باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

خەيرلىك بىر كۈن(1)

نۇرگۈل ئەبەي

2015.08.19 12:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئانار مۇئەللىم مېھمانخانىسىنىڭ دېرىزىسى ئالدىدا، سىرتتا يېغىۋاتقان يامغۇرغا قاراپ ئۆرە تۇراتتى. تاڭ سۈزۈلگەندىن بېرى شارىلداپ قۇيۇۋەتكەن يامغۇر ئەتراپنى بىر خىل يېقىملىق تۈسكە كىرگۈزگەن ئىدى. ئۇ ئەزەلدىنلا يامغۇرنى ياخشى كۆرەتتى، ئۇنىڭغا گويا تەبىئەت يامغۇردىن ئىبارەت كارامىتى بىلەن پۈتكۈل ھاياتلىقنى باشقىدىن ياشنىتىۋاتقاندەك، مېھرىبان ئانا خۇددى ئوماق پەرزەنتلىرىنى يۇيۇپ تاراۋاتقاندەك بىلىنەتتى. بۈگۈن ئانار مۇئەللىمنىڭ بۇ تۇيغۇلىرى باشقىچىلا كۈچلۈك ئىدى، سەھەردىلا كۆرگەن چۈشى ئۇنىڭ يامغۇرغا، نىيازغا بولغان تەلپۈنۈشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىۋەتكەن ئىدى.

  چۈشىدە ئانار مۇئەللىم مۇشۇ دېرىزە تۈۋىدە تۇراتتى، سىرتتا خۇددى ھازىرقىدەكلا قاتتىق يامغۇر يېغىۋاتاتتى. نىياز بەرەڭگىلىرى يىغىۋېلىنغان ئاۋۇ يالىڭاچ ئېتىزلىقنى كېسىپ ئۆتۈپ، ئۇدۇللا ئانار مۇئەللىمنىڭ ئۆيىگە قايرىلىدىغان يالغۇز ئاياغ يولدا ھارغىن كېلىۋاتاتتى. يول پاتقاق بولۇپ كەتكەن، غىرتاڭ سېغىز لاي ئۇنىڭ تېز-تېز قەدەم ئېلىشىغا پۇتلىكاشاڭ بولۇپ تۇراتتى. لېكىن ئۇ يەنىلا پاتقاق بىلەن ئېغىرلاشقان پۇتلىرىنى سۆرەپ، ئىشىك ئالدىغىچە كەلدى. نىيازنىڭ ئاقىرىپ كەتكەن يۈزلىرىنى، ئۆسۈپ كەتكەن چاچ-ساقاللىرىنى يامغۇر سۈيى ھەدەپ يۇياتتى. ئۆڭۈپ كەتكەن مايكىسى چۆپ سۈزمە بولۇپ كەتكەنىدى. ئانار مۇئەللىمنىڭ يۈرىكى گۈپۈلدەپ سوقۇپ كەتتى، ئۇنىڭ ئىشىكنى ھاڭغىرقاي ئېچىۋەتكۈسى، نىيازنى ئۆيىگە باشلاپ ئىسسىق كاڭغا باشلىغۇسى كېلىپ كەتتى. ئەمما مېھمانخانا ئۆيدە ئوغۇل، قىز، كېلىنلىرى قاقاقلىشىپ كۈلۈشۈپ ئولتۇراتتى. نەۋرىسى ھە دەپ چوڭ ئاپىسىنى ئۆزى بىلەن بىللە ئويناشقا چاقىراتتى، ئانار مۇئەللىم يەنە تەڭلىكچىلىكتە قالدى. ئۇ بالىلىرىدىن ھېيىقمايلا نىيازنى ئۆيىگە باشلاپ كىرەلمەيتتى. شۇنداق دىلىغۇللۇقتا تۇرغاندا، نىياز ئانار مۇئەللىمگە بىر ھەسرەت بىلەن لاپپىدە قارىدى-دە، خۇددى ئۇنىڭ ئويلىغىنىنى تۇيغاندەك، چوڭقۇر بىرنى تىنىپ، كەينىگە ئۆرۈلۈپلا كېتىپ قالدى. ئانار مۇئەللىمنىڭ ئۇنى چاقىرىۋالغۇسى، «قايتىپ كېلىڭ» دېگۈسى كېلىپ كەتتى، لېكىن ئۇ ھەر چاغدىكىدەك ھېچنېمە دېيەلمىدى. بىر بالىلىرىغا، بىر ئۇزاقلاپ كېتىۋاتقان نىيازغا قاراپ ئېغىر تىنغىنىچە ئورنىدا تىپىرلايتتى... چۈشىدىكى نىيازنىڭ ئاقىرىپ كەتكەن چىرايىنى، ئۆسۈپ كەتكەن ساقال-بۇرۇتلىرىنى ئويلاپ، ئانار مۇئەللىمنىڭ ئىچى بىر ئەندىشىدە قالدى. ئۇ بۇنداق چۈشنى تالاي قېتىم كۆرگەنىدى. 15 يىلدىن بۇيان نىيازغا مۇناسىۋەتلىك چۈشلىرىنىڭ بىر-بىرىدىن ھېچ پەرقى يوق ئىدى. چۈشلىرىدە ئاخشامقىدەكلا نىياز قايتىپ كېلەتتى، ئەمما ئانار مۇئەللىم بالىلىرىنىڭ گۇمانىنى قوزغاپ قويماسلىق ئۈچۈن ئۇنىڭ ئالدىغا بارالمايتتى ياكى ئۇنى كۆرمىگەنگە سېلىۋالاتتى... بۇ چۈشلەر، رېئاللىقنىڭمۇ خۇددى شۇنداق ئىكەنلىكىنى ئۇنىڭغا ئەسلىتىپ تۇرىۋاتقاندەك ئىدى. ھالبۇكى، بۈگۈنكى چۈشىدە ئۇ نىيازنى باشقىچىلا كۆردى، نىيازنىڭ سولغۇن يۈزى، ئۆسۈپ كەتكەن چاچ-ساقال، بۇرۇتلىرى ئۇنىڭ ئېسىدە بەكلا ئېنىق قالغانىدى. ئۇنىڭ چىراي ئىپادىسىمۇ ھەر قاچانقىدىن سۇلغۇن، بىچارە كۆرۈنەتتى. يەنە كېلىپ يامغۇردا، پاتقاق يولدا تېيىلىپ، مۆدۈرۈپ كەلدى، ئۈستىباشلىرى غىچلا پاتقاققا مىلىنىپ كەتكەن ئىدى.

  ئانار مۇئەللىمنىڭ ئىچى ئاچچىق بولدى، ھەر قېتىم شۇنداق ئىدى، ئۆزىنىڭ چۈشىدە بولسىمۇ نىيازغا قاراپ دادىل ئىككى قەدەم ئالالمىغانلىقىغا، چۈشلىرىدىمۇ بوغۇلۇپ، پۈكۈلۈپ تۇرغانلىقىغا ئاچچىقى كېلەتتى. ھالبۇكى بۈگۈن ئۇنىڭ بۇ ئۆكۈنىشىگە بىر ئەندىشىمۇ قوشۇلغانىدى. يامغۇرنىڭ ئىچىدە پاتقاققا مىلىنىپ كەلگەن، ئۈستىباشلىرى بىسەرەمجان نىيازنىڭ چىرايى ئۇنى چۈشىنىكسىز بىر ۋەھىمىگە سېلىۋەتكەن ئىدى. ئەجەبا نىيازنىڭ بېشىغا بىر ئېغىر كۈن كەلگەن بولسا ھە؟ ئۇ ئاغرىپ قالغان بولسا، كېسىلى ئېغىر بولسا؟ يېنىدا قارانچىسى يوق يېتىپ قالغان بولسا؟... ئانار مۇئەللىمنىڭ تېنى شۈركەندى، ئەگەر شۇنداقلا بولۇپ قالغان بولسا، ئۇ ئۆزىنى ھەرگىزمۇ كەچۈرەلمەيتتى.

  ئۆي ئىچى يامغۇرنىڭ تارسىلداپ يەرگە ئۇرۇلىۋاتقاندىكى بىر خىل رېتىملىرىغا بۆلۈنۈپ تىمتاس ئۇيقۇغا كەتكەندەك ئىدى. ئانار مۇئەللىمنىڭ دېرىزىدىن سىرتقا قاراپ مۇشۇ ھالدا تۇرىۋاتقىنىغىمۇ بىر سائەتتىن ئېشىپ كەتتى. نېمە دېگەن تىمتاسلىق ھە؟ بەلكىم نىيازمۇ دۇنيانىڭ مەلۇم بىر يېرىدە ماڭا ئوخشاش مۇشۇنداق يالغۇزلۇقتا ياتقاندۇ؟ بەلكىم ئۇمۇ دېرىزىدىن سىرتقا قاراپ تارسىلداپ چۈشۈۋاتقان يامغۇرغا قاراپ تۇرغاندۇ؟ بەلكىم ھېلىقى كۈندىكىدەك يامغۇرغا يۈزىنى تۇتۇپ، ھەم كۈلۈپ ھەم ۋارقىراپ چىلىق-چىلىق سۇغا چۆمكۈلۈپ كەتكەندۇر؟... ئېھ، ئەگەر شۇنداقلا بولغان بولسا قانداق ياخشى بولاتتى ھە؟ شۇنداق بولسا، نىياز يەنە ساق تۇرۇۋاتىدۇ، بىرەر پالاكەتچىلىكتە قالمىدى دېگەن سۆز...

  ئانار مۇئەللىمنىڭ يۈرىكىدە بىر كونا ئوت يەنە يېلىنجاشقا باشلىدى، ھەقىقەتەن بۇ بىر كونا ئوت ئىدى. ۋاقىت ۋە تەقدىر ئۆچۈرۈپ تاشلاشقا ئورۇنغان، لېكىن ئۆچۈرۈپ تاشلاشقا قادىر بولالمىغان كونا دەرد ئىدى. ھالبۇكى، بۇ ئوت ئون ئىككى يىلدىن بۇيان ئۇنىڭ كۆڭۈل قاتلىرىدا جىممىدە كۆمۈلۈپ ياتقانىدى...ئانار مۇئەللىمنىڭ كۆز ئالدىغا نىيازنىڭ كەڭ كۆكرەكلىرىنى كېرىپ، ساقال باسقان يۈزىنى يامغۇرغا تۇتۇپ، كۈلۈپ كېتىۋاتقان چىرايى كۆرۈنۈپ كەتتى، ئۇلار مۇشۇنداق يامغۇر ياغقان ياز كۈنلىرىنىڭ بىرىدە تونۇشۇپ قالغان ئىدى.

  شۇ كۈنىمۇ ئاق يېغىن تۇرۇپلا قارا يامغۇرغا ئۆزگىرىپ چېلەكتە قۇيغاندەك شارقىراپ، ھېلىلا بۇ كىچىك تاغلىق بازارنى ئېقىتىپ كېتىدىغاندەك ئەلپازىنى بۇزۇۋەتكەن ئىدى. ئانار مۇئەللىم ئاتنىڭ ئۈستىدىن يىقىلىپ كېتىپ، دەرسكە كېلەلمەيۋاتقان قازاق ئوقۇغۇچىسىنى يوقلاپ، ئۇنىڭغا دەرسلىرىنى تەكرارلىتىپ، ۋاقىتنىڭ بىر يەرگە بارغانلىقىنى تۇيمىغانىدى. ئۇ قايتىدىغاندا بالىنىڭ ئۆيىدىكىلىرى يوق ئىدى، قوشنا ئايال ئانار مۇئەللىمنى ئاتقا مىنگەشتۈرۈپ داۋاندىن ئۆتكۈزۈپ قويدى، ئەمما ئۆيىگىچە يەتكۈزۈپ قويۇشقا بولسا ئانار مۇئەللىم قوشۇلمىدى. ئۇنىڭسىزمۇ ئايالنىڭ چارۋىلىرىدىن ئەنسىرەپ تۇرغانلىقى جىددىيچىلىك قاپلىغان يۈزىدە ئەكىس ئېتىپ تۇراتتى. شۇڭا ئۇ ئانار مۇئەللىمنى مىندۈرگەن ئېتىنى يېتىلىگىنىچە كېتىپ قالدى.

  قارا يامغۇر ھېلىلا كەلكۈن بولۇپ ئانار مۇئەللىمنى ئېقىتىپ كېتىدىغاندەك، ئېرىق- ئېرىق سۇ ئۇنىڭ ئايىغى ئاستىدىن ئاقاتتى. قىپقىزىل لاي سۇنىڭ ھەيۋىسىگە قاراپ ئانار مۇئەللىمنى بىردىنلا سۈر باسقىلى تۇردى. ئادەتتىمۇ مۇشۇنداق جۇدۇنلۇق كۈنلەردە ئوقۇغۇچىلار قايتىپ كەتمەيتتى، مەكتەپ مەخسۇس ئاجراتقان ياتاقتا يېتىپ ئوقۇيتتى. ئۇ بالىلىرىدىن ئەنسىرەپ، قاراملىق بىلەن ئۆيىگە قايتىپ ماڭغانلىقىغا قاتتىق ئۆكۈندى. مانا شۇ تاپتا ئۇ ئىككى يولنىڭ ئوتتۇرىسىدىلا قالغان ئىدى. يا ئالدىغا يا كەينىگە ماڭالماي تىت-تىت بولاتتى، ئۇ داۋاندىن چۈشسەملا، بىرەر ماشىنىغا ئۇچرايمەن، دەپ ئويلىغان ئىدى، لېكىن شۇ چاغقىچە نېمىشقىدۇر بىرمۇ ماشىنا ئۆتمىدى.

  ــ دەرھال موتوغا مىنىۋېلىڭ، يولنى كەلكۈن بۇزۇۋېتىپتۇ!

  گۈلدۈرمامىنىڭ دەھشەتلىك گۈلدۈرلەشلىرىدىن ۋەھىمىگە چۆمۈپ، ئۆزىنىڭ ئەندىشىسى بىلەنلا قالغان ئانار مۇئەللىم يېنىدىلا توختىغان يوغان قىزىل موتسىكلىتنىڭ ئاۋازىنىمۇ ئاڭلىمىغان ئىدى. موتسىكلىت مىنىۋالغىنى يۈزلىرىنى قويۇق ساقال باسقان، 35 ياشلار چامىسىدىكى يېقىشلىق بىر ئەر ئىدى. ئۈستىگە ئارتىۋالغان يامغۇرلۇقى شامالدا ئېچىلىپ، ئۈستىباشلىرى چىلىق-چىلىق سۇ بولۇپ كەتكەن ئىدى. ئەر شۇنداق دەۋېتىپ، ئانار مۇئەللىمنىڭ چىرايىغىمۇ قارىمىدى، موتسىكلىتىنىڭ كەينىگە ئۈستى-ئۈستىلەپ بېسىۋالغان قوتاز، قوي، كالا تېرىلىرىنى ئالدىراپ يەشتى. قارىغاندا ئۇ ياز كۈنلىرى بۇ بازارغا كېلىپ تاغچىلىق قىلىدىغان سودىگەرلەرگە ئوخشايتتى.

  ــ بولۇڭ، تېز! كەلكۈن باسۇرۇپ كەلگىلىۋاتىدۇ!...ــ دېدى ئۇ ئانار مۇئەللىمنى ئالدىرىتىپ.

  ــ بۇ تېرىلەرنى تۇتىۋالامدىمەن يا؟...ــ دېدى ئانار مۇئەللىم يەرگىلا تاشلىۋېتىلگەن تېرىلەرگە قاراپ قويۇپ.

  ــ بۇنىڭ بىلەن كارىمىز بولمىسۇن، جان بولسا تېرە دېگەن شۇ! بولۇڭ تېز، قاراپ تۇرماڭ!

  ــ ھىم...

  شامال ئانار مۇئەللىمنىڭ يامغۇرلۇقىنى ھەريان ئۇچۇراتتى، پۈتۈن بەدىنى چىلىق-چىلىق ھۆل بولۇپ كەتكەن ئىدى. موتسىكلىت بازار تەرەپكە ئۇچقاندەك كېتىۋاتاتتى، ئەزەلدىن بۇنچە تېز سۈرئەتتە ماڭىدىغان موتسىكلىتقا مىنگىشىپ باقمىغان ئانار مۇئەللىم خۇددى ھېلىلا ئۇچۇپ كېتىدىغاندەك قورقۇپ، قوللىرى بىلەن موتسىكلىتنىڭ ئارقا تەرەپتىكى نەرسە-كېرەك تاڭىدىغان تۆمۈرىنى چىڭ قاماللىۋالغان ئىدى.

  ــ مېنى تۇتۇۋېلىڭ! ئۇنداق ئولتۇرسىڭىز بەكمۇ خەتەرلىك! شامالنىڭ قارشىلىقىنى ئاشۇرۇۋەتتىڭىز!ــ ئەر سۈرئەتنى سەل ئاستىلىتىپ شۇنداق دەپ ۋارقىرىدى. ئانار مۇئەللىم ئۇنىڭ سۆزلىرىنى قارشىلىقسىزلا ئورۇنلىدى، ئۇ ئۆزىنىڭ شۇنداقلا ئولتۇرسا ئۇزۇنغا بارمايلا موتسىكلىتتىن ئۇچۇپ كېتىدىغانلىقىنى پەملىگەن، ئۆزىمۇ توڭۇپ تىترەپ كەتكەن ئىدى. يەنە كېلىپ موتسىكلىتمۇ شامالنىڭ قارشىلىقى بىلەن ھەر يان لەپپەڭشىپ، قورقۇنچلۇق بىر خەتەر ئىچىدە كېتىۋاتاتتى. ئەمدى نازلىنىپ، خىجىل بولۇپ ئولتۇرۇشقا ئىمكانىيەت يار بەرمەيتتى. تاغ ھاۋاسىغا بىر نېمە دەپ بولمايتتى، مۇشۇنداق قاتتىق ياغقان يامغۇر ھەر ۋاقىت كەلكۈن پەيدا قىلىپ، ئۇلار مېڭىپ كېتىۋاتقان بۇ ئىدىرلىقنى ھەش-پەش دېگۈچە قىپقىزىل سۇغا تولدۇرۇۋېتىشىمۇ مۇمكىن ئىدى.

  ئانار مۇئەللىم ھېچقاچان كۆرۈپ باقمىغان بىر ئەرنى چىڭڭىدە قۇچاقلىدى، بىر ئىللىق ئېقىم ئۇنىڭ بەدىنىگە يامرىدى، مۇزلاپ كەتكەن بەدىنى بىر ھارارەت بىلەن ئاستا-ئاستا ئىللىشقا باشلىدى. سۇنىڭ ئىچىدە بولسىمۇ، ئەرنىڭ بەدىنىدىن بىر قىزىق تەپ كېلەتتى، بۇ ئاجايىپ ھېسسىيات ئىدى، شۇنچە خەتەر ئىچىدە كېتىۋېتىپمۇ، ئۇ ئۆزىنىڭ ئەر كىشىنى قۇچاقلاپ باقمىغىنىغا 10 يىلدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى تۇرۇپلا ئويلاپ قالدى. ئۇنىڭ ئېرى بۇندىن ئون يىل ئىلگىرى داۋاندىن ماشىنا بىلەن سىيرىلىپ كېتىپ، تۈگەپ كەتكەنىدى. ئۇ چاغدا ئانار مۇئەللىم ئەمدىلا 25 ياشقا كىرگەن، چۆچۈرىدەك ئۈچ بالىنىڭ ئانىسى،تازا ۋايىغا يەتكەن گۈلدەك گۈزەل چوكان ئىدى. يولدىشى ناھىيەلىك دورا ئۆسۈملۈكلىرى شىركىتىنىڭ شوپۇرى ئىدى. يىل بويى تاغدىن دورا ئۆسۈملۈكلىرىنى توشۇيتتى. شۇ قېتىملىق ھادىسە ئۇنىڭ ياش جېنىنى ئالدى. ماشىنا ئادەم شۇنداقلا قارىسىمۇ سۈر باسىدىغان نەچچە يۈز مېتىر چوڭقۇر ھاڭغا چۈشۈپ كەتكەنىدى، شۇڭا ھېچكىم ھاڭنىڭ تۈۋىگە چۈشۈپ رەھمەتلىكنى ئېلىپ چىقىشقا جۈرئەت قىلالمىدى. «ماشىنا كۆيۈپ كەتتى...»دېيىشتى كۆرگۈچىلەر، شۇنداق قىلىپ ھېچقانداق جەسەتنى كۆرمەيلا نەزىرە ئۆتكۈزۈلدى. لېكىن ئانار مۇئەللىمنىڭ يىغىسى بېسىلمىدى، ئۇنىڭغا ئېرى ھاياتتەك، كىشىلەردىن نىجاتلىق كۈتۈپ ھاڭنىڭ بىر يەرلىرىدە ئىلىنىپ تۇرغاندەكلا تۇيۇلاتتى. ئاخىرى ئۇنىڭ يىغىسىغا چىدىمىغان تاغلىق ياشلار تەشكىللىنىپ، بېلىگە ئارغامچا سېلىپ ھاڭغا چۈشۈشتى، دېگەندەك ماشىنىنىڭ شوپۇر ئولتۇرىدىغان ئورۇندۇقىدىن ياقۇپنىڭ جەسىتىنى ــ ياق، جەسەت ئەمەس، كۆيۈپ غۇژمەك بولۇپ قالغان بىر مۇنەك نەرسىنى تاپتى. ماشىنىمۇ كۆيۈپ كۈلگە ئايلانغان ئىدى، بىر نەچچە تال تۆمۈر جازىلا بىر يەردە چوقچىيىپ تۇراتتى.

  قوشنىلىرىنىڭ تۈرلۈك سەۋەبلەرنى كۆرسىتىپ ئانار مۇئەللىمگە ئېرىنىڭ جەسىتىنى كۆرسەتمىدى. ياقۇپنى يىغا-زارە بىلەن يەرلىكىگە قويدى، گەرچە ئېرىنىڭ ئېچىنىشلىق ھالىنى كۆرمىگەن بولسىمۇ، ئانار مۇئەللىمنىڭ ئىچىگە بىر ئەلەملىك ئوت چۈشتى. ئۇ ياقۇپ بىلەن17 يېشىدىلا ئاتا- ئانىسىنىڭ رايى بىلەن توي قىلغان، ئېرى بىلەن تۈزۈككىنە بىر قېتىممۇ سەن-پەن دېيىشمەي بۇ تاغدا ئولتۇراقلىشىپ، سەككىز يىلنى خۇددى سەككىز كۈندەك ئىناق-ئىجىللىق بىلەن ئۆتكۈزگەن ئىدى. ئەينى چاغدا چوڭ ئوغلى ۋارىس تېخى تۆت ياشقا كىرگەن، كىچىك قوشماقلارنىڭ ئەمدىلا ئايىغى چىققان چاغلار ئىدى. چۆچۈرىدەك كىچىك بالىلىرىغا ۋە ئۆزىنىڭ بەختى قارىلىقىغا ئېچىنىپ، ئانار مۇئەللىم نەچچە يىللارغىچە ئېسىنى بىلەلمىگۈدەك ئازابلاندى، ئاخىرى نارەسىدە بالىلىرىغا، «مۇئەللىم» دەپ چۇرقىرىشىپ كېلىدىغان مەسۇم ئوقۇغۇچىلىرىغا قاراپ ئۆزىگە ھاي بەردى. تۇرمۇشنىڭ دەم ئالالماس قىيىنچىلىقلىرى ئىچىدە غەيرەت بىلەن ياشاپ، بۆگۈنكى كۈنگە كەلدى. شۇ چاغقىچە ئۆزىگە ئەر، بالىلىرىغا دادا بولماقچى بولغان نۇرغۇن لايىقلارنى چىرايلىقچە ياندۇردى. ئۇ بالىلىرىغا يېتىملىكنى ھېس قىلدۇرماي، ئېرىنىڭ تاھارىتى بىلەن بۇ دۇنيادىن ئىززىتىنى ساقلاپ كېتىشنى ئويلايتتى.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر