باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

شەيتان ئوتى(1)

نۇرگۈل ئەبەي

2015.08.20 11:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

چاغاننىڭ ھارپا ئاخشىمى.ھەممە يەرلەرگە شايى پانۇس ئېسىلدى. ھەممە يەرنى پاراسلاپ ئېتىلىۋاتقان پوجاڭزىلارنىڭ ئاۋازى بىر ئالدى. دېرىزە قاناتلىرىنى ئېچىپ، تالاغا قارىدىم. كەينى-كەينىدىن،ئېگىز-پەس ئېتىلىۋاتقان ھەرخىل-ھەر ياڭزا، ھەر رەڭ ساليۇتلاردىن پارتلاپ چىقىۋاتقان سان-ساناقسىز نۇر دانىچىللىرى، قارىيىشقا باشلىغان ئاسمان بېتىگە تەكشى چېچىلىپ، سۇس پىلدىرلاپ تۇرغان يۇلتۇزلارنى تېخىمۇ خىرەلەشتۈرىۋەتكەن ئىدى. ۋاھالەنكى،بىر-بىرىگە مىنگىشىپ كەتكەندەك كۆرىنىدىغان ئېگىز،ھەيۋەتلىك بىنالارنىڭ زىچلىقىدىن شۇنچە كۆپ،شۇنچە ھەيۋەتلىك بۇ ساليۇتلارنى كىملەرنىڭ،نەلەردە تۇرۇپ ئېتىۋاتقانلىقىنى بىلگىلى بولمايتتى. ھاۋا خېلىلا سوغوق ۋە شاماللىق بولغىنىغا قارىماي ئەتراپنى كۆكۈش، ئاچچىق ئىسلار قاپلىغان ،پۈتۈن شەھەر گويا ھېلىلا پارتلاپ كېتىدىغاندەك قورقۇنچلۇق شاۋقۇن ۋە گۈمبۈرلەشلار ئىچىدە قالغاندى.غەملىك كۆزلىرىم بىلەن دوختۇرخانىنىڭ ئالدىدىن ئۇيان-بۇيان كېتىشىۋاتقان شالاڭ ئادەملەرگە قارىدىم.ئۇ بۈگۈن ئارام ئالدىمىكىن؟شۇ تاپ نېمىش قىلىۋاتىدىكىن؟ئۇنى كۆرمىگىنىمگە ھەپتە بولغىلى تۇردى،بىر قېتىم بولسىمۇ قارىسىنى كۆرسەتسە كاشكى...
ــــ ياخشى داۋالىنىڭ، ۋاختىم بولسىلا يېنىڭىزغا كىرىمەن.
ـــ مېنى يەنە سىز داۋالىغان بولسىڭىز ھە؟...
ـــ بىزنىڭ بۆلۈمگە كەلمەپسىز-يا؟.. چېقىشىپ قويدۇم. كۆپ ئىشلارنى ئويلاپ كەتمەڭ، بۇ بۆلۈمدىكى دوختۇرلارنىڭ تېخنىكىسىمۇ بەك يوقۇرى.چوقۇم ساقىيىپ كېتىسىز، مېنىڭچە كېسىلىڭىز ئېغىر ئەمەس...
ـــ ھىم...
بالنىسقا ئورۇنلاشقان شۇ كۈنى سەئىدنىڭ بىمارى بولالمىغىنىم بىلەن ئۇنى كۆرۈپ باشقىچە روھلىنىپ قالغاندىم. ئۇ مەن دەسلەپ كۆرگەندىكى شۇ ھالىتىدە ئىدى.قۇيۇق بۈدۈرە چاچلىرى، ئادەمنى جەلپ قىلىدىغان يېقىملىق كۈلۈمسىرەشلىرى ۋە قاملاشقان بەستى،ھەتتا ھارغىنلىق چىقىپ تۇرغان بىر جۈپ قاپ-قارا كۆزلىرىمۇ ئوخشاشلا نۇرلۇق ئىدى.بۇندىن ئىككى يىل بۇرۇن بۇ شەھەردە كاماندورۇپكىغا چىققىنىمدا جىددى كېسەللىك سەۋەبىدىن ئۇنىڭ بىمارى بولۇپ مۇشۇ دوختۇرخانىدا بىرنەچچە ھەپتە داۋالانغان ئىدىم. دەسلەپ ئۇنىڭ ماڭا بەرگەن تەسىراتى:«شۇنداقمۇ قاملاشقان دوختۇر بولىدىكىنا؟ئۇ دوختۇر بولماي ئەر مودىل بولسىمۇ بولاركەن...»دېگەندىن ئىبارەت ئىدى. بىراق بۇ خىل تۇيغۇم ئۇنىڭ دوختۇرلۇققا بولغان يۈكسەك مەسئۇلىيىتى ۋە قىزىقىشىدا غايىب بولدى.ئۇ ئۆز كەسپىگە بەكمۇ پۇختا ۋە ئىنچىكە ئىدى.نېمىشقىدۇر ئۇنىڭغا قارىسام قارىغۇم كېلەتتى. يۇمشاق، مۇلايىم پوزۇتسىيەسى، ئەستايىدىللىق، كۈيۈمچانلىق چىقىپ تۇرغان چىرايلىق كۆزلىرى مەندە باشقىچە سېزىم ئويغىتاتتى. ئوپراتسىيە قىلىنغان دەسلەپكى ھەپتىدە ئۇ يېنىمغا پات-پاتلا كىرىپ، ئەھۋالىمنى ئىگىلەپ تۇردى،ۋاختى بولسىلا مەن بىلەن پاراڭلىشىپ، جىددىيلەشكەن نېرۋىلىرىمنى ئارام تاپقۇزاتتى.مەنمۇ ئۇنىڭ يېنىمغا مۇشۇنداق كىرىپ تۇرۇشىغا خۇشتار ئىدىم.ھەتتا ئۇنى باشقا بىمارلاردىن قىزغىنىپ، پەقەت مېنىڭلا دوختۇرۇم بولغان بولسا ھە؟دېگەندەك بالىلارچە ئارزۇلاردىمۇ بولاتتىم. ئېتىراپ قىلىشىم كېرەككى، مەن ئۇنىڭغا بارغانسېرى مەپتۇن بولۇپ قېلىۋاتاتتىم. ھەرۋاقىت ئۆزۈمنى ئۇنىڭغا باشقىچە ھېسىياتتا بولۇپ قالماسلىققا ئاگاھلاندۇراتتىم.لېكىن ئاگاھلاندۇرۇشلىرىمنىڭ ھېچقانداق پايدىسى يوق ئىدى.ئۇنى ئويلاپلا تۇراتتىم.گەپ ئارىسىدا ئۇ ئايالىنىڭ چەتئەلگە بىلىم ئاشۇرۇشقا چىقىپ كەتكەنلىكىنى دېگەن ئىدى.شۇڭا ھەتتا تاماق يېگەن چاغلىرىمدىمۇ ئىختىيارسىز ئۇنىڭغا قىسىنغۇم، بىللە ئولتۇرۇپ شۇ تاماقتىن ھوزۇرلانغۇم كېلەتتى.مەنمۇ ئۇنىڭ ماڭا ھەرھالدا باشقا بىمارلارغا ئوخشىمايدىغانراق مۇئامىلە تۇتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلاتتىم. بەزى كۈنلىرى ئۇ تېلفونىمغا ئۇچۇر يوللاپ قوياتتى. گەرچە ئۇچۇرنىڭ مەزمۇنى ئەڭ ئادەتتىكى:«قانداق تۇرىۋاتىسىز؟»، «يارا ئېغىزى يەنە ئاغرىۋاتامدۇ؟»، «بۈگۈن ئالدىراش بولۇپ قېلىپ يېنىڭىزغا كىرەلمىدىم، ئىش بولسا تېلېفون قىلىڭ...» دېگەندەك ئاددىي مەزمۇنلار بولسىمۇ، ئەمما مەن مۇشۇنداق ئاددى كۆڭۈل بۆلۈشلەردىن بىر خىل تاتلىق ۋە تەسۋىرلىگۈسىز شېرىن تۇيغۇلارغا چۆمۈلەتتىم. كۆڭلۈم تۇيۇپ تۇراتتىكى، ئۇ مەندىن باشقا بىمارلىرىغا ماڭا يوللىغان ئۇچۇرلىرىنىڭ بىرىنىمۇ يوللىمايتتى...قەلبىمگە نازۇك بىر نەرسە قۇيىلىۋاتقاندەك، ھەتتا بىر نەرسە بىخلىنىپ چىقىۋتقاندەك تۇيۇلاتتى. دەسلەپ يات شەھەردە مۇساپىرچىلىقلىق ھېس قىلغانسېرى دوختۇرخانىدىن چىقىپ كەتكۈم، بالىلىرىمنى باغرىمغا ئالغۇم كېلىپ كېتەتتى. لېكىن ھەقىقەتەن ساقىيىشقا باشلىغاندا بولسا كېسىلىمنىڭ باشقىدىن قوزغىلىشىنى، شۇ ئارقىلىق ئۇزۇنراق يېتىپ، سەئىدنىڭ غەمخورلىقىدىن داۋاملىق بەھرىمان بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان بولدۇم. ئەمما كېلىدىغان كۈن ئاخىرى يەنىلا كەلدى:
ـــ ساقىيىپ كەتتىڭىز، ئەتە ئۇكۇلىڭىزنى سالدۇرۇپ بولۇپ بالنىستىن چىقىش رەسمىيىتىنى بېجىرسىڭىز بولىدۇ، ــ دېدى ئۇ بىر كۈنى.
ـــ ھە...ئەجەب ياخشى ...ـــ دېدىم، ئەمەلىيەتتە كۆڭلۈم شۇنچىلىك يېرىم بولۇپ كەتتى.ئەتىدىن باشلاپ سەئىد دوختۇرنى بەلكىم مەڭگۈ كۆرەلمەسمەن...
ـــ ئىشتىن چۈشۈپ...نېمىش قىلىسىز؟ـــ بۇ سۇئالنى قانداقلارچە ئوتتۇرغا قويغىنىمنى بىلمىدىم.ئىشقىلىپ ئۇنىڭ بىلەن ئەڭ ئاخىرقى كۈندىمۇ بىللە يۈرىۋېلىش ئارزۇيۇم شۇنداق ئاشكارە ئېغىزىمدىن چىقىپ كەتتى، ـــ شۇنچە ئۇزۇن ۋاقىت مېنى بەكمۇ كۆيۈنۈپ داۋالىدىڭىز، رەھمەت ئيېتاي دەپ...ـــ دېدىم يەنە، يۈزلىرىم لاپپىدە ئوت ئېلىپ كەتكەندەك قىزىشىپ كەتتى.
ـــ باشقا ئىشىمغۇ يوق، لېكىن بىمارنىڭ رەھمىتىنى قۇبۇل قىلسام... كەسپىي ئەخلاققا خىلاپلىق قىلغان بولىمەنمىكىن؟... شۇنداقتىمۇ دوستلار ئارا بىرگە تاماق يېيىش بولسا، ئۇنىڭ يولى باشقا. چۈنكى بىز ھازىر دوختۇر بىلەن بىمارلا ئەمەس، يېقىن دوستلاردىنمۇ بولۇپ قالدۇق،شۇنداقمۇ؟...ـــ دېدى ئۇ،كۆزلىرىدە ئاشۇ چاغدا چاقنىغان ئوتلۇق ھارارەتنى شۇ تاپتىمۇ كۆز ئالدىمغا كەلتۈرەلەيمەن.
ـــ ئەلۋەتتە، مەنمۇ شۇنداق دېمەكچى ئىدىم.
ـــ ئىككى سائەتتىن كېيىن تېلېفۇنلىشايلى.ئاڭغىچە تەييار بولۇڭ،تاماقخانىنى مەن ئورۇنلاشتۇراي.بۇ شەھەرلىك بولغىنىم ئۈچۈن، قايەردە بىزگە ماس كېلىدىغان يەرلەرنىڭ بارلىقىنى بىلىمەن.
شۇنداق كېلىشتۇق.شەھەرنىڭ ئاۋات يېرىدىكى تاماقلىرى ناھايىتى ئوخشايدىغان،مۇھىتى بەكمۇ ئازادە تاماقخانىدا روبىرو ئولتۇرۇپ تاماق يىدۇق.تاماق بەكلا تېتىملىقمۇ ياكى كەيپىياتىم بەكلا ياخشى بولغاچقا شۇنداقمۇ،ئۇ كۈنى تولىمۇ خوشال ئىدىم،سۆزلىرىمىز زادىلا تۈگىمەيتتى.مەلۇم ئىشلارغا، ۋەقەلەرگە بولغان كۆز قاراشلىرىمىز، قىزىقىشلىرىمىز، پىكىر قىلىشلىرىمىزدا نۇرغۇن ئورتاقلىقلىرىمىز بار ئىدى.ئەپسۇس شۇنداق كۆڭۈللۈك چاغلارنىڭ ئۆتۈپ كەتمىكى بەكمۇ تېز بولىدىكەن.
بىز قايتىپ كېلىۋاتقاندا،ئۇ، كېچىنىڭ سالقىنلىقىنى، تاماقنى بەكلا جىق يەۋالغانلىقىنى، شۇڭا مېنى ئاپىرىپ قويغاچ، ئۆيىگە پىيادە قايتقۇسى بارلىقىنى ئېيتتى.شۇنداق دەۋېتىپ قولۇمنى تۇتىۋالدى.ئالقىنلىرىدىن شۇ چاغدا تەپچىگەن ئوتتەك قىزىق ھارارەت ئۇدۇللا يۈرىكىمگە تەپتى. قولۇمنى تارتىۋالماقچى بولدۇم-يۇ،تارتالمىدىم. ھەتتا بىر ئېغىز سۆزمۇ قىلالمىدىم.ئۇمۇ بىردىنلا شۈكلەپ قالدى. ئېغىر-ئېغىر تىنىۋاتقانلىقىنى، يېنىك ئۇھ تارتىۋاتقانلىقىنى سەزدىم. خىياللىرىم قاناتلاندى.تۈرلۈك ھەۋەسلەر،بىر خىل قانائەتسىز ئارزۇ ئارمانلار خۇددى ھەشقىپېچەكتەك روھمنى، ۋۇجۇدۇمنى چىرماشقا باشلىدى. مەيلى، مەيلى...قانداق ئىشلار يۈز بەرسە بېرىۋەرسۇن، ھەرگىز پۇشايمان قىلمايمەن...دەپ ئويلايتتىم. ئەگەر ئاشۇ كۈنكى قالغان ۋاقىتنىڭ ھەممىسىدە راستىنلا ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشالىغان...بولسام، يۈز بەرسە مەيلى دەپ ئىختىيارىغا قۇيىۋەتكەن ئاشۇ ئىشلار ھەقىقەتەن يۈز بەرگەن بولسا، ھاياتىمدا يەنە نېمە ئۆزگىرىشلەر بولاتتىكىن، دېگۈم كېلىدۇ..ئەگەر شۇنداقلا بولغان بولسا،بىز ھازىر ھەرگىزمۇ يالغۇز دوختۇر بىلەن بىمار ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەت بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايتتۇق، دەپ ئەپسۇسلىنىمەن...
دەل شۇ ۋاقىتتا قول تېلېفونۇم تۇيۇقسىزلا سايراپ قالدى.كىچىككىنە ئېكراندا،«ئېرىم»دېگەن خەت خۇددى ئۆتكۈر ۋە سوغوق قېلىچتەك ۋالىلداپ تۇراتتى.توۋا خۇدايىم، بۇ نەرسىنى نېمىشقىمۇ ئېتىۋەتمىگەندىمەن؟نېمە دېگەن قاملاشمىغان چاغدا كەلگەن تېلېفۇن بۇ ھە؟ توۋا خۇدايىم،ئۇنىڭ سەزگۈرلىكىگە،مېنى ھەرۋاقىت،ھەرقانداق چاغدا كونتۇرۇل قىلىپ تۇرۇشلىرىغا ۋە تۇرالايدىغانلىقىغا ئاپىرىن!باياتىندىن بېرى غۇرۇرىمنى، قېنىمنى شوراپ، چىرماپ تۇرغان نەپسىم، ھەۋەس شەيتانلىرىم بۇ تېلېفۇن بىلەن بىردىنلا تېرەپېرەن بولۇپ كەتتى...خۇددى توك تېپىۋەتكەندەك، ئاسماندا تۇيۇقسىز بىر چاقماق چېقىلىپ، قوللىرىمىزنى تىلىۋەتكەندەك، كوچىنىڭ قانداقتۇر بىر يەرلىرىدە ئۇنىڭ ئاشۇ سۈرلۈك كۆزلىرى ماڭا تىكىلىپ تۇرىۋاتقاندەك، ھەتتا ئالدىمغا ئېتىلىپ كېلىپ، نېمىش قىلىۋاتىسەن؟ بۇ كىم؟ دەپ ئاغزى بۇرنۇمنى قان قىلىۋېتىدىغاندەك، ئۆزۈممۇ تېلېفۇننى ئالغاچ، تىترىگىنىمچە ئۇياق-بۇياققا قاراپ كەتتىم.تەبىئىيلا،بىر-بىرىمىزدىن دەرھال يىراقلىدۇق.سەئىد ئالدىمدا، قەدەملىرىنى تېز-تېز ئېلىپ كېتىپ قالدى...
ـــ ئۈچ كۈندىن كېيىن قايتساممۇ قايتىدىكەنمەن،تايىنلىق بۈگۈنلا قايتاي دېدىم، بالنىستىن ئەتە چىقىدىغىنىڭنى دېۋىدىم، بۇ يەردىكىلەرمۇ رۇخسەت قىلدى. مەن شۇ تاپ ئايرۇدۇرۇمدا، يېنىڭغا كېچە چۈشۈپ قالىدىغان ئوخشايمەن...
يولدىشىم ئىچكىردىكى مەلۇم ساقچى قىسىمدا ئىككى يىللىق چېنىقىشقا قاتنىشىۋاتاتتى.ۋاختىمۇ توشۇپ قالغاندى.ئۇنى ھەپتىدىن كېيىن قايتىدۇ،دەپ بىلگەچكە،بۇنداق چاغدا تۇيۇقسىز يېنىمدا پەيدا بولىدۇ دەپ ئەسلا ئويلىمىغان ئىدىم.
ـــ ھە...
تېلفوننى قويغىنىمدىن كېيىنلا سەئىد قەدەەملىرىنى ئاستىلىتىپ، مېنى ساقلىغان بولدى.ئاڭغىچە دوختۇرخانىنىڭ ئالدىغا كېلىپمۇ قالغاندۇق.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر