باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

كۆزلىرىڭ خائىن(1)

نۇرگۈل ئەبەي

2015.08.20 10:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

باش كۈز كىرىپ قالغاندى. توڭۇپ كەتكەن كۈلرەڭ قۇشقاچلار پەيلىرىنى پاخپايتىپ،يالىڭاچلىنىشقا باشلىغان دەرەخ شاخلىرىدا ئۇيان بۇيان سەكرىشىپ يۈرەتتى. ئۈششۈكتىن قارداپ سولىشىپ كەتكەن چىملار،شامالدا ھەريان پىرقىراپ يۈرگەن ساپسېرىق يۇپۇرماقلار ئادەمنىڭ كەيپىنى ئۇچۇراتتى.
ـــ توختا، مۇشۇ يەردە ئىشىم بار... سەن كېتىۋەر!ــ قازىقىستانغا مۇھىم بىر سودا يەرمەكىسى ئۈچۈن كېتىۋاتقان بىلال، ئايرىدۇرۇمغا ئازلا قالغان يولدا، بىر ئەنسىزلىك بىلەن شوپۇرنى ۋاقىراپ دېگۈدەك توختاتتى. شۇ كۈنلەردە غەلىتىلا ئۆزگۈرۈپ كەتكەن خوجايىنىنىڭ ھازىرقىدەك قىلىقلىرىغا خېلىلا كۆنۈپ قالغان شوپۇر بالا زۇۋان سۈرمەيلا ماشىنىنى يولنىڭ چېتىدە تورمۇزلىدى. ناھايىتى قاملاشقان،شوخ،ئادەتتىكى گەپلەرنىمۇ قالتىس يۇمۇرلۇق قىلىپ سۆزلەپ،يېنىدىكى ئادەمنى زادىلا زېرىكتۈرمەيدىغان،بۇ يىگىت ئۈچ يىلدىن بۇيان بىلالنىڭ ماشىنىسىنى ھەيدەپ كېلىۋاتاتتى.
ــ شوپۇرىڭىز بەكلا قىزىقچى بالىكەن!
بەلكىم ھەممە ئىش خوتۇنى شوپۇرنى ماختىغان ئاشۇ كۈندىن باشلانغان بولسا كېرەك.بىلال شوپۇرغا ئۆچ بولۇپ كەتتى.ئۆچ بولغاندىمۇ،ئاجايىب ئۆچ بولۇپ كەتتى.ئۇنى كۆرەرگە كۆزى يوق،ئېيتارغا بىر ئېغىز ياخشى گېپى يوق ئىدى.شوپۇرنىڭ ھەرقانداق ئىشىدىن قۇسۇر ئىزدەيتتى، باشقىلارنىڭ كۆزىچىلا،ئۇنىڭغا قالايمىقان چېچىلاتتى.شوپۇرغۇ كىچىك بالا،يېشىمۇ خوتۇنىدىن خېلىلا پەرقلىق.ئەمما ئۇنى خوتۇنىغا،خوتۇنىنىڭ قاپ قارا كۆزلىرىگە مەپتۇن بولمايدۇ،دەپ كىم ھۆددە قىلالايدۇ؟ئۇلار بەلكىم بۇرۇندىنلا تونىشىشى،ھەتتا بىر بىرىگە ئىچ پەش تارتىشىپ،خېلى چوڭقۇر مۇناسىۋەتتە بولغان بولىشى مۈمكىن...شوپۇر كەتكەندىن كېيىن،بىلال يول بويىدىكى يوغان بىر تۈپ ئارچىنىڭ دالدىسىدا،كەينى كەينىدىن بىرنەچچە تال تاماكىنى چېكىپ تۈگەتتى.نېمىشقىدۇر قوللىرى تىترەپ كېتىۋاتاتتى.باغرىنى ئۆرتەپ تۇرغان ئەنسىز تۇيغۇلار ئەتراپ قاراڭغۇلىشىشقا باشلىغانسېرى تېخىمۇ ئۇلغىيىپ كەتكەن ئىدى.ئۇ خوتۇنىغا ئىشەنمەيتتى.خوتۇنىنىڭ قاپقارا كۆزلىرى ئۇنى زادىلا خاتىرجەم قىلمايتتى.
«ھەي،بۇنداق خوتۇندىن قۇتۇلۇپ كېتىش كېرەك ئىدى. نەگە بارسا،كىمگە تەگسىمۇ تەگسە، شۇ لەنىتى كۆزلىرى كىمگە قارىسا قاراۋەرسە،پەقەت خاتىرجەملىكىم ئەسلىگە كەلسە... »ئۇ تالاي قېتىم شۇنداق دەپ قەددىنى رۇسلاشقا تىرىشىپ باقتى.ئەمما گەپ شۇنداق ئېيتىلىپ،ئىرادە شۇنداق تىكلەنگەن بىلەن، ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرماق بەكلا تەس.مۇبادا،زىبا ئۇ بىلمەيدىغان، ئۇخلاپ چۈشىگىمۇ كىرمەيدىغان يەرلەردە،ئاللىقانداق ئەرلەرنىڭ كەينىدە يۈرسىغۇ يۈردى،ئۇ ئۇنتۇپمۇ كېتەلەيتتى،لېكىن ئۇنداق بولماي بىلالنىڭ كۆز ئالدىدىلا،ھاجى،ئىمىن ياكى سادىق...قا ئوخشاش بايلارنىڭ كەينىدە،ئۇلارنىڭ ئاشنىسى ھەتتا خوتۇنى بولۇپ يۈرسە...بۇنىڭ ئازابىغا قانداق چىدىغىلى بولسۇن؟...ئۇنىڭ زىبادىن يا تايىنلىقلا قۇتۇلۇپ كېتىش،يا ئۆزىگە مەھكەم باغلىۋېلىش ئويلىرى،گويا قامچا تەگكەنسېرى پىقىراپ توختىمايدىغان نۇرغا ئوخشاش ھېچقاچان بىر يەردە توختىمايتتى.زىبا ئۇنىڭ ئۈچۈن خوتۇنۇم دەپ بىر ئۆمۈر ئۆتكىلىمۇ بولمايدىغان،تاشلىۋېتىپ تېخى يۈرەك چىدىمايدىغان،ئەمما جانغا جان بەرگۈچى ئاجايىب سىرلار مۇجەسسەملەنگەن گۈزەل ئايال ئىدى.
بىلال تىجارەتتە خېلىلا ئۇتۇق قازانغان ياراملىق سودىگەر ئىدى.لېكىن قاچانكى قايتا نىكاھلىنىپ، زىبانى خوتۇنلۇققا ئالدى،شۇ كۈندىن باشلاپ ئۇنىڭ بارلىق ئىشلىرى ئاستىن-ئۈستىن بولۇپ كەتتى.خوتۇنى يېنىدا تۇرىۋاتسىمۇ،ئۇنىڭ بىلەن بىر ئۆيدە،بىر ياستۇقتا يېتىۋاتسىمۇ ھەرقاچان ئىچىدە بىر قورقۇنچ،خاتىرجەمسىزلىك سېزەتتى. قولى ھېچ ئىشقا بارمايتى.ھېچكىشىگىمۇ ئىشەنمەيتى.ھەممە ئادەم ئۇنىڭغا ساتقىنلىق قىلىۋاتقاندەك،ئۇنى ئالداۋاتقاندەك،ئالدىدا كۈلۈپ تۇرغان بىر دوست،ئۇ كەينىنى قىلىشىغىلا،خوتۇنى بىلەن كۆز قىسىشىدىغاندەك تۇيۇلاتتى.تېخىمۇ قورقۇنچلىق يېرى،ئۇ ئۆزىگىمۇ ئىشەنمەس بولۇپ كېتىۋاتاتتى.قولىدا تۇتۇپ تۇرىۋاتقان پۇل پۈچەكلىرى،بايلىق ھوزۇرى ھاجى،ئىمىن،سادىق...قا ئوخشاش بايلارغا قارىغاندا ھېچنېمە ئەمەستەك، ھەتتا ئۆزىنىڭ چىراي شەكلى، يۈرۈپ تۇرۇشى،جىسمانى قۇۋۋىتىدىنمۇ خۈدۈكسىنەتتى.
ھەق نىكاھلاپ ئەمرىگە ئالغان بولسىمۇ، خوتۇنىنىڭ ئۆتمۈشى توغۇرلۇق بىلالنىڭ بىلىدىغانلىرى تولىمۇ چەكلىك ئىدى. ئۆتكەن بەزى ئىشلارنى ئەسلەش ئۇنىڭ ئۈچۈن ئېيتقۇسىز ئازاب ئىدى.زىبانىڭ دادىسى يوق،شەھەرگە بەكمۇ يىراق تاغلىق يېزىدا چوڭ بولغان.شۇ يېزىدا ئۇنىڭ بىر قورساق ئاكىسى بىلەن ئۆگەي ئانىسىلا بار.شەھەرگە ئادىل گەدەنگە ئەگىشىپ چىققان ۋە ئادىل گەدەنگە خوتۇن بولغان،ئۇنىڭ ئادىل بىلەن قانداق تونۇشۇپ قالغانلىقىمۇ بىر سىر...كېيىن زىبانى ئادىل گەدەندىن بىلال تارتىۋالدى.ئۇ چاغلاردا،ئادىل دادىسىدىن قالغان مىراسنىڭ ھەممىنى دېگۈدەك بەتخەجلىك بىلەن يەپ تۈگىتىپ،پۈتۈنلەي خانىۋەيران بولغان ئىدى.
خۇددى دېڭىزدا لەيلەپ يۈرگەن بەختسىز يولۇچى،ئېقىپ كەلگەن بىر پارچە تاختايغا جەن جەھلى بىلەن يامىشىۋالغاندەك،زىبامۇ،قولىدىن ھېچ ئىش كەلمەيدىغان ئېرىنى تاشلاپ، بىلالغا مەھكەم چىرماشتى.بىلالنىڭ ئاشىق كۆڭلىنى پەقەتلا رەت قىلمىدى،بەلكى ئۆزىنىڭ بەختسىزلىكىدىن،نادانلىقىدىن،بىلمەسلىكىدىن زارلىنىپ،كۆز ياشلىرى ئارقىلىق ئۇنىڭ ھېسداشلىقىغا ئېرىشتى. ئۇنىڭغا چىدىغۇسىز،ئۇنتۇلغۇسىز، تاتلىق، شېرىن ۋەدىلەرنى قىلدى.كۆڭۈل دېگەنگە ئامال يوقكەن.ئەمىلىيەتتە بىلال زىبانىڭ ئۆزىنى ئالداۋاتقانلىقىنى،ئۇنىڭ بارلىق ناز كەرەشمىللىرىنىڭ،ساختا ۋەدە قەسەملىرىنىڭ،كېيىنكى كۈنلەردە توققۇزى تەل باياشات تۇرمۇش كەچۈرۈش،بىلالنىڭ بارلىق مال مۈلكىگە ئېگە بولۇش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى بىلمەيمۇ قالمىغاندى.بىلىپ تۇرۇپ،ئۇ،بۇ گۈزەل ئايالدىن ئۆزىنى تارتالمايتتى.ئۇنى ھەتتا باشقا ئەرلەردىن قورۇپ،قىزغىنىپ،خوتۇن باللىرىنىڭ ئاھۇ زارىغىمۇ قارىمايلا نىكاھىغا ئېلىۋالدى. زىبانىڭ بارلىق نەپسى خاھىشىنى قاندۇرۇشقا تىرىشتى.دېگىنىنى قىلىپ بەردى.زىبۇ-زىننەت،كىيىم كېچەك،خەج-خىراجەتتىن ھېچقاچان قىسىپ قويمىدى.ئۇنىڭ بۇ نىكاھتىن كۈتىدىغان بىردىن بىر تىلىكى پەقەت ــ زىبا ئۆزىنى سۆيمىسىمۇ مەيلى، ئاشۇ جادۇ كۆزلىرىنى باشقا ئەرلەرگە تىكمىسە،ئۇنىڭ ئامانىتىنى جايىدا ساقلىيالىسا،ئادىل گەدەننى يەكسان قىلغاندەك،ئۇنىمۇ دوست-دۈشمەنلەرنىڭ ئالدىدا يەكسان قىلمىسىلا بولاتتى.
ئۇنىڭ زىبانى پۈتۈنلەي ئېگەللىۋېلىش خاھىشى شۇ قەدەر يالىڭاچ،شۇ قەدەر ئەسەبى ئىدىكى،ھەرقانداق ئەر زاتىنىڭ خوتۇنىغا يېقىنلىشىشىغا،قارىشىغا،سۆزلىشىشىگە ھەتتا خوتۇنىنى كۆرۈپ قېلىشىغىمۇ قارشى ئىدى.ئەپسۇس،ئۇنىڭ شۇنچە قورىغىنىغا،شۇنچە پۇچۇلانغىنىغا يارىشا ئىش بولمايۋاتاتتى.ئۇ خوتۇنىنى ئېلىپ نەگىلا بارسا،شۇ يەردە بىر توپ ئاچ،ھاياسىز ئوغۇرى كۆزلەر پەيدا بولاتتى. ھەممىدىن ئاھانەتلىك يېرى، خوتۇنىنىڭ كۆزلىرىدىمۇ شۇنداق بىر تەلۋە ھاياجان جىلۋە قىلاتتى.
«ئۇ چوقۇم ھاجىنىڭ قوينىدا...»
شۇ تاپتىمۇ،ئۇنى ئايرۇپىلانغا خاتىرجەم چىققىلى قويمايۋاتقان گۇمان ۋە ئىشەنچسىزلىك يۈرىكىنى مەھكەم قاماللاپ تۇراتتى. كۆز ئالدىغا ھاجىنىڭ كەيپ ساپالىق تۇرمۇش ئىچىدە ئىششىغان،خۈنۈكلەشكەن چىرايى،قان تولغان ئېلىشاڭغۇ كۆزلىرى،مايماق چىشلىۋالغان تاماكىسىنىڭ ئىسىنى پۇرقۇتۇپ مەسخىرىلىك ھىجىيىپ تۇرغان رەزىل چىرايى كەلدى. ھاجى ناھايىتى بەدبەشىرە ئادەم ئىدى.دورداي كالپۇك،يۈزى تەرلەپلا تۇرىدىغان، چوقۇر يۈزى دانىخورەكتىن قالغان تارتۇقلار،داغلار بىلەن تولغاندى.ھالبۇكى بۇ بەدبەشىرە،بارلىق ئاياللارنى ئۆزىگە تارتىپ تۇرىدىغان غايەت زور ئىگىلىكى بار چوڭ باي ئىدى.نەچچە يىللاردا تولاراق چەت دۆلەتلەردە يۈرگەچكە،بىلال،ئۇنى، زىبا بىلەن يېڭى توي قىلغان شۇ ئايدا،ئاشۇ سورۇندا كۆرگەن ئىدى.
ئۇ كۈنكى داستىخاننى ھاجى ئۇزۇندىن بۇيان،ئۆزى بىلەن ھەمدەم بولۇپ بىللە تىجارەت قىلىۋاتقان شېرىك سودىگەرلەر ئۈچۈن تەييارلىغان ئىدى.تەكلىپتە «ئەر-ئايال»دەپ ئالاھىدە تەكىتلەنگەن بولغاچقا بىلالمۇ زىبانى باشلاپ بارغان ئىدى.سورۇن ئەمدىلا باشلانغاندا،بىلال ئەرلەرنىڭ ئارىسىدا ئولتۇرۇپ،ئۆزىمۇ تۇيمىغان ھالدا شۇنچە كۆپ ئاياللارنىڭ ئىچىدە يىگانە يۇلتۇزدەك،تېخىمۇ جۇلالىنىپ كەتكەن خوتۇنىغا،خوتۇنىنىڭ خائىن كۆزلىرىگە ئەنسىزلىك ئىچىدە كۆز ئۈمەي قاراشقا باشلىدى.ئاشۇ جادۇ كۆزلەرنىڭ قايسى ئەرگە،قايسى ئەرنىڭ ئۇ جادۇ كۆزلەرگە خائىنلارچە قاراۋاتقانلىقىغا دېققەت قىلدى.دەرۋەقە،زىبا ھەممە ئەرلەرگە تەكشى،جىددى قاراپ كېلىپ ئەڭ ئاخىرىدا ھاجى،ئىمىن،سادىق قاتارلىق بىرقانچە «ئېسىل»لارغا،بولۇپمۇ ھاجىغا بەكرەك تىكىلىپ قالدى. بىلالنىڭ ۋۇجۇدى غۇژژىدە بولدى، خوتۇنىنى بۇ يەرگە ئېلىپ كېلپ، بەكمۇ خاتا قىلغانلىقىنى ئەلەم ئىچىدە ھېس قىلدى.
سورۇن يېڭىلا باشلىنىپ ئەر-ئاياللار جۈپ جۈپى بىلەن تانسىغا چۈشۈشكە باشلىغاندا،ئۇ خوتۇنىنى ئېلىپ تېزرەك چىقىپ كېتىشنى قارارلاپ بولدى.دەل شۇ چاغدا،قورققانغا يانداشقاندەك،ھاجى ئۇنى قارىتىپ قويۇپلا زىبانى تانسىغا تارتتى.زىبامۇ ئىككىلىنىپ قالمىدى.ئېرىگە لاپپىدە قاراپ قويۇپ،ئۇنىڭ تاتىرىپ كەتكەن غەزەبلىك چىرايىنىمۇ كۆرمىگەندەك،كۆز ئالدىدىلا پىقىراپ تانسا ئويناشقا باشلىدى.بىلال يۈرىكىنىڭ پەسكە تارتىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى سەزدى.«يا پاناھ،ساراڭكەنمەن!بۇنى ئەرلەر بار يەرگە كۆز كۆز قىلىپ ئەكىرگۈدەك بولغاندېكىن،كاللامنىڭ راۋرۇسلا دەردى باركەن.چىدىغىن بىلال...بىر قول تانسىغا ھېچ ئىش بولۇپ كەتمەس...بۇنداق ئىشلار ئەمدى يۈز بەرمەس،نېمىلا بولمىسۇن،بۇ پور كۆتەك سېنىڭ بۇرادەرلىرىڭدىن...»ئۇ ئۆزىنى زورىغا بېسىپ مۇزىكىنىڭ ئاياقلىشىشىنى سەۋرسىزلىك بىلەن كۈتتى.خەيرىيەت، مۇزىكا ئاخىرى ئاياقلاشتى.بىلال ساقىيغا ئۆزرە قۇيۇپ،ئۈستەلدىن تۇرۇپ كېتىۋاتقان ئاشۇ ۋاقىتتا،ھاجى ھاراق گۈپۈلدەپ تۇرغان ئاغزىنى يېقىن ئەكىلىپ،خىرىلداپ كۈلگىنىچە ئۇنىڭغا پىچىرلىدى:
ــــ خوتۇنىڭىز تانسىنى بەك ياخشى ئوينايدىكەن...
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر