باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ھايات كومىدىيەسى(1)

نۇرگۈل ئەبەي

2015.08.19 12:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ـــ قايتىپ كەپسىزغۇ؟ـــ تېخى چۈش بولماي تۇرۇپلا ئەسئەتنىڭ روھسىز كىرگىنىنى كۆرۈپ ئايالىنىڭ جۇدۇنى تۇتتى،ـــ نېمە بولغان ئىدى؟ بىر بەلەن ئىشلەۋاتتىڭىزغۇ؟ تېپىك يەپسىز ھە؟!

  ـــ تاماق قىلمىدىڭىزما؟ ئاۋۋال بىر چىنە ئاش بەرسىڭىز، يەپ بولۇپ ئاندىن دەپ بەرسەم بولمامدۇ؟ـــ دېدى ئەسئەت روھسىز ھالدا. مۇبادا يانچۇقىدا ئون كوي پۇلى بولغان بولسا، بىر قاچا ئاشقا تەلمۈرۈپ ھەرگىزمۇ بۇنداق چاغدا ئۆيىگە دەسسىمەيتتى. ئۇ ھەر قېتىم ئىشسىز قالغىنىدا خوتۇنىنىڭ ھازىرقىدەك جىدەل قىلىدىغىنىنى بىلەتتى. خوتۇنىنىڭ بۈگۈنمۇ قاق سەھەردىلا يەنە جۇدۇنى تۇتۇپ قالغان، شۇڭىمۇ ئەتىگەنلىك ناشتا تەييارلىمىغان، ئۇ قورسىقىغا تۈزۈك بىر نەرسە يېمەيلا چىقىپ كەتكەنىدى. مانا شۇ تاپ قوسىقى ئاچلىقتىن كوكىراپ كېتىۋاتاتتى. لېكىن بۇ ئۆي ھېچقاچان، ھەتتا ئەزەلدىن تاماق ئېتىلمىگەندەك، ھەممە يەردىن بوران ئۇچۇپ ئادەتتىكىدىنمۇ بەكرەك سۆرۈنلىشىپ كەتكەندى. ئەسئەتنىڭ ئېسىگە ئانىسى رەھمەتلىكنىڭ «تاماق ئېتىلگەن ئۆي مېھىرلىك، ئىسسىق ۋە ئىللىق بولىدۇ» دېگەن سۆزى كەلدى. ئۇ بۇ سۆزنى دائىملا ئويلاپ قالاتتى، لېكىن تاماق ئەتمىگەن خوتۇنىغا شۇنداق دېيەلمەيتتى. ئۇ قاچانلاردا بۇ خوتۇندىن شۇنداق قورقىدىغان بولۇپ كەتكەنلىكىنى ئەسلىيەلمەيتتى.

  ئۇ، ئامالسىز ئاشخانىغا كىرىپ بىر ئىستاكان سوغوق سۇ ئالدى-دە، بىر تىنىقتىلا ئىچىۋەتتى. ئارقىدىن يەنە بىرنى ئىچىپ يېرىملاشتۇرۇپ بولماي تۇرۇپلا ئايالى تاپ بېسىپ ئاشخانىنىڭ ئىشىكىدە پەيدا بولدى.

  ـــ سۇنى بىكارلىق بولغاندېكىن قورسىقىمغا لىققىدە قاچىلىۋالاي دېگەنمۇ؟ ئاڭلاڭ، سۇ سائىتى قىزىل چىراق ياندۇرىۋاتقىلى ئىككى كۈن بولدى! قارىغاندا مېنىڭ مائاشىمغا ساقلاپ تۇرالمىغۇدەك!...

  ـــ مەن ئېچىۋېتەي... پەرىزە كۆرۈنمەيدىغۇ؟ ئوينىغىلى چىقىپ كەتتىما؟ــ دېدى ئۇ، ئامال بار ئۇرۇش تېرىماسلىق ئۈچۈن گەپنى باشقىغا بۇراپ. مۇبادا قىزى بولغان بولسا ھېچ بولمىسا دادىسىغا چاي بېرەتتى-دە...

  ـــ نەگە كېتەتتى؟ يەنە شۇ چوڭ ئۆيگە كېتىدۇ-دە! بۇ ئۆيدە قورساققا يېگۈدەك نېمە بار ئىدى؟! يە گۆش يوق، يە بىر تۇتام چىڭسەي! پاتىمەمنىڭ ئېشىنى ئېتىپ تۇراي دەپ، ئاق تاش، كۆك تاش، يېشىل تاشتىن بىر دۆۋە يىغقانتىم، لېكىن قاينىتىدىغانغا تۇڭدا گازمۇ يوقكەن! تۇل خوتۇننىڭ بېشىغا ئۇچۇپ كېتىۋاتقان قاغىمۇ چىچىپ قويۇپ ئۆتۈپ كېتىدۇ، دەۋاتاتتى، راستكەن!

  ـــ نېمە پەلىپەتىش گەپلەرنى قىلىدىغانسىز؟ سىز تۇل قالدىڭىزما؟ مەنچۇ؟ سىزگە ئەر بولماي ئۆلۈپتىمەنمۇ يا؟... بولدى قىلىڭە، مېڭەمنى يەپ بولدىڭىز!

  ـــ سىز ئەرما؟ قېنى ئەر بولغىنىڭىز؟! ئەر كىشى دېگەن پۇل تاپىدۇ، تۇتام- تۇتام پۇللارنى خوتۇنىنىڭ ئالدىغا نەق-نەق ئەكىرىدۇ! ماشىنىسى بولىدۇ، چوڭ داچىسى بولىدۇ... سىزنىڭ نېمىڭىز بار؟ بىر چىنە ئاش ئېلىپ يېگۈدەك يانچۇقىڭىزدا بەش كوي پۇل يوق، قوۋۇرغام... ئەرمىش تېخى! مەن مېڭىڭىزنى يەۋاتامدىم يا مېنىڭ مېڭەمنى يەۋاتقان سىزنىڭ بوشاڭلىقىڭىزمۇ؟ تاپقان پۇلىڭىزنىڭ تايىنى يوق، كۈن بويى بىكارچىلىقتا يۈرگىنىڭىز يۈرگەن! مانا ئەمدى يەنە ئىشسىز قاپسىز! ئېسىت، سىزمۇ ئەركىشىمۇ؟ سىزمۇ دادا بولدىڭىزمۇ؟! ھۈ ھۈ ھۈ... تويدۇم بۇ ئۆيدىن، بۇ ئەردىن... بالىدىنمۇ تويدۇم! چوقۇم ئىشتىن قوغلانغان گەپ... ھۈ ھۈ ھۈ...

  ــ كېسىلىڭىز يەنە تۇتۇپ قاپتۇ ھە؟ بۈگۈن شەنبە ئىدى راست؟! بىلمەيلا كىرىپ قاپتىمەن!ـــ ئەسئەت شۇنداق دەپ خوتۇنىنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ ئۇدۇللا ھوجرا ئۆيىگە كىرىپ كەتتى. ئىشتا مەينەت بولۇپ كەتكەن كىيىملىرىنى ئالماشتۇرۇپ بۇ ئۆيدىن چىقىپ كەتمەكچى، خوتۇنىنىڭ تۇرۇپ- تۇرۇپلا، بولۇپمۇ ھەر شەنبە كۈنى دېگۈدەك ئېچىلىپ كېتىدىغان يامان تىلىدىن قۇتۇلۇپ كەتمەكچى بولدى.

  ـــ تۇتىدۇ! تۇتىدۇ تازا! سەن بەغەرەزنىڭ ئەسكىلىكىدىن، بوشاڭلىقىدىن تۇتىدۇ!...ـــ خوتۇنى ئۇنىڭ كەينىدىن بۇ ئۆيگىمۇ ئېتىلىپ دېگۈدەك كىردى. ئۆي ئىچى بەسىرەمجان، كىيىم- كېچەكلەر قالايمىقان چېچىلىپ كەتكەندى.

  ـــ ئاچاڭ ئېرىگە ماشىنا ئېلىپ بېرىپتۇ! 300 مىڭ كويلۇق ماشىنىكەن، «توۋا» دەپ قاپتىمەن! بىز بۇ يەردە يۈز كوي پۇلغا زار بولۇپ ئۆتەيلى-يۇ، ئاچا بولغان ئادەم «ماۋۇ ئۇكام بىر يولغا كىرگۈچە ماشىنا ئالغان پۇلنىڭ يېرىمىنى بولسىمۇ ياردەم قىلاي، قالغىنىغا مۇنداقراق ماشىنا ئېلىپ تۇرساممۇ ھېچنېمە بولماس» دېمەپتۇ!...«ئۆيگە نېمە دەپمۇ كىرگەندىمەن؟» دەپ ئويلاپ كەتتى ئەسئەت كىيىملىرىنى جىددى ئالماشتۇرغاچ، خوتۇنى ئۇنىڭ ئاچىسىنى چىشلەپ تارتىپ، «سەن»لەشكە چۈشتىمۇ، بۇ ئۆيدە ئېنىقلا چوڭ جىدەل بولماي قالمايدۇ...

  ـــ مەكتەپكە 10 مىڭ يۈئەن ئىئانە بېرىپتۇمۇش! مەكتەپتىكى قوڭالتاق شۇملار مۇھىممۇ ياكى بىر قورساقتىن چىققان قېرىنداشمۇ؟ ئۇكىسى ئىشسىز، پۇلسىز، قەلەندەردەك ئۇ چەت- بۇ چەت چېپىپ يۈرسۇن- يۇ، ھەدە بولغان ئادەم قۇرۇق ئابرۇي تالىشىپ يۈرسۇن! قارا، موتسېكلىتىڭنىڭ چاقى چۈشۈپ قاپتۇ، نېمىشقا ماشىنا ئالالمايسەن؟ نېمىشقا سوغوقتا قالغان چاشقاندەك ئىككى پۇلغا زار بولۇپ يۈرىسەن؟ دېگىنە، يەنە نېمە دەپ ساڭگىلاپ كەلدىڭ؟ يەنە قوغلاندىڭمۇ؟...

  ـــ شۇنداق، قوغلاندىم... ئەمدى ئۇ يەردە ئىشلىمەيمەن، ھە دېسىلا مائاشىمنى تولۇق بەرمەيدۇ، بۈگۈنمۇ كېچىكتىڭ دەپ... بولدىلا، نېمە پايدىسى؟ بولىدىغان ئىش بولدى، ئۇنىڭ بىلەن ياقا سىقىشىپ قالغىلى تاس قالدىم، ئاناڭنى... بىرى بىلەن شېرىكلىشىپ باشقىدىن تىجارەت قىلارمەن يا! چىدىغانغا چىقارغان...

  ـــ ۋاي قوۋۇرغام... تىجارەت قىلارمىش؟! شېرىكلىشەرمىش؟! ساڭا ئوخشاش تۆت تەڭگىنى غالتەككە چىقىرالمىغان قوڭالتاق بىلەن كىممۇ شېرىكلىشەر؟ ئايلىناي، ئەجەپ تىجارەت دەپ قالدىڭغۇ؟ ئاچاڭنىڭ ئېرى «شېرىك بولايلى، خوتۇنۇڭنى قويۇۋېتىپ كەل» دەمدۇ- يا؟ ئاشۇ قىلنى قىرىق يېرىپ، پېتىر ناندىن قىل سۇغىرىدىغان قېيىنئاكاڭ نان بېرەمدۇ ساڭا؟! شۇنداق قىلغىنىڭنى مەن بىر كۆرەي، ئۆتەپ تېشىپ ئاشۇ خەقنىڭ، ئاشۇ ئاچاڭنىڭ قولىدىن چىققانغا قارايمەنما مەن؟ تۈفى، ئۆلسۇن شۇنداق دېگەنلەر!

  ـــ تولا گەپ قىلماڭ، ھېچكىم ئۇنداق دېمىدى، ھەم ھېچكىمنىمۇ كۆرمىدىم. ئويلىغىنىم بار!...ـــ ئەسئەت شۇنداق دەپ خوتۇنىنىڭ ئالدىدىن كېسىپ ئۆتۈپ ئىشىككە قاراپ ماڭدى.

  ـــ نەگە؟! ئاچچىق يۈتكۈزىدىغاننى يۈتكۈزۈپ قويۇپ غېمىڭدە يوق چىقىپ كەتمەكچىما؟ نەدە شۇنداق ئاسان ئىش باركەن؟ بۈگۈن گەپنى تايىنلىقلا دېيىشىمىز!

  ـــ بۇ ئەپتىڭدە نېمە گەپنى دېيىشكىلى بولىدۇ؟ توۋا خۇدايىم، سەن بىلەن سوقۇشقۇم يوق. بىردەم چۆرگىلەپ كىرەي، يولۇمنى تورىما!...

  ـــ ھېچنەگە چىقمايسەن!ـــ خوتۇنىنىڭ قان تولغان بىر جۈپ كۆزى خۇددى يېنىۋاتقان چوغدەك قىزىرىپ ئەقلدىن ئازغان ئادەمنىڭكىدەك چەكچىيىپ كەتكەنىدى. بۇنى كۆرۈپ ئەسئەتنىڭ تېنى غۇژژىدە بولۇپ يۈرىكى تارتىشىپ كەتتى. ئۇ ھەقىقەتەن چىقىپ كەتمىسە زادى بولمايتتى. خوتۇنى بومبىسىنىڭ پىلىكىنى تارتىپ بولغان ئىدى.

  ـــ مەن قوساققا يېگۈدەك بىرنەرسە تېپىپ كىرەي، قوسىقىم بەك ئېچىپ كەتتى، سىزمۇ ھېچنېمە يىمەپسىز، بۇيانغا ئۆتۈڭ، ھېرىپ كەتتىم...ـــ دېدى ئۇ. ئايالى سەل يۇمشىغاندەك، كېرىگىدەك يايغان قوللىرىنى سەل بوشاتقاندەك قىلدى. ئەسئەت مۇشۇ پۇرسەتتە غىپپىدىلا ئىشىكتىن چىقىپ كەتتى. ئەمما ئايالىنىڭ چىرقىراق ئاۋازى، بېزەپ تىللىرى كارىدورنى بىر ئالدى. ھەتتا بىرىنچى قەۋەتكە چۈشكەندىمۇ ئاڭلىنىپ تۇردى.

  «مۇشۇنداقلا ئۆتۈپ كەتمەيمەنغۇ؟ مۇشۇنداقلا ئۆتۈپ كەتمەيمەن... قاراپ تۇر، قاراپ تۇر، مەن دېگەن ئوغۇل بالا، دادام ئوغۇل بالا دەپ تاپقان... ئىپلاس خوتۇن، ئىپلاس خوتۇن... ئاھ، سېنىڭ پۇللىرىڭ، ئاھ، دوزاققا تۇترۇق بولىدىغان مىننەتلىرىڭ... ئەجەپ تويدۇم، ئەجەپ تويدۇم... كۆرىسەن، بىر كۈنى كۆرۈپ قالىسەن... مانا پۇل دېگەن، دەپ بۇرنى قۇلىقىڭغا كەلگۈچە لىققىدە تىقىۋەتمەيدىغان بولسام!...»

  «ئاھ، بۇ خوتۇندىن قۇتۇلۇپ كەتكىلى بولمامدۇ زادى؟ نېمە دېگەن تۈگىمەس جىدەل- ماجرا بۇ؟ ھە دېسىلا ئۇرۇش، تىللاش... بۇ بالا- قازانىڭ تىلىدىن ئامان قالغان ئەسئەتنىڭ ئىت- مۈشۈكىمۇ قالمىدى، ھەممىنى قارا- قۇيۇق، ئادەم بار- يوق دېمەي تىللاۋاتقان، قارغاۋاتقان... نېمە دېگەن بىچارە ئەرمەن؟ بىر چېنە ئىسسىق تاماقنى ئالدىمغا قويۇپ، قورسىقىمنى تويغۇزغاندىن كېيىن سوقۇشسىمۇ نېمە دەي؟ ئېسىت، شور پىشانە ئەسئەت، ئالغان خوتۇنۇڭ قىپقىزىل بىشەم! ئاھ، سەن بىر ئېغىزمۇ زۇۋان سۈرەلمەيسەن، نېمىشقا تاماق قىلمىدىڭ، جىدەل- ماجرا تېرىشتىن نېمىشقا زادىلا ھايا قىلمايسەن؟ خوشنىلاردىن، ئەل- مەھەللىدىن نومۇس قىلساڭ بولمامدۇ؟ دەپ بىر ئېغىز ۋارقىرىيالمايسەن! ئاھ، خۇدايىم! بۇ خوتۇندىن قۇتۇلۇپ، ئىنسان كۆرمەيدىغان جاڭگالغا كىرىپ كەتسەم، ئۇنىڭ ئاشۇ سەت چىرايىنى، ئوت زۇۋانىنى ئەبەدى ئاڭلىمىسام قانداق ياخشى بولاتتى!؟»

  ھەر قېتىم خوتۇنىدىن مۇشۇنداق تىل ئىشتكەن، غورۇرى ئاياق ئاستى بولىۋاتقان، كىچىككىنە قىزىنىڭ ئالدىدىمۇ بىر تىيىنگە ئەرزىمەس بولۇپ قېلىۋاتقانلىقىنى سەزگەن ۋاقتىدا، ئەسئەتنىڭ قەلبىدە بۈيۈك، تونۇش، توسىۋالغىلى بولمايدىغان بىر كۈچ جۇش ئۇرۇپ، ئۇنى يېڭى بىر يولغا، ھەممىنى، بىشەم خوتۇنىنى، چۇۋالچاق، ئۇرۇش تالاش قۇرۇپ ئۆتمەيدىغان كۆڭۈلسىز ئۆيىنى تاشلاپ كېتىشكە ئۈندەيتتى. شۇ تاپتىمۇ ئۇ چىشلىرىنى غۇچۇرلاتقىنىچە مۇشتۇمىنى چىڭڭىدە تۈگۈپ، خۇددى ئالدىغا كەلگەننى ئۇرۇپ چەيلىۋېتىدىغاندەك ئەلپازدا سىرتقا چىقتى. ئەتراپ ئىسسىپ كەتكەن بولسىمۇ، سىرتنىڭ ھاۋاسى شۇنداق ساپ ئىدىكى، ئۇنىڭدىكى خوتۇنى ۋە ئىشسىزلىق ئېلىپ كەلگەن شىددەتلىك زەربىدىن پەيدا بولغان كۆڭۈلسىز تۇيغۇلىرى سەل يوقاپ كېتىۋاتقاندەك بولدى.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر