باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ئۆمۈرلۈك ئاشىق(1)

نۇرگۈل ئەبەي

2015.08.20 11:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ــــ زادى نىمە ئۈچۈن قەتتى ئاجرىشىمەن دەيسىز؟ ـــ ئېرىم ئازاپ ئىچىدە شۇنداق دەپ سورىدى،ئىلگىرى مەن«ئاجرىشىمەن»دىگەن بۇ سۆزنى تالاي قېتىم دىگەن ئىدىم،بۇلۇپمۇ يېڭى توي قىلغان چاغلىرىمىزدا شۇنداق ئىدى،مەن ھە دىسىلا ئاجىرشىشنىڭ گېپىنى قىلاتتىم،ئۇ چاغلاردا پۈتۈن خىيالىم ئەسئەتتىلا ئىدى.

  ئەسئەت مىنىڭ تويدىن بۇرۇنقى يۈرگەن يىگىتىم ئىدى،بىز بىر يىل يۈرۈپمۇ توي قىلالمىغان ئىدۇق،ئۇ چاغلاردا مىنىڭ ئەسئەتكە،ئەسئەتنىڭ ماڭا بەكمۇ كۆڭلىمىز بار ئىدى،ئەمما دادام مىنى ئۇنىڭغا زادىلا بەرگىلى ئۇنمىدى،دادام بەكمۇ ئاچچىغى يامان ئادەم ئىدى،«ساۋۇت كاژ»دىسە پۈتۈن بازار خەلقى تۇنۇيتى،قاسساپلىق قىلاتتى،كىچىگىمىزدىن تارتىپلا دادامغا تىك بېقىپ قارىيالمايتۇق بۇ جەھەتتە ئاناممۇ شۇنداق ئىدى،ئەزەلدىن دادام بار يەردە چىش يېرىپ بىر ئېغىز ئۇنىڭ كۆڭلىگە كىلىدىغان سۆز قىلالمايتى،ھەتتا تاماقنىمۇ دادام بار يەردە ئاۋازىنى چىقىرىپ يىيىشكىمۇ جۈرئەت قىلالمايتى،بىزنىڭ ئەھۋالىمىزمۇ شۇ ئىدى،دادام ئۆيدىلا بولسا بىز ھەتتا دادامنىڭ كۆزىگە كۈرۈنۈپ ئولتۇرۇشتىنمۇ قورقاتتۇق،نىمىشقا شۇنچە قورقىدىغىنىمىزنى تا ھازىرغىچە بىلەلمەيمەن،بەلكى ئاپام قورققاچقا بىزمۇ قورقىدىغان بولساق كېرەك...

  مەن بالىلارنىڭ ئەڭ كىچىگى ئىدىم،ئىككى ئاچام بىلەن چوڭ ئاكام ئاللىبۇرۇن توي قىلىپ،ئۆي ئايرىپ چىقىپ كەتكەن ئىدى،ئۇلارنىڭ توي ئىشىمۇ ئاساسەن دادامنىڭ دىگىنى بۇيىچە بولغان ئىدى،مۇھەببەتىن ئېغىز ئېچىش مۈمكىن بولمىسىمۇ،قېرىنداشلىرىم ھەرھالدا تۇرمۇشتا خاتىرجەم ئىدى.

  مەن ئانامغا يىغلاپ،ئەسئەتكە تېگىمەن دەپ بېشىمنى يەرگە ئۇرىۋالغۇدەك ئەسكىلىك قىلساممۇ،دادامنىڭ ئالدىدا ھەتتا «ياق»مۇ دىيەلمىدىم،ئانام:«ئاۋازىڭنى چىقارما،ھېلى داداڭ ئاڭلاپ قالسا نىمە كۈننى كۈرەرمىز؟...»دەپ مىنىڭ يىغىللىرىمنىمۇ دادامغا ئاڭلاتماي، قورقۇنچىلىقتا رادىئونىڭ ئاۋازىنى قۇيۇپ بىرىپ ھويلىغا چىقىۋالدى...

  ــــ ھازىرقى ياشلاردا ئەدەپ قائىدە دىگەن كۆتۈرلۈپلا كەتتى،خىجىل بولمايلا كوچىدا ھاراق ئىچىپ يېتىپ قالىدۇ،تاماكىنى قىڭغىر چىشلەپ يولىغا مېڭىۋىرىدۇ،كوچا دىمەي ئاغزىغا ئەڭ سەت تىللارنى ئېلىپ بىر بىرى بىلەن سوقۇشۇدۇ ھەتتا شۇنداق تىللار بىلەن چاق چاقلىشىدۇ،كۈن بۇيى لاغايلاپ بىر ئىشنىڭ پېشىنى تۇتمايدۇ،ئاتا ئانىسىنىڭ ئىلىگىنى قۇرۇتۇپ يۈرگىنى يۈرگەن...ئەمما غەنى ئۇنداق ئەمەس،ئىشلىرىغا پۇختا،دىيانەتلىك،تەقۋادار،ئىمانىمۇ ئىنساۋىمۇ بار بالا،كۈيئوغۇللۇققا بۇ بالىدىنمۇ ئارتۇق ئېسىل نامزات بولمايدۇ،ئۇنىڭ سارەمنى ياراتقىنى قىزىمىزنىڭ بەختى!سەنمۇ ماڭا مىكى مىكى دىگەن گەپنى تولا قىلماي دەرھال تەييارلىقىڭنى قىلىۋەر،بۇ تويغا سالا كەتمەيدۇ!قىلغىنىم قىلغان!...ــــ دادام ئانامدىن مىنىڭ بۇ تويغا ئۇنچە رازى ئەمەسلىگىمنى چالا پۇچۇق ئاڭلاپلا شۇنداق دەپ قايناپ كەتتى.

  بەلكىم كىچىگىمدىن تارتىپلا دادامنىڭ مۇزدەك تۈرۈلگەن قاپاقلىرىنى يامان كۆرسەم كېرەك، دادامغا ئوخشايدىغان تەقۋادار، ئارتۇق گەپ قىلمايدىغان،قىلسىمۇ، قىلغان گەپلىرى ھاۋانى يېرىۋېتىدىغاندەك قوپال ھەم بۇيرۇقۋاز ئەرلەرنى ئۆچ كۆرەتتىم، كەلگۈسى تۇرمۇشۇمنى چۇقۇم ئەر ئايال باراۋەرلىكتە،كۈلۈپ يايراپ،بىر ئائىلە كىشىللىرى ئىناق ئىتىپاق بولغان خوشال بىر مۇھىتتا يارىتىمەن،ھەرگىزمۇ ئانامدەك«خوش غوجام»نىلا كۈتىدىغان ئەرلەرگە تەگمەيمەن،دەپ ئويلايتىم،شۇڭىمۇ ھاراق ئىچكەن،تاماكا چەككەن ئوغۇللارنى بەكمۇ يامان كۆرمەيتىم،بەلكى بۇلارنى ئەركەكلىكنىڭ بىر خىل بەلگىسى دەپمۇ بىلەتتىم،جەمىيەت كۆرگەن،ھەر قازاندا ئوينىغان ئوغۇللارنى ھەقىقى ئوغۇلبالا دەپ ئويلايتىم،كۆپچىلىك دوستلۇرۇممۇ شۇنداق قاراشتا ئىدى،شۇڭا بىز قىزلار غەنىگە ئوخشاش «تالىپ چىراي»ئوغۇللارنى ئەمەس،ئەسئەتتەك بىر قۇلىدا ئوتنى،بىر قۇلىدا سۇنى كۆتۈرۈپ يۈرىدىغان،يۇمۇرچى،شوخ،تېتىك،بوي بەستى ئېگىز،قاملاشقان ئوغۇللارنى ياخشى كۆرەتتۇق...

  غەنى دادامنىڭ يېقىن دوستىنىڭ ئەتىۋارلىق ئوغلى ئىدى،ھەرگىزمۇ مەن ياخشى كۆرىدىغان يىگىتلەرنىڭ تىپى ئەمەس ئىدى،نە ئادەمنى قاقاقلىتىپ كۈلدۈرىدىغان ئىككى ئېغىز قىزىق پاراڭلىرى،نە قىزلارنى مەھلىيا قىلىدىغان بوي بەستى يوق ئىدى،ئۆزى دوغلاق،چاچلىرى شالاڭ،گەپ سۆزلىرى ئۇدۇل، ھىسىياتسىز ئىدى، تاماكا چەكمەيتى،ھاراقمۇ ئىچمەيتى،زادىلا ئارتۇق گەپ قىلمايتى.ئەسئەتنىڭ مىجەزى،يۈرۈش تۇرۇشى بىلەن ئاسمان زىمىن پەرقلىنىپ تۇراتتى،

  ئەسئەتنى ياخشى كۆرەتتىم،دەپ كىچىك ئاچامنىڭ ئۆيىگە باردىم،ئەمما ئاچامدىنمۇ مىنى قوللىغۇدەك جاۋاپ ئالالمىدىم.ــــ دادامدەك پىلانلىق ئادەم يوق سىڭلىم،ماقۇل دىگىن، قارىغىنە،ئۆز ۋاختىدا مەنمۇ ئاكاڭغا توي قىلمايمەن دەپ،ئانام بىچارىنى يالۋەرگۈزۈپ بۇ توينى قىپتىكەنمەن،ھازىر ئويلاپ ساراڭكەنمەن دەپ قالىمەن،ئاكاڭ بىلىسەن شۇنداق كىلىشەڭگۈ،قۇلى ئەپچىل،يۇلى بار،يۈرۈشى بار،خەقلەرنىڭ ئېرىدەك لايغەزەل ئەمەس...ـــ ئاچام شۇنداق دەپ مىنى دادامنىڭ قىيامەتلىك دوستىنىڭ ئوغلىغا تېگىشكە نەسىھەت قىلدى...

  مەن ھىچقانداق يەردىن ئەسئەتكە تېگىش ئويۇمنى قوللايدىغان كۈچ ۋە مەدەتنى ئالالمىدىم.ئىچ ئىچىمدىن دادامغا قارشى تۇرغۇم،دادام بىر قوللۇق ئىلكىگە ئېلىۋالغان ئۆمۈرلۈك «بەخت»ىمگە ئۆزۈم ئىگىدارچىلىق قىلغۇم كىلەتتى،شۇڭا ئۆگۈنلۈككە توي بۇلىدۇ ،دىگەندە يېقىن دوستۇم پەزىلەت ئارقىلىق،ئەسئەتنى چاقىرتتىم،ئەسئەتنىڭ كۆزلىرى ئامالسىزلىقتىن قىزىرىپ كەتكەن ئىدى،«ئۇخلىيالمايۋاتىمەن،سېنىڭ توي قىلىدىغانلىقىڭنى ئويلىساملا يۈرۈگۈم ھېلىلا يېرىلىپ كىتىدىغاندەك بۇلۇپ قالدىم...»دەپ بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتتى ئۇ،مەن:

  ـــ بىز قېچىپ كېتەيلى ئەسئەت...مىنى ئېلىپ نەگە كەتسەڭمۇ،قانچىلىك ۋاقىت كەينىڭگە سېلىپ يۈرسەڭمۇ رازى بولدۇم،بىز ئۆز بەختىمىزنى ئۆزىمىز تېپىشىمىز كېرەك...ـــ شۇنداق دىگىنىمچە ئۇنىڭ بوينىغا گىرە سېلىپ يىغلاپ كەتتىم،بۇ گېپىمنى ئاڭلاپ،ئۇ دەسلەپ بەكمۇ خوشال بولدى:

  ـــ راستمۇ؟راست شۇنداق قىلالامسەن؟..ـــ دىدى ئۇ تىترەپ

  ـــ مەن ھەتتا شۇ تاپتىلا سېنىڭ كەينىڭدىن كىتەلەيمەن،تەييارلىقىم بىلەن سېنىڭ يېنىڭغا كەلدىم ـــ دىدىم

  ئەسئەت مىنى باغرىغا تېخىمۇ مەھكەم باستى،بىز قېچىپ كىتىدىغان بۇلۇپ كىلىشتۇق،ئەسئەت ئەتىسى سەھەر سائەت 5تىلا بازارنىڭ تۆۋەنكى دەرۋازىسىدا مىنى ساقلاپ تۇرىدىغان بولدى،ئۇنىڭ دىيىشىچە ئۇمۇ پۇختا تەييارلىق قىلىپ ئۆيدىن چىقمىسا بولمايدىكەن.بىز شۇنداق كىلىشتۇق،كېچىچە ئۇخلىمىدىم،ئۆزۈمنىڭ بەختىمنىڭ تاڭ بىلەن تەڭ باشلىندىغانلىغىنى ئويلاپ،زادىلا ئۇيقۇم كەلمىدى،دادامغا،ئانامغا زادىلا ئىچىم ئاغىرمىدى،بۇلۇپمۇ دادامنى زادىلا ئويلاپ قويغۇم كەلمىدى،بالا بولدۇم دەپ مەڭگۈلۈك بەختىمنى قولدىن بىرىپ قويسام بۇلامدىكەن؟دادام بولغاچقىلا يول قۇيۇشۇم كېرەكمىكەن؟...قەلبىمدىن ئېتىلىپ چىقىۋاتقان بىر ئىسيانكار روھ ھە دەپ مىنىڭ ئىرادەمنى چىڭىتىپ تۇراتتى.

  ئەتىسى دادام مەسچىتكە كېتىشى بىلەنلا،ئانامنىڭ بامداتقا تۇرغان ۋاختىدىن پايدىلنىپ غىپپىدە ئۆيدىن چىقىپ كەتتىم،ھەم ئۇدۇللا تۆۋەنكى دەرۋازىغا بېرىپ،ئۇ يەردە،كىشىلەرنىڭ كۆزىگە ئانچە چېلىقمايدىغان چوڭ سېدىنىڭ تۈۋىدە ئەسئەتنى كۈتتۈم،ئەمىليەتتە مەن بىز كىلىشىپ قويغان ۋاقىتتىن سەل كېچىكىپ كەلگەن ئىدى،ئەمما ئەسئەت كۈرۈنمەيتى،مەن ھېلى كىلەر،مانا كىلەر بىلەن بىرەر سائەتتەك ۋاقىت ساقلىدىم،كوچىلاردا ئادەملەر كۆپۈيۈشكە باشلىدى،كۆزلۈرۈم ئەسئەتنىڭ يولىغا تەلمۈرۈپ ئازاپىلق ياش تۆكەتتى،ئاخىرى تىت تىت بۇلۇپ ئۈمۈتسىزلىگىم پەللىگە يەتكەندە،يېنىمدا ئەسئەتنىڭ دوستى ئادىل تۇيۇقسىزلا پەيدا بۇلۇپ قالدى:

  ـــ تويىڭىزنى قىلىۋېرىڭ سارە،ـــ دىدى ئۇ ماڭا ئىچ ئاغىرتىۋاتقاندەك مەيۈس قاراپ، ـــ ئەسئەت كىلەلمەيدىغان بولدى

  ـــ نىمىشقا؟...ـــ ياشلىرىم سىيرىلىپ چۈشتى،مەن ئەسئەتنىڭ بىرەر پىشكەللىككە ئۇچۇرغانلىغىنى بىلدىم
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر