باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

قايتا تەكلىپ باغىقى(1)

نۇرگۈل ئەبەي

2015.08.19 13:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەتىگەنلىك چايغا ئولتۇراتتۇق، ئىشىك چېكىلىپ 14-15 ياشلاردىكى بىر قىزچاق ئۆيگە كىرىشكە ئۇنىمايلا قۇلۇمغا بىر تال توي باغىقىنى سۇندى:

  ــــ ئانام سىزنى چوقۇم كەلسۇن دېگەنتى...ــ دېدى قىز پەلەمپەيدىن چۈشۈپ كېتىۋېتىپ ئوڭايسىزلانغان ھالدا. دەماللىققا نېمە دېيىشىمنى بىلمەي سەل ھاڭۋېقىپ تۇرۇپ قالدىم. چۈنكى شۇ يېشىمغىچە نۇرغۇن باغاقلارنى تاپشۇرۇۋېلىپمۇ، «تويغا چوقۇم كېلىڭ» دېگەن تەلەپنى ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن. ئىختىيارسىز قىزغا ماقۇللۇقۇمنى بىلدۈرۈپ باش لىڭشىتتىم، قىزچاق پىلتىڭلاپ يۈگۈرۈپ چىقىپ كەتتى. مەن چاي ئۈستىلىگە كېلىپ بۇ ئالاھىدە باغاققا باشقىدىن نەزەر سالدىم:

  «ھۆرمەتلىك دىلنار:

  سىزنى 6-ئاينىڭ 11-كۈنى(شەنبە) ئۆتكۈزۈلگەن ئوغلۇم مۇرادىلنىڭ توي مەرىكىسىگە قايتا تەكلىپ قىلىمەن. ئورنى: رەيھانباغ رايونى 13-قورو. ۋاقتى سائەت 11:30

  ھۆرمەت بىلەن: سابىرە، ئەركىن»

  مەن مەزمۇنى غەلىتىلا بۇ باغاقتىكى مۇجىمەل مەزمۇنلارنى چۈشىنەلمەي بىردەم تۇرۇپ قالدىم. «قايتا تەكلىپ...» بۇ نېمە دېگەن گەپتۇ؟...

  ـــ كىمكەن؟ ئەجەب قاراپ كەتتىڭغۇ؟ـــ دېدى يولدىشىم.

  ـــ رەيھانباغ رايونىدىكى سابىرە، ئەركىن دەيدۇغۇ... سىز تونۇمسىز؟

  ـــ ياقەي...ـــ يولدىشىم بىردەم ئويلانغاندەك قىلىپ شۇنداق دېدى،ـــ تونۇمايدىكەنمەن... مۇشۇ خەق غەلىتىلا ئىكەن دېسە، تونۇسىمۇ، تونۇمىسىمۇ باغاق يېزىۋېرىدىكەن. باغاقمۇ ھازىر بەش موچەنگە توختاپ قالدى، قالايمىقان يېزىۋەرگۈچە شۇ بەش موچەن بولسىمۇ يانچۇقىدا قالسا ياخشى ئەمەسمۇ ؟...

  ـــ راست... ئەمما بىزنىڭ بۇ يەردە تونۇغان تونۇمىغان يەرلەرگە باغاق بېرىدىغان ئىش ئادەتكە ئايلىنىپ كەتكىلى تۇردى، تويغا تەييارلىق قىلغۇچى «تىزىملىك دەپتەر» بويىچە قارا قويۇقلا باغاق يېزىۋېرىدىكەن... خەقنى زاڭلىق قىلمايلى، بىزمۇ سۈننەت تويدا شۇنداق قىلمىدۇقمۇ؟ تىزىملىك بويىچە ھەممىگە يېزىلىۋەردۇق...

  ـــ ساراڭمۇ سەن؟ نېمە دەپ قارا قويۇق يازدىڭ؟ ئەل-ئاغىينە، ئۇرۇق-تۇغقانلارنى، ساۋاقداش بۇرادەرلەرنىلا چاقىرساق بولىۋېرەتتىغۇ؟ شۇلارمۇ ئاز ئەمەس بىزگە، قارا سېنى...

  ــــ سۈننەت توي دەپ رېستۇرانغا زاكالەت بەرمىگەن بولساق، ئۇ پاراكەندىچىلىكتە توينى ھەرگىزمۇ قىلمايتتىم، سىزنىڭ يوقلىقىڭىز، خىزمەتنىڭ تۇرۇپلا ئالدىراش بولۇپ كەتكىنىنى دېمەيلا قوياي! ئۇ چاغدا زېھنىمنى يىغىپ باغاق يازغۇدەك ۋاقتىم نەدە دەيسىز؟ ئاخىرى ئاسىيەنىڭ گېپى بويىچە باغاقنىمۇ پۇل خەجلەپلا تۈگەتكەنتىم. پەقەت يىراق يەردىكى ئۇرۇق-تۇغقان ھەم دوستلارنىڭ باغىقىنىلا ئۆزۈم يازدىم.

  ــــ پۇل خەجلەپ دېگەن قانداق گەپ؟...ـــ يولدىشىم ھەيران بولۇپ ئاغزىمغا قاراپلا قالدى. بۇندىن بىر ئاي بۇرۇن ئوغلىمىزنىڭ سۈننەت تويىنى قىلغاندا، ئۇ ئەتە توي دېگەن كۈنىلا ئاران كاماندۇرۇپكىدىن ئۈلگۈرۈپ كەلگەن بولغاچقا، توينىڭ جەريانىنى تازا بىلىپ كېتەلمىگەن ئىدى. مەنمۇ ئالدىراشچىلىقتا بۇ ئۇششاق جەرياننى ئۇنىڭغا تەپسىلى دەپ بەرمىگەن ئىدىم.

  ـــ ھازىرچۇ، مۇنداق ئىش چىقتى قاراڭ، مەلۇم بىر ئادەم پۈتۈن ناھىيەدىكى مىللىيلارنىڭ تىزىملىكىنى ساقلايدۇ. بۇ تىزىملىكتە شۇ كىشىنىڭ ئادرېسى، يېشى، خىزمەت ئورنى، مەھەللىسى تەپسىلى خاتىرىلەنگەن. توي تەييارلىقىغا چۈشكەنلەر ئاشۇ تىزىملىك بويىچە توي باغىقى يازىدۇ. ئەلۋەتتە ساھىبخاننىڭ ۋاقتى يەتسە، تونۇغانلىرىنى يېزىپ، تونۇمايدىغانلىرىنى قالدۇرۇپ قويسىمۇ بولىدۇ. ئەمما ماڭا ئوخشاش ئالدىراشلار ياكى تويۇمغا كۆپرەك ئادەم كېلىپ ئابرۇي تاپسام، داستىخان يىغسام دەيدىغانلار، ئاشۇ تىزىملىكنى ساقلىغۇچىغا پۇل بېرىپلا، توينىڭ پۈتۈن باغىقىنى يازدۇرىدۇ. يەنە پۇل بەرسىڭىز، سىزنى بىر قەدەممۇ ئالغۇزماي پۈتۈن باغىقىڭىزنى ئۆي ئۆيگە، ئىگە ئىگىسىگە يەتكۈزۈپ بېرىدىغانمۇ ئادەم بار تېخى!...

  ــــ نېمە دەيدىغانسەن؟ ھازىر شۇنداق ئىش چىقىپتۇ دېگىن... بۇمىغۇ ياخشى بوپتۇ، ئەمما.... بىر ئادىمىيلىك كەمدەكلا-ھە؟.. شۇڭىزە بىزنىڭ ئىدارىغىمۇ ھەپتە ئاخىرى بولمايلا تونۇمايدىغان نۇرغۇن يەرلەردىن باغاق كېلىپ قالىدىكەن-دە؟!

  ــــ ھە، شۇ... ئەمدىچۇ، سىزگە مۇشۇنداق ناتونۇش باغاقلار كەلسە تونۇمايمەن، بىلمەيمەن دەپ تاشلىۋەتمەي، ئۇدۇللا ئۆيگە ئېلىپ كىرىڭ. توي تىزىملىكىگە قاراپ تۇرۇپ، تويغا كەلگەنلەرنىڭ ئادىمىگەرچىلىكىنى قايتۇرمىساق، بىرمۇنچە كۆڭۈلسىزلىكلەرنى تېپىۋالىمىز. بىزنىڭ تويغا مەنمۇ تۈزۈك تونۇمايدىغان نۇرغۇن ئاياللار كېلىپ داستىخېنىنى يازدۇرۇپتۇ...

  ــــ ۋاي خۇدايىم، بۇ بىر ئاۋارىچىلىقكەنغۇ؟ ۋاقىت ئىسراپچىلىقى، زېھىن ئىسراپچىلىقى... سەنمۇزە، بىز ئارىلاشقان ئادەملەر كۆڭلۈڭگە ئايان بولغاندىكىن، ئۆزىمىزگە چۇشلۇق مېھمان چاقىرىپ بولدى قىلساڭچۇ؟... ماڭ، تىزىملىكىڭگە قارا، بۇ باغاقمۇ بىزنىڭ تويدا كەلگەن ناتونۇش مېھمان بولۇپ قالمىسۇن... توۋا، بۇ گەپنى دەۋېتىپ بىر ئىش يادىمغا كېچىپ قالدى قارا. ئۆتكەندە بىزنىڭ ئىدارىدىكى ھەبىبە بىلەن بىر گۇرۇپپا بولۇپ قاپتىكەنمىز، چوڭ بازاردىكى بىرسىنىڭ دۇكىنىنىڭ بېجىنى سۈيلەپ كىرگەنتۇق، ھەبىبەنىڭ ئۆزىچە بىر ياغلىق ئالغۇسى كېلىپ كەتتى، دۇكان ئىگىسى ياغلىقنى 80 يۈەن ئىدى، سىزگە ئەرزان بەردىم، دەپ نەرقىنى توختاتتى. ھەبىبە يېنىدىن 30 كويلا پۇل چىقىرىپ:«قىزىمنىڭ گۈل چېيىدا سىزگە باغاق بەرسەم كەلمەپسىز، سىلەرنىڭ تويغا 40 يۈەن داستىخان يازدۇرغانتىم، بۇ 30 كوي پۇل بىلەن تۈگۈشۈپ كېتەيلى» دەپلا ياغلىقنى يانچۇقىغا سالدى. سودىگەر ئايال سەل تۇرۇپ كېتىپ، خىجىل بولغان ھالدا ئۆزرە سورىدى ھەم:«شۇنداق قىلايلى» دەپ رازىلىقىنى بەردى... نومۇس قىلىپ يۈزلىرىم چىمىلداپ كەتتى.

  ھەبىبەگە قارىسام خىيالىدا يوق تۇرىدۇ. «ھەي، 40 كوي پۇلىڭىزغا نېمانچە قىلىسىز؟ يەنە كېلىپ ئۇ ئايالغا 10يۈەن پۇلنى ئاز بەردىڭىز» دېسەم، نېمە دەيدۇ دە؟ «بۇ دېگەن قائىدە، ئالماقنىڭ بەرمىكى بار، مۇشۇنداق ئىكەككە دوقاق كەلتۈرۈپ ۋاقتىدا پۇلۇمنى ئېلىۋالمىسام قانداق چاغدا ئالاتتىم؟ 10 كوي پۇل دېگەن ئۆسۈم، بۇمۇ بىزدە ئومۇملىشىپ كەتكەن قائىدە» دەيدۇ...

  ھەيران قالماڭ، ئەمەلىيەتتە بۇنداق ئىش ئاياللارنىڭ ئىچىدە تولا... ھەبىبەغۇ جايىغا كەلتۈرۈپ ئېلىۋاپتۇ، بەزىلەر ھەتتا:«داستىخېنىمنى قايتۇرمۇدۇڭ، ئاز قىلدىڭ، كەلمىدىڭ...» دەپ بىر بىرى بىلەن قېيىدىشىپ، يامانلىشىپ، تېلېفوندا سوقۇشۇپ... شۇنداق سەتلىشىپ كېتىدۇ. ئۆز رازىلىقى بىلەن داستىخان كۆتۈرىدىغان، بىر بىرىنى چۈشىنىدىغان ئىش يوقكەن ھازىر... بىراۋنىڭ سىزگە 20 كوي داستىخېنى يېزىلدىمۇ، بولدى، ئۇنى 10 كوي قوشۇپ قايتۇرمىغۇچە سىزگە خاتىرجەملىك بولمايدۇ،ـــ شۇنداق دەپ ئۇدۇللا توي تىزىملىكى چۈشۈرۈلگەن قىزىل تاشلىق مەخسۇس دەپتىرىمنى قولۇمغا ئالدىم. دەرۋەقە سابىرە، ئەركىن دەپ تىزىملاتقان ئىسىم بار ئىكەن،50 يۈەن پۇل يازدۇرۇپتۇ.
【1】 【2】 【3】 【4】 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر