــ نېمە كارىم!ئۇ كۆزلىرىنى چۆچەكتەك ئېچىپ ماڭا ھېچنېمە دېيەلمىدى. شۇ ھالدا ئازراق تۇرغاندىن كېيىن پورتمالىنى ئېلىۋېلىش ئۈچۈن سىرتقا ماڭدى. تەرىمنى تۈرۈپ، ئىڭرىغىنىمچە ئۆز خانامغا كىرىپ، ئۇياق- بۇياققا ماڭدىم. ئۇنىڭ بىلەن بولغان بارلىق ئىشلارنى، نەپرەتلىك كېچىلەرنى ئويلىغانسېرى ئۆز- ئۆزۈمنى، يۈزلىرىمنى ئەلەم بىلەن كاچاتلاپ يىغلايتتىم. شۇ ھالدا كەچ كىرىپ كەتتى. سىرتقا چىقىپ كەتكەن ئۆمەر، دادام ھەم خوتۇنى نەچچە قېتىم ئۆيگە تاراقشىپ كىرىپ، تاراقشىپ چىقىپ كەتتى. ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ مەن بىلەن كارى يوق. ئۇلار ئوغلىنىڭ كېلەر ھەپتىدە بولىدىغان كۆڭۈلدىكىدەك تويى ئۈچۈن ئالدىراش...

  بېشىم سىرقىراپ ئاغرىشقا باشلىدى. ئېغىر خۇرسىنغان ھالدا نەرسە- كېرەكلىرىمنى يىغىشتۇرۇشقا باشلىدىم. ئەمدى ئۆلۈپ كېتىدىغان ئىش بولسىمۇ، بۇ ئۆيدىكى ھېچقانداق ئادەمنىڭ كۆزىگە كۆرۈنمەيمەن! كۆڭلۈم ئۇنىڭدىن، دادامدىن، بۇ ئۆيدىن قاتتىق ئازار يېگەن ئىدى. ئاخىرى يىغىشتۇرىۋاتقان كىيىملىرىمنىمۇ ئالغۇم كەلمىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى دادام ياكى ئۆگەي ئانام ئېلىپ بەرگەن ئىدى. ئەمدى ئۇلارنىڭ ھېچنېمىسىنى كېرەك قىلمايمەن! ئانامنىڭ ئۈستىلىمدە تىكلىنىپ تۇرغان كىچىككىنە سۈرىتىنى، كىملىكىمنى ۋە ئۆمەر بەرگەن «بەدەل پۇل»نى قول سومكامغا سېلىپ سىرتقا چىقتىم.

  بۇ ۋاقىتتا، دادام مېھمانخانىدا سۆيۈملۈك ئوغلى بىلەن تېلېۋىزوردا بېرىلىۋاتقان پۇتبول مۇسابىقىسىنى كۆرۈپ ئولتۇراتتى. دادامنىڭ مەندەك گەپ ئاڭلىماس قىزدىن ئاللىقاچان رايى قايتىپ كەتكەن بولغاچقا، بۇرۇنقىدەك، «نەگە ماڭدىڭ، قاچان كېلىسەن؟» دەپ سوراپمۇ قويمىدى. ئۆگەي ئانامنىڭ كۆز قۇيرۇقىدا ماڭا قارىغانلىقىنى، يەنە شاققىدە ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ، مۇنچىغا كىرىۋالغانلىقىنى كۆردۈم. ئۇ بەلكىم ئوغلىدىن مېنىڭ بۈگۈندىن باشلاپ ئاللىقەيەرلەرگە يوقايدىغانلىقىمنى ئاڭلىغان، شۇ خۇشاللىقىدا گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن.ئۆزىنىڭ يايراپ كەتكەن تۇرقىنى كۆرسەتمەسلىك ئۈچۈن مۇنچىغا كىرىۋالغان گەپ. يىغلىغۇم كېلىپ كەتتى. ئاشۇ چاغدا دادامنىڭ ماڭا تىكىلىپ بىر قېتىم قاراپ قويىشىنى شۇنچە ئارزۇ قىلساممۇ، لېكىن ئۆزۈم ئۇلارغا پەقەت قارىمىدىم. دادامنىڭ، مېنىڭ ئاشۇ مېھرىبان دادام ئىكەنلىكىگە ئىشەنگۈم كەلمەيتتى. ئىلگىرى ئۇنىڭ ماڭا بولغان مۇھەببىتى تەڭداشسىز ئىدى. ماڭا نۇرغۇن قونچاق، ئويۇنچۇق ئېلىپ بەرگەن، ئاغرىپ قالغانلىرىمدا چەكسىز مېھرىبانلىق قىلغانىدى. ئانام تۈگەپ كەتكەندە، تۆكۈلۈپ تۇرغان كۆز ياشلىرىمنى سۈرتۈپ، مېھرى بىلەن قۇچاقلىغان، ماڭا تاغدەك يۆلەنچۈك بولىدىغان دادام ئىدى. قېنى شۇ دادام؟ بۇ ئۆيدىن چىقىپ كېتىدىغانلىقىمنى ياتلار بىلدى-يۇ، ئۇ بىلمىدى. تېخى قىزىنى مۇشۇنداق باش ئېلىپ چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر قىلغان دۈشمەننىڭ غوللىرىغا شاپىلاقلاپ كۈلۈپ، تېلېۋىزور كۆرۈپ ئولتۇرىدۇ.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 
【11】 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر