باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

گۇناھلىق سۆيگۈ(1)

نۇرگۈل ئەبەي

2015.08.19 11:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەتە، ئېرىمنىڭ، توغرىسى، قىزىمنىڭ دادىسىنىڭ تويى بولاتتى.نىكاھتىن ئاجرىشىپ كەتكەن بولساقمۇ،ياشلىق چاغلىرىمدىن باشلاپ،سۆيۈپ، ئەتىۋارلاپ، بارلىق ئۈمىد-ئارزۇلىرىمنى كۈتۈپ كەلگەن بۇ ئەردىن ھېسىيات جەھەتتە زادىلا ئايرىلىپ باقماپتىكەنمەن. يېنىشىپ قېلىش، بىردىنبىر قىزىمىزنى بىللە بېقىپ، قاتارغا قوشۇش تەمەسىدە ئۆتىۋاتاتتىم.ئەپسۇس،ئەتىدىن باشلاپ بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىگە خاتىمە بېرىلىدۇ...خۇددى كۆز-كۆز قىلغاندەك،ئۇنىڭ،تويىنى،ئۆيۈمنىڭ ئالدىدىكى ھەشەمەتلىك رېستۇراندا ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ،تېخىمۇ قاتتىق ئازابلىنىپ كەتتىم. «نىمە بولىدۇ؟ توي قىلمىساڭ نىمىمۇ بولىدۇ؟!...» ئىچ-ئىچىمدىن شۇنداق دەپ نالە قىلاتتىم...

  ئۇنىڭ بىلەن ئۆتكەن 10يىللىق ھاياتىم ۋە بۇ ھاياتىمدا يۈز بەرگەن بارلىق خاتىرىلەر گويا ماڭا پۈتۈن ئېغىرلىقىنى ئارتىۋدتقاندەك تۇيۇلدى. ئىچ-ئىچىمدىن ھارغىنلىق ھىس قىلاتتىم. گېلىمدىن تاماق ئۆتمىدى، ئۇخلىيالمايتتىم. ھەتتا قەلبىمدە ئاشۇ نەپرەتلىك ئەرگە قارىتا مەجنۇنلارچە سېغىنىش يېڭىباشتىن پەيدا بۇلۇشقا باشلىدى.خېلى بۇرۇنلا ئېسىمدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتكەن بەزى ۋەقەلەر، توي قىلىشتىن بۇرۇنقى تەلپۈنۈش،ئوتتەك سېغىنىشلار،مۇھەببەتلىك شېرىن كېچىلەر بىر-بىرلەپ كۆز ئالدىمغا كەلگىلى تۇردى. قانداقتۇر بىر ئۈمىدسىزلىك،يۈرىكىمگە، ئەلەملىك چوغ بولۇپ يېقىلماقتا ئىدى.

  ئىشتىن چۈشۈپلا،ياتاق ئۆيۈمگە كىرىپ،كارۋىتىمدا جىممىدە ياتتىم.قىزىممۇ،خانىسىدا،ھېچ زۇۋان سۈرمەي ئولتۇرۇپ تاپشۇرۇق ئىشلەۋاتاتتى.ئۇ دادىسىنىڭ ئەتىلا تويى بولىدىغانلىغىنى بىلىدىغاندەكلا قىلاتتى. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ مېنىڭ دەردلىك تۇرقۇمغا قانداق قاراشنى، قانداق تەسەللىدە بولۇشنى بىلەلمەيۋاتقاندەك، ئادەتتە ئۇنچە قولىغا ئېلىپ كەتمەيدىغان تەتىل تاپشۇرۇقلىرىغا قادىلىۋالغان ئىدى... ئۆي ئىچىگە تولىمۇ چۈشكۈن ھەم چىدىغۇسىز بىر مىسكىنلىك تۆكۈلۈپ تۇراتتى. شۇ تاپتىكى روھى ھالىتىم ئالتە ئاي بۇرۇن كۆك تاشلىق ئاجرىشىش گۇۋاھنامىنى قولۇمغا ئالغاندا روھىمدا پەيدا بولغان ئۈمىدسىزلىككە ئوخشايتتى. شۇ چاغدىمۇ قاتتىق ئۈمىدسىزلىنىپ كەتكەن ئىدىم.ئۇ ۋاقىتتا، ماڭا،ئەڭ ئەلەم بولغىنى ــ ئېرىمنىڭ بارلىق گۇناھلىرى تۇرۇپلا يۇيۇلۇپ تۈگەپ، گۇناھكارنىڭ بىردىنلا ئۆزۈم بۇلۇپ قالغانلىقىم ئىدى. بىزنىڭ جەمئىيىتىمىز ئەرلەرنىڭ ئەخلاق جەھەتتە سادىر قىلغان بارلىق گۇناھلىرىنى كەچۈرۋېتەلىگەن بىلەن، ئاياللارنىڭ ئانچىكى ئەخلاقسىزلىقىنى كەچۈرەلمەيتتى. ئەرلەر خۇددى مېنىڭ ئېرىمدەك ئاشنا ئوينىسا، ھاراق-شاراب ئىچىپ، قارت-قىمار ئويناپ، كېچىلەپ ئۆيىنى تاپالماي،كوچىدىكى ئىشرەتخورلار بىلەن بۇزۇقچىلىق قىلىپ يۈرسە،شۇ بىر ئىشنى ئوخشاش قىلغان ئاياللاردەك ئېغىر ئاقىۋەتكە قالمايتتى. جەمئىيەت ئەرلەرنى يەنىلا ئاشۇ چەكسىز گۇناھنىڭ مەنبەسى بولغان ئاياللارنىڭ ۋۇجۇدىدىكى مەلۇم سەھۋەنلىك بىلەن ئاقلاپ چىقاتتى. بىر ئەر ئۆيىدىكى بالا باققۇچى بىلەن تۇتۇلۇپ قالغاندىمۇ، كىشىلەر گۇناھنى ئېرىنى تۇتۇۋالغان شۇ بىچارە ئايالغا ئارتىپ قويغانلىقىنى ئۆز قۇلىقىم بىلەن ئاڭلىغانمەن: «ئۇ ئايالنىڭ يا تىلى يامان، يا خۇيى يامان، يا چېچەن ئەمەس، يا تېتىملىق تاماق ئېتىشنى بىلمەيدۇ.خۇلقى،يۈرىشى يوق،ئېرىنىڭ كۆڭلىنى ئاشۇ بالا باققۇچىچىلىكمۇ ئالالمىغان گەپ... ئۆزىنىڭ ھالى شۇ تۇرۇپ يەنە دادلىغان...»

  بۇزۇقچىلىق قىلغان ئاياللارغا تۇتۇلىدىغان مۇئامىلە،يۇقارقىنىڭ دەل ئەكسى.بىر قوشنام بار ئىدى، ئېرى كۈن بويى ھاراق ئىچىپ، تۈزۈك ئىشلىمەي،بالىلىرىنى، ئائىلىسىنى بېقىش مەجبۇرىيىتىنى ئېسىدىن چىقارغان ئىدى. ھە دېسە ئۆيىدە جىدەل-ماجرا چىقىرىپ، ئايالى بىچارىنى ئۇرۇپ تىللايتتى. بۇنىسى ئاز كەلگەندەك نەنەلەردىن كېلىپ قالغان بۇزۇقلارنى ھەتتا ئۆيگىچە ئېلىپ كەلگەن يەرلىرىمۇ بار ئىدى. خوتۇنى بىچارە خورلۇقتىن يېنىمغا كىرىپ ھۆر-ھۆر يىغلايتتى. قوشنامنىڭ چىرايى خېلىلا تۈزۈك ئىدى. بىچارە بىر كۈنى ئىشلەۋاتقان يېرىدە قانداق بولدى، بىر باي بىلەن تونۇشۇپ قاپتۇ. باي بىلەن بىللە يوشۇرۇن بېرىش-كېلىش قىلىپ يۈرۈپتۇ. ئۈستىباشلىرى يېڭىلىنىپتۇ، ئۆيىدە بالىلىرىغا گۆش يىگۈزەلەپتۇ، بالىلىرىنىڭ ئۇقۇشىنى غەملىيەلەپتۇ، ئۈستىباشلىرىنى ئوڭشاپتۇ... ئەمما بۇ مۇناسىۋەت ئۇزۇنغىچە خۇپىيانە بولالماپتۇ. قولۇم-قوشنىلار بىلىپ كېتىپتۇ. بىر قۇشقاچ چوكاننىڭ ئېرىگە بۇ سىرنى ئاشكارىلاپ قۇيۇپتۇ. ئاقىۋىتى قانداق بولدى دېمەمسىز؟ ئېرى ئايالىغا ئوخشاش سۈكۈت قىلالمىدى، ھەپتە ئىچىدىلا خوتۇنىنى قويۇۋېتىپ، ئىككى بالىسىنىڭ چوڭىنى ئېلىپ قېلىپ،كىچىكىنى خوتۇنىغا بېرىپ، ئۇنى ئانىسىنىڭكىگە،يۇرتىغا،يولغا سېلىۋەتتى. ھەممە ئادەم:«بەلەن بولدى، بۇزۇلغان خوتۇننىڭ ئاقىۋىتى شۇ بۇلاتتى» دېيىشتى. ھىچكىم:«ئاشۇ بولۇمسىز ئەر سەۋەبلىك بىچارە چوكان كوچىغا چىقىپ قالدى. خوتۇن-بالىلىرىنىڭ ئۈستىبېشىغا ھېيت-ئايەمدىمۇ دىققەت قىلىشنى بىلمىسە، تاپقان ئىككى توك-توك پۇلىنى نەدىكى كەلگۈندى بۇزۇقلارغا خەجلەپ تۈگەتسە، يەنە تېخى چوڭ تاغ يۆتكەپ بېرىۋەتكەندەك نوچىلىق قىلىپ،خوتۇن-بالىلىرىنى ئۇرۇپ-دۈشكەلىسە،خوتۇن بۇزۇلماي كىم بۇزۇلاتتى؟خوتۇن كىشىنىڭمۇ كىيگۈسى كېلىدۇ، ئېرىگە تاتلىق ئەركىلىگۈسى كېلىدۇ، خەقنىڭ ئاياللىرىدەك مۇھتاجلىقتىن قۇتۇلغۇسى، كۈلۈپ يايراپ يۈرگىسى كېلىدۇ. ئېرىنىڭ ئەھۋالى شۇ تۇرسا، بۇزۇلماي قانداق قىلاتتى؟» دەيدىغانغا بىرمۇ ئادەم چىقمىدى.خۇددى كېلىشىۋالغاندەك،ھەممىسىنىڭ دەيدىغىنى شۇ ئىدى:«سەۋرنىڭ تېگى ئالتۇن،دەپ،خوتۇن كىشى بولغاندىكىن ئازراق سەۋر قىلسا نېمە بولىدۇ؟ئېرى بار ئادەم تاياق يەيدۇ،ئۆي تۇتقان ئادەم قىيىنچىلىق تارتىدۇ.سەن قىلساڭ،مەنمۇ قىلىمەن،دېگەن بىلەن،ئۆيى بۇزۇلۇپ،بالىلىرى يىتىم بولىدىغان گەپ شۇ.خېتىنى بېرىپ،ئۆيدىن قوغلىغان بولسا،يېنىك تېخى.بۇرۇنقى زاماندا،بۇنداقلارنىڭ جاجىسى چالما كېسەك بولۇپ ئۆلتۈرلۈش ئىدى!»

  دەرۋەقە،خۇتۇنىنى قويۇۋېتىپ،«نومۇس»ىنى يۇغان،ئەر قوشنىمىز بېشىنى تىك قىلىپ يۈرىۋەردى.ھالبۇكى، ئۇنىڭ قولىدا قالغان بىچارە بالا ھە دېسە ئاچ،يالىڭاچ،بىز قوشنىلارنىڭ قولىدىن چىقىدىغان سەدىقىگە تايىنىپ،ئانىسىز،بويۇن قىسىپ، چوڭ بولۇشقا باشلىدى.

  ئېرىم،ئۇ،ئەر قوشنامغا قارىغاندا جىق ياخشى ئىدى،ھىچ بولمىغاندا تاپقان-تەرگىنىنى، مائاشىنى،ئۆيگە ئېلىپ كىرەتتى. ئەمما ئويۇنى ھېچقاچان تۈگەپ ئۆتمەيتتى.تېلېفونىغا غەيرى-غەيرى ئاياللار تېلېفون ئۇرۇپ توختىمايتتى. دەسلەپتە بۇ ئىشلار كۆڭلۈمنى خىرە قىلىپ ئازابقا سېلىپ تۇرسىمۇ، چىش يېرىپ بىر نېمە دىمەيتتىم. سوقۇشقۇم كەلدى دېگەندىمۇ، ئۇنىڭ قولۇمغا چىقىپ قالغۇدەك ھېچ ئىشى يوق ئىدى. كونىلار ئېيتقاندەك، ئۇ شاختىن شاخقا قونۇپ يۈرىدىغان رەڭلىك كېپىنەك ئىدى. كۆڭلى مۇقىم بىرسىدە تۇرمايتتى. شۇڭا «ئويۇنى تۈگىگەندە ئۆينى تاپار، ھېچ بولمىغاندا قېرىپ ھالىدىن كەتكەندىغۇ بېسىقىغا چۈشەر» دەپ ئۆز ئۆزۈمنى گوللاپ كۈنلىرىمنى ئۆتكۈزەتتىم.ئايال قوشنامنىڭ ساۋىقىنى يەكۈنلەپ،تەقدىرنىڭ ئاياللارغا ئاتا قىلغان ھۆكۈمىگە تېز پۈكمەكتىن باشقا چارەممۇ يوق ئىدى. ئەمما ئەڭ قورقىدىغىنىم ئېرىمنىڭ بىر كۈنى كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرىپ، بىر چىرايلىق ئائىلىمىزنى چۇۋۇۋېتىشى ئىدى. ئۇنىڭ شۇ چاغقىچە كوچىدىكى مەلۇم بىرىگە كۆڭۈل توختاتماي يۈرگىنى،ئۇنىڭغا،كۆڭۈل توختاتقۇدەك،قىز-چوكانلارنىڭ شۇ كەمگىچە ئۇچرىمايۋاتقانلقىدىن بولسا كېرەك، دەپمۇ ئويلاپ قالاتتىم. دەرۋەقە مېنىڭ ئويلىغىنىم ھەم ئەنسىرگىنىمدەك ئىش بولدى.

  ئېرىم يېڭىدىن يۆتكىلىپ كەلگەن بىر خىزمەتدىشى بىلەن ئارىلىشىپ قالدى.ئۇ ئېرىدىن يېڭىلا ئاجرىشىپ كەتكەن تۇل چوكان ئىدى. مېنىڭ قۇشقاچلىرىممۇ بۇ ھەقتە خەۋەر يەتكۈزۈپ تۇراتتى. ئۇلار خىزمەتنى باھانە قىلىپ ئوچۇق-ئاشكارە بىللە يۈرەتتى. كېچىلەپ سىرتلاردا قوناتتى. مېنىڭ بۇ چاغدىكى روھى ھالىتىم ئازاب ۋە خورلۇقنىڭ ئەڭ يۇقىرى چېكىگە يەتكەن ئىدى. ئېرىم بىلەن سوقۇشاتتىم، ئەمما ئۇ خىزمەتدىشىم دەپ زادىلا تەن ئالمايتتى، ھەتتا ماڭا ئانچە-مۇنچە تاياقمۇ بېرىدىغان بولۇۋالدى.تايىقىمنى يەپ تۇرۇپمۇ يەنىلا ھېچ ئىش قىلالمايتتىم. ئىلگىرى ئۇنچە روشەنلەشمەيدىغان گۇمانلىرىم شۇ كۈنلەردە ئوچۇقلا ھەقىقەتكە ئايلانماقتا ئىدى. ئېرىمنىڭ مەندىن، ھەتتا قىزىدىنمۇ بارغانسېرى كۆڭلى قېلىۋاتاتتى.

  شۇنداق كۈنلەردە،ئالاقىلىشىپ باقمىغىلى ئۇزۇن بولغان غەنى ئىسىملىك بىر ئوغۇل ساۋاقدىشىمدىن تېلېفون كېلىپ قالدى.ئۇ ئالىي مەكتەپتىكى چاغلىرىمىزدا ھە دېسە ماڭا قانات سۆرەيتتى. مەن بىر يۇرتلۇق بولمىغانلىقىمىزنى باھانە قىلىپ، دېگىنىگە كۆنمەيتتىم. ئۇنىڭ،مەن بۇنداق مۇرەككەپ روھىي ھالەتتە تۇرغاندا تېلېفون قىلىپ ئەھۋال سورىشى، سوغوقتا قالغان ئادەمنى قىزىق مەشنىڭ يېنىغا ئېلىپ كەلگەندەك ئىش ئىدى. شۇنىڭ بىلەن پات-پاتلا تېلېفوندا مۇڭدىشىدىغان بولۇپ قالدۇق. مەن ئېرىمدىن كۆرۈۋاتقان بارلىق دەرد-پىغانىمنى غەنىغا تۆكەتتىم. ئۇنىڭغا تېلېفوندا يىغلاپ، قاقشاپ بېرەتتىم. ئۇنىڭ چوڭقۇر مەنىلىك تەسەللىرى بىلەن خېلىلا تەسەللىگە ئېرىشىپ قالاتتىم. بارا-بارا بىزنىڭ مۇڭلىرىمىز بىر-بىرىمىزگە ئىنتىلىش دەرىجىسىگە بېرىپ يەتتى. بەزىدە بىز ھەتتا كېچە-كېچىلەپ ئەڭ تاتلىق سۆزلەر بىلەن قايناپ تېشىۋاتقان ھېسسىياتىمىزنى باساتتۇق. غەنى مېنىڭ بىردىنبىر تەسەللىيىم ئىدى، ئۇنىڭ بىر چاغلاردىكى قىياپىتىنى ئەسلەش، ئۇنىڭ تېلېفوندىكى شېرىن سۆزلىرىنى ئاڭلاش،مېنىڭ شۇ كۈنلەردە ئېرىمدىن كېلىدىغان خورلۇقۇمنى بېسىپ تۇرىدىغان بىردىنبىر روھى ئوزۇقلۇقۇم بولۇپ قالغان ئىدى. بىز توردا، تېلېفوندا ياكى ئۇچۇر يوللاش ئارقىلىق كۆرۈشەتتۇق، بىر-بىرىمىزنى سېغىناتتۇق، بىر-بىرىمىزگە تەسەللى بېرەتتۇق. ئەمما ھەر ئىككىلىمىز ھازىرقى كۆڭلىمىز يوق ھەمراھلىرىمىزدىن ئايرىلىپ، بىللە تۇرمۇش كەچۈرىدىغان گەپنى قىلىشمايتتۇق. بۇنىڭ سەۋەبى بەلكىم بىز بالىلارنى ئويلىغان بولىشىمىزمۇ، بەلكىم ھەمراھلىرىمىزنى يەنىمۇ ياخشى كۆرىدىغان بولۇشىمىزمۇ، قانداقلا بولمىسۇن شۇنچە يىل قىل بىلەن تام قوپۇرغاندەك تىرىشىپ-تىرمىشىپ قوپۇرغان ئۆيىمىزنى چۇۋۇۋەتكۈمىز كەلمەيدىغان بولۇشىمۇ ۋە ياكى ئىككى ۋىلايەت ئوتتۇرىسىدا خىزمەت يۆتكەشنىڭ ئاۋارىچىلىقىدىن قورققان بۇلۇشىمىز،يەنە ئۇرۇق-تۇغقان،قولۇم-قوشنىلارنىڭ، ئەل-مەھەللە، جامائەتنىڭ ئەيىبلىشىدىن قورقىدىغان بۇلۇشىمىزمۇ مۇمكىن ئىدى. ئىشقىلىپ بىز بۇ توغرىدا ھېچقاچان سۆزلىشىپ باقمايتتۇق. پەقەت بىر-بىرىمىزگە بولغان چەكسىز سېغىنىشىمىزنى ئىپادىلەيتتۇق...
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر