باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

كونا ئۆي(1)

نۇرگۈل ئەبەي

2015.08.20 10:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

كۈچىيىۋاتقان شامال كونا ھويلا تېمىغا چىرمىشىپ ئۆسكەن چوڭ بىر تۈپ يالغۇز سۆگەتنىڭ شاخلىرىنى شىلدىرلىتىپ تۇراتتى، سۆگەتنىڭ قاچانلاردىدۇر كەپسىز بالىلار تەرىپىدىن سۇندۇرۇلۇپ، كېيىنچە يەنە يەرگە ساڭگىلىغان ھالدا كۆكلەپ قالغان يالغۇز شېخى، ئۆز سايىسىدا دائىم ئوغلىغا تەلمۈرۈپ، ئاللىكىملەر بىلەن غايىبانە پىچىرلىشىپ مۇڭلىنىپ ئولتۇرىدىغان تىكەندەك يالغۇز ئىگىسىنىڭ دۈمچۈيۈپ تۇرغان قاقشال تۇرقىنى ئەسلىتەتتى...
ئۇ كونىراپ كەتكەن دەرۋازا يېنىغا كەلدى، بارغانچە كۈچىيىپ كېتىۋاتقان شامال ئۆلۈك توپىلارنى ئۇنىڭ كۆزلىرىگە تىقاتتى، شور ئارىلاشقان ئاچچىق توپىدىنمۇ ياكى قەلبىدە دەۋرەپ تۇرغان ئاچچىق پىغاندىنمۇ، ئەيتاۋۇر ئۇنىڭ كۆزلىرى نەملەشتى. كۆزىگە مۇشۇ سۆگەت تۈۋىدە ھەر قاچان كۈلۈمسىرىگىنىچە ئۆزىنى كۈتۈپ تۇرىدىغان ياكى ئۇزىتىپ قالىدىغان ئانىسى كۆرۈنۈپ كەتتى... ئۇ ئۈن سېلىپ يىغلىۋەتمەسلىك ئۈچۈن يانچۇقىدىن ئىككى تال ئاچقۇچنى ئېلىپ، بىرىنى يوغان قۇلۇپقا سالدى، تېخى ھەپتە بۇرۇن بۇ ھويلا قۇلۇپسىز ئىدى. تىرىققىدە ئاۋازنىمۇ ئاڭلىيالايدىغان مېھرىبان ئانا ئىشىكنىڭ كونا قاناتلىرىنى غىچىرلىتىپ ئېچىپ، ئۇنى باغرىغا ئالاتتى. مانا، ھەپتە بولمايلا ھەممە ئۆزگەرگەن، ھويلا-ئاراملار، ئىگىسىز باغ-ئايۋانلار بىراقلا چۆلدەرەپ قالغان ئىدى...
2
ــ ئانىڭىز سىزنىلا كۈتۈپ قالدى!ــ ئۇ تېلېفوننىڭ كىملەر تەرىپىدىن بېرىلگىنىنى پەرق قىلالمىدى. گويا قوغۇشۇندىن قاتتىق مۇشت مەڭزىلىرىگە زەرپ بىلەن ئۇرۇلغاندەك پۈتۈن ئەزايى جىغىلداپ ئېچىشتى. تېلېفوننى قويۇۋېتىپ، تەبئىي بىر ئاڭنىڭ تۈرتكىسىدە ئايالىغا تېلېفون ئالدى.
ــ ئانام بەكلا ئاغرىپ قاپتۇ...-دىدى ئۇ «سىزنىلا كۈتۈپ قالدى» دېگەن جۈملىنىڭ ھەقىقىتىگە يۈزلىنىشنى خالىمىغاندەك.
ــ ئەستا، سىز قاتنىشىۋاتقان بۇ يىغىن بەكلا مۇھىم ئىدى... يېنىپ كەلسىڭىز قانداق بولار؟... شوپۇرنى يېزىغا ماڭدۇرۇپ باقايمۇ؟ ئۇنىڭدىن خەۋەر بولغاندا سىزگە تېلېفون قىلاي...ــ ئۇ ئەسلى ئايالىدىن:«مەن دەرھال ئانامنىڭ يېنىغا ماڭاي، سىزمۇ دەرھال يولغا چىقىڭ!» دېگەن گەپنى كۈتكەنلىكىنى بىردىنلا ھېس قىلدى. ئەمەلىيەتتە ئۇ ئايالىنىڭ ئانىسى بىلەن ئۆزىدەك يېقىنلىشىپ كېتىشىنى توي قىلغاندىن بۇيان ئىزچىل ئارزۇ قىلىپ كەلگەن ئىدى. لېكىن ئۇنىڭغا ئانىسى بىلەن ئايالى ئارىسىدا تەبىئي بىر توسۇق باردەك، بۇ توسۇق ئۇلارنى مەڭگۈ ئايرىپ تۇرىدىغاندەكمۇ تۇيۇلاتتى. ئانىسىنىڭ ساددا، تورلاشقان قوغۇندەك سانسىز قورۇقلار ئىچىدە پۈرۈلگەن ئەتسىز يۈزلىرى ھەر قېتىم ئۇنىڭ ئالدىدا زاھىر بولغاندا، بۇ تۇيغۇ ئۇنىڭدا تېخىمۇ كۈچىيىپ كېتەتتى. ھەقىقەتەن سۆلەت دېسە خېلى-خېلى كىشىنى ئەيمەندۈرگىدەك قېيىن ئاتا-قېيىن ئانىسىنىڭ قۇيغان ئۆپكىدەك پارقىراپ تۇرىدىغان سۈپسۈزۈك چىرايلىرى بىلەن ئانىسىنىڭ شۇ مىسكىنلىك تۆكۈلۈپ، توپا پۇرقىراپ تۇرىدىغان قاپقارا چىرايى ئاسمان-زىمىن پەرقلىنەتتى. لېكىن ئۇ ئانىسىنى ئۆزىنىڭ ئۇسۇلى بويىچە ئىزچىل ياخشى كۆرۈپ كەلدى، ئايالىنى باشقا دوستلىرىدەك ئانىسىنىڭ ئىشىغا سېلىپ، كىر-قاتلىرىنى يۇغۇزالمىغان، يېنىدا تۇرغۇزۇپ ئۈچ ۋاق ئىسسىق تاماق ئەتكۈزۈپ بېرەلمىگەن، ئاغرىپ قالغىنىدا كېچىلەپ يېنىدىن ئايرىلماي ھالىدىن خەۋەر ئالغۇزالمىغان بولسىمۇ، لىكىن ئۇ ئانىسىنى ۋاقىت بولسىلا يوقلاپ تۇرۇشنى ئۇنتىمىدى، يېنىدىن پۇل ئايرىمىدى، ئاغرىپ قالغىنىدا دەرھال ياتاقتا ياتقۇزدى، ھالىدىن خەۋەر ئالدى، ھەتتا يالغۇز قالدىڭىز دەپ ھەمراھلىققا بىر قىزنى خىزمىتىگە سېلىپمۇ بەردى. گەرچە ئۇ قىز ئانىسى بىلەن ئۇزاق تۇرالمىغان بولسىمۇ، ئۇ قولىدىن كېلىدىغانلىكى ياخشىلىقنى قىلدى، پەرزەنتلىكنى يەتكۈزدى... ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، شۇ دەقىقىدە ئۇ نېمىشقا ئايالىنىڭ قولىدىن كەلمەيدىغان باشقىچە بىر مۇئامىلىنى كۈتۈپ قالدى؟ نېمە ئۈچۈن ئايالىنىڭ تاتلىق، يېقىملىق ئاۋازى تۇنجى قېتىم شۇنداق سوغوق، رەھىمسىز تۇيۇلۇپ كەتتى؟... ئۇ بۇلارنى چۈشەنمەيتتى. ۋۇجۇدىدا كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر نەپرەت، ئۇزۇن يىل بېسىلىپ كەلگەن بىر غەليان روھ شۇ تاپتا بىراقلا مېڭىسىگە تىپىپ چىقتى. قۇرۇپ كەتسۇن بۇنداق يىغىن! بۇنداق ھوقۇق! شۇنداق نام-ئەمەل! ئابرۇي ھەم راھەت!...
ئۇ ھېچكىمگىمۇ تىنىپ قويمايلا ئايرۇدۇرۇمغا قاراپ يۈگۈردى، ئانىسىنىڭ مۇلايىم چىرايى، كۈلۈمسىرەپ قاراشلىرى، كىچىك بالىلاردەك ئۆمچەيگەن، مىسكىن تۇرقى كۆز ئالدىدا بىر-بىرلەپ نامايان بولاتتى.
ئۇ بىرلا بالا ئىدى، دادىسىنى ئەسلىيەلمەيتتى. دادىسى ئۇ، بۇ دۇنياغا كۆز ئاچماستىلا سودا بىلەن تاغ ئارقىسىغا ئۆتۈپ كەتكەنچە زادىلا قايتىپ كەلمىدى، ھەم ھېچقانداق خەۋىرىنى بەرمىدى. ئۇ ئەقلىنى بىلگەندىلا ئانىسىنىڭ دادىسىنى دائىم ئۈنسىز كۈتۈۋاتقانلىقىنى ھېس قىلاتتى. قوشنا ناھىيەدىكى ئانا جەمەت تۇغقانلىرى ئىككەيلەننى ئېلىپ كەتمەكچىمۇ بولدى، ھەتتا ئانىسىنى قايتا ياتلىق قىلىپ قويماقچىمۇ بولۇشتى، لېكىن ئانا بۇ ھويلىدىن، بۇ مەھەللىدىن بىر قەدەممۇ نېرى بولمىدى. «داداڭ چوقۇم قايتىپ كېلىدۇ، بالام. داداڭ ئۆز قولى بىلەن سوققان بۇ تامنى تاشلاپ كەتسەك بولمايدۇ...» دەيتتى ئانا ئوغلى كىچىك چاغلاردا. كېيىنكى ۋاقىتلاردا بۇ گەپلەر ئانىسىنىڭ ئېغىزىدا تەكرارلانماس بولدىيۇ، ئېرىنى كۈتۈش، تەلمۈرۈش ئىزچىل ھالدا ئۈنسىز داۋاملىشىۋەردى... بىر تۇل ئايال ئۈچۈن شۇنچە يىل 5 مو يەرگە تايىنىپ بىر ئوغۇلنى چوڭ قىلماق، قاتارغا قوشۇپ، ئالىي مەكتەپنىڭ بوسۇغىسىدىن ئاتلاتماق ئاسان ئەمەس ئىدى. لېكىن ئانا شۇنداق قىلالىدى، ئوغلىنىڭ سەھرادىكى بىردىنبىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولغىنى ئۇنىڭ بارلىق دەرد-ھەسرەتلىرىنى يەڭگىللىتىۋەتتى، ئوغلى ئۈچۈن ئۇ كۆيۈپ كۈل بولسىمۇ، چاچلىرى ئۈتلەنسىمۇ مىڭ مەرتىۋە رازى ئىدى. ئوغۇل دۆت ئەمەس ئىدى، ئۇ ئانىسىنىڭ بارلىق دەرد-ھەسرەتلىرىنى چۈشىنەتتى، ئانىسىنىڭ خۇشاللىقى، ئارزۇسى، غەم-قايغۇسى ئۇنىڭغا ئورتاق ئىدى. ئانا-بالا بۇ ئورتاقلىق ئىچىدە بىر-بىرگە ھەمدەم ھەم مەدەتكار بولۇپ، ئوغلى ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ئەڭ ئاخىرقى مىنۇتلارغا كەلدى.
شەھەردىكى ئېسىل، مەدەنىي، قايناق ھەم باياشات تۇرمۇشنى خىلۋەت سەھرادىكى مەنىسىز تۇرمۇشقا ئەسلا سېلىشتۇرغىلى بولمايتتى. قوي-كالا، مال-ۋاران، كەتمەن، تراكتور، يەر، ئۆستەڭ بىلەن باشلىنىپ، يەنە شۇنىڭ بىلەن ئاياقلىشىدىغان يېزا تۇرمۇشى شەھەردىكى ئىلغار زامانىۋىي تۇرمۇش، خىزمەت ئەسلىھەلىرى ئالدىدا بوينىنى قىسىپ بىر چەتتە تۇرغان يېتىم بالىنىڭ ئۆزى ئىدى. كىچىكىدىنلا جاپا-مۇشەققەتنىڭ ئاچچىق قامچىلىرىدا ساۋىلىپ كېلىۋاتقان ياش بالىغا نىسبەتەن ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن قىز دوستىنىڭ باشلىق دادىسىنىڭ ياردىمىدە شەھەردە، يەنە كېلىپ شەھەرلىك ھۆكۈمەتتە تەرجىمان بولۇپ ئىشلەش، يېتىمچى تازنىڭ بىر كېچىدىلا ئۆزىنى پادىشاھنىڭ ھەشەمەتلىك ئوردىسىدا كۆرگىنى بىلەن باراۋەر ئىدى... يىگىت بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇۋالدى، تەقدىرىنى بىراقلا ئۆزگەرتكىلى بولىدىغان بۇنداق پۇرسەت باشقىلارنىڭ ھاياتىدا 3 قېتىم ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ كېلىشى مۇمكىن، بىراق ئۇنىڭدەك تۇل ئايالنىڭ يېتىم ئوغلىغا پەقەت بىرلا قېتىم كېلەتتى... مۇشۇ پۇرسەت ئۇنىڭلا ئەمەس، شۇ يېگانە ئانىسىنىڭمۇ تەقدىرىنى ئۆزگەرتەلەيتتى. ئەمدى ئۇ باشلىق بولىدۇ، ھەتتا قېيىن ئاتىسىدىنمۇ يۇقىرى شان-شەرەپكە ئېرىشىدۇ، پۇلى، ھەشەمەتلىك ئۆي-داچىسى، نەچچە يەردە زېمىنى، مۈلكى بولىدۇ. ئەمدى ئۇلارنى ھېچكىم بوزەك ئېتەلمەيدۇ! قېنى ئاشۇ ئەترەت بوغالتىرى يەنە ئۇنىڭغا ۋارقىراپ-جارقىرىسۇنچۇ؟ قانداق بولىدىكەن؟ ئۇ ئەمدى كەمبەغەللەرنى قاقشىتىمەن، سويغان پىيازدەك يالىڭاچلايمەن دېمىسۇن! بولمىسا يېتىم ئوغۇل ئۇنىڭغا ئۆز ھوقۇقىنىڭ كۈچ-تەمىنى ئوبدانلا تېتىتىپ قويىدۇ... ئۇ ئۆزىنىڭ بىلىمىگە، كەم سۆزلىكىگە، ئاددى-ساددىلىقىغا كۆيۈپ يۈرگەن ئاشۇ ھالدار قىزنىڭ بۈگۈنكى كۈندە ئۆزى ئۈستىدە بۇنچە چوڭ كارامەتلەرنى كۆرسىتەلەيدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى... ئۇ قىز بىلەن توي قىلدى. توي قېيىنئاتا، قېيىنئانىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى، چىقىمنى ئۆز يېنىدىن قىلىشى بىلەن شۇنچىلىك ھەشەمەتلىك ئۆتكۈزۈلدىكى، شەھەردىكى چوڭ-چوڭ بايلار، يۇقىرى مەرتىۋىلىك ھوقۇقدارلار، ئىشچى- خىزمەتچىلەر پۈتۈن ئائىلىسى بويىچە دېگۈدەك كېلىپ تويغا يارىشىغىدا بەخت تىلىدى، تويدىكى ھەشەمەتتىن ئۇنىڭ پەقەت ئاددى نەرسىلەرنىلا كۆرۈشكە ئادەتلەنگەن كۆڭلى ھاياجان ئىچىدە تېپىچەكلەپ كەتتى:«ئانام بولغان بولسا...» بۇ بەختنى ئانىسىنىڭ كۆرەلمىگىنى ئۇنىڭغا بەكمۇ ئەپسۇسلۇق تۇيۇلدى، ئانىسى:«مىجەزىم يوق، پەقەت ئۆرە تۇرالمايۋاتىمەن» دەپ تويغا كېلەلمىگەن ئىدى، ئانىسىنىڭ بولمىغىنىمۇ بىر ھېسابتا ياخشى بولدى. ئۇ ئانىسىنىڭ كونا ئۈستىۋاشلىرى، يىللار چوڭقۇر ئىز سالغان ئەتسىز يۈزلىرى، يادەك پۈكۈلگەن ئورۇق قەددىنىڭ بۇنداق ھەشەمەتكە ئەسلا ماس كەلمەيدىغانلىقىنى ئەلەم ئىچىدە ھېس قىلدى. يەنە كېلىپ ئانىسىنىڭمۇ بۇنداق سورۇننى خالاپ كېتىشى ناتايىن ئىدى. شۇڭا ئۇ ئانىسى بولمىغان بۇ تويدىن ئارتۇقچە ھەسرەتمۇ چەكمىدى، ئۆزۈمنى ئوڭشىۋالساملا ئانامغا راھىتىمنى كۆرسىتىمەن، دەپ ئويلىدى ئۇ. لېكىن بۇ ئويى ئارزۇ-ئارمان پېتى قېلىۋەردى. خىزمەتتىكى زىيادە ئېغىر بېسىم ۋە ئالدىراشلىق، ھە دېگەندىلا كاماندىروپكىغا چىقىش، جەمئىيەتتىكى شەھەر باشلىقىنىڭ كۈيئوغلىغا يارىشا بولىدىغان ئىجتىمائىي پائالىيەت، ئەل-ئاغىينىلەر، خىزمەتداشلار ئارىسىدا بولىدىغان چاي، توي-تۆكۈن، ئۆلۈم-نەزىرىلەر ئۇنىڭ يادىغا ئانىسىنى ناھايىتى ئاز سالاتتى. ھەر قېتىم ئانىسى يادىغا كەلگەندە يۈرىكى چىممىدە ئېچىشىپ كېتەتتى، ئانىسىنىڭ يالغۇزلۇقى، نېمىلەرنىدۇر دېمەكچى بولۇپ تەلمۈرۈپ قاراشلىرى، ئوغلى ئۆيلەنگەندىن كېيىن بىراقلا قېرىپ كەتكەندەك بولۇپ قالغان ۋىجىك ھەم ئاجىز تۇرقى... كۆز ئالدىغا كەلگەندە چىداپ بولغۇسىز بىر ئازاب ئىچىدە ھەممىنى تاشلاپ سەھراغا چاپقۇسى، ئانىسى ئەتكەن مىزىلىك ئۈگرىنى ھۇزۇرلىنىپ ئىچكۈسى، ئانىسىنىڭ ئىللىق باغرىدا شەھەردە زادىلا قانمايدىغان ئۇيقۇسىنى راھەتلىنىپ تۈگەتكۈسى كېلەتتى... «شەھەردە بولسىمۇ ئۇيان-بۇيانغا ئۆتكەچ كۆرۈپ چىقار ئىدىم...» دەپ ئويلايتتى ئۇ ئالدىراشلىقىغا باھانە تېپىپ. ئۇ شۇ ئوينىڭ تۈرتكىسىدە ئانىسىغا شەھەردىن كىچىكرەك بولسىمۇ بىر بىنا ئۆي تاپتى:«ئانا، سەھرادىن يېنىپ كەلسىڭىز، سىز بىلەن كۈندە كۆرۈشەلەيتتىم» دېدى بىر كۈنى ئۇ ئانىسىدىن ئۆتۈنۈپ. ئۇ شۇنداق قىلالىسا كونا ئۆيدە، توپا سەھرادا يالغۇز قالغان ئانىسىغا پەرزەنتلىك بۇرچىنى ھەقىقىي ئادا قىلغان بولاتتى، «ئۇيان-بۇيانغا ئۆتكەندە كىرەتتىم، ئوخشىغان تاماقلارنى سىزگە تۇشۇيالايتتىم، پات-پات يېنىڭىزدا قوناتتىم، مۇڭدىشاتتۇق، زېرىكمەيتتىڭىز جېنىم ئانا، سىزنى كۆرۈش ئۈچۈن شۇ سەھراغا نەق بىر سائەت ماڭمىسام بولمىغان، يېنىڭىزغا كىرەر-كىرمەيلا تېلېفونوم سايراپ، ئۇ ئىش-بۇ ئىش چىقىپلا تۇرغان، يەنە بىر سائەت يول يۈرۈپ شەھەرگە قايتىمەن، شۇ بېرىپ-كەلگەن ۋاقىتتا بولسىمۇ سىز بىلەن بىللە بولۇۋالسام قانداق ياخشى دەڭا ئانا!» ئوغلىنىڭ چىن يۈرەك سۆزىنى تىڭشىمايدىغان ئانا بولسۇنمۇ؟ ئەسلىدىنلا پۈتكۈل ئۆمرىنى ئىتائەتمەنلىك ۋە بويسۇنۇش بىلەن ئۆتكۈزگەن ئانا، ئوغلىنىڭ بۇ تەلىپىدىن سەل تېڭىرقىغاندەك بولدىيۇ، ئۆزىنىڭ ئوغلى، كېلىنى، ئوماق نەۋرىسى بىلەن تېخىمۇ يىقىنلىشالايدىغانلىقىنى، ئوغۇلنىڭ، كېلىننىڭ راھىتىنى كۆرەلەيدىغالىقىنى كۆز ئالدىغا ئەكەلدى. ئانىنىڭ چىرايى ئاپتاپتەك نۇرلىنىپ كەتتى:
ــ سىلەرگە ئېغىرىمنى سېلىپ قويارمەنمۇ؟ سىلەرنى قىستاپ قويارمەنمۇ؟ــ دېدى ئانا تىترەك ئاۋازدا، ئۇ ھەتتا ئوغلىنىڭ تۇرۇپلا گېپىدىن يېنىۋېلىپ، ئۆزىنى يەنە مۇشۇ كونا ئۆيدە يالغۇز قويۇشىدىن ئەنسىرەپمۇ قالغانىدى.
ــ ياقەي، سىزنى قىسىلدۇرۇپ قويماي، دەپ ئايرىم ئۆي ئۇقۇشۇپ قويدۇم، ماڭا يېقىن...ــ موماي ئوغلۇم بىلەن بىللە تۇرىمەن، دەپ ئويلاپ قالغان ئىدى. راستىنى ئېيتقاندا، ئۇ تا شۇ كەمگىچە ئوغلىنىڭ ئۆيىگە پەقەت ئۈچلا قېتىم باردى: 1-قېتىم، ئوغلىنىڭ يېڭى ئۆيىنى مۇبارەكلەپ كەلدى، 2-قېتىم قۇربان ھېيتنىڭ 4-كۈنى ھېيت پەتىسى قىلىپ كەلدى،3 -قېتىم كېلىنىنىڭ تۇغۇتىنى يوقلاپ بارغان ئىدى. مانا نەۋرىسىمۇ بۇ يىل4 ياشقا كىردى، دادىسى بىلەن ھېيتتا كەلگەندە يېڭىدىن-يېڭى تاتلىق تىللىرى چىقىپ، موماينىڭ يۈرىكىگە باشقىچىلا ئوت سالدى، ئوغلى شەھەرگە ئېلىپ كېتىمەن دەۋاتقاندا، كۆزىگە كېلىنىنىڭ سوغوق، ھاكاۋۇر قاراشلىرى ئەمەس، بەلكى شۇ بۇدرۇققىنە كەلگەن تاتلىق نەۋرىنىڭ ئوماق چۇڭۇلداشلىرى كەلدى.
ــ مەن... تېخى سىلەر بىلەن بىللە تۇرىمەن... دەپتىمەن...ــ موماينىڭ ئاۋازى يەنە تىترەپ كەتتى. بىر خىل چىنپۈتمەسلىك، خاتا ئاڭلاپ قالدىممۇ نىمە، دېگەندەك ھېسسىيات كاللىسىدىن كەچتى، سەھرادىكىلەر قېرىغاندا ئوغلى بىلەن بىللە تۇرىدۇ، ئانىنىڭ ھالىدىن ئوغۇل بولغۇچى خەۋەر ئالىدۇ. ئوغۇللار، كېلىنلەر ئاتا-ئانىسىنى رايىشلىق بىلەن بېقىپ-تاراپ، داۋالىتىپ، ئەڭ ئاخىرىدا چىرايلىقچە ئۇ دۇنياغا ئۇزىتىپ قويغانلىقلىرى بىلەن يۈز-ئابرۇي تاپىدۇ. قوشنىلارنىڭ بىر نەچچە ۋىت-ۋىت كېلىنى ھە دېسە موماينىڭ يارىسىنى چۇقچىلايتتى. «ئوغۇللىرى شەھەردە چوڭ كادىركەن، قۇدىلىرىنى بۇ شەھەرنى سورايدۇ، دەپ ئاڭلىدۇق. كېلىنلىرىنىغۇ تۈزۈك بىر قېتىم كۆرۈپمۇ باقمىدۇق... ئۇ چوكان بەك ئالدىراش ئوخشايدۇ ھە؟... ھېيت-ئايەمدىمۇ كېلەلمەيدىكەنغۇ، شۇڭا دېگىنىم... بەك يالغۇز قالدىلا ئاچا، توپپىدە بىر ئىش بولۇپ قالسا... بىزغۇ بار، شۇنداق بولسىمۇ ئوغۇل دېگەن باشقا- دە...» ئەمدى شۇلارنىڭ ئاغزىمۇ بېسىقىدىغان، يالغۇز ئېڭىكى چۈشۈپمۇ قالمايدىغان بولدى... موماي ئوغلىدىن بۇ گەپنى كۈتۈۋاتقىلى ئۇزۇن بولغان ئىدى، لېكىن ئوغلىغا قوشنا بولۇپ يات ئۆيلەردە تۇرۇپ قالارمەن، دەپ ئەسلا ئويلىمىغان ئىدى. موماينىڭ كۆڭلى يېرىم بولسىمۇ، لېكىن بۇ يەردە تىكەندەك يالغۇز تۇرغاندىن، قوشنىلىرىنىڭ كۆزىگە بىچارە تۇرقىنى كۆرسەتكەندىن، ئوغلىنى ھەر كۈندە بىر قېتىم بولسىمۇ كۆرۈپ تۇرۇشنى ئەۋزەل كۆردى.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر