باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

گۇناھ ۋە جازا(1)

نۇرگۈل ئەبەي

2015.08.19 11:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاسىيە ئەسقەرنىڭ گۈزەلدىن كۆزىنى ئۈزەلمەيلا ئولتۇرغىنىنى يەنە كۆرۈپ قالدى، شۇ تاپتا ئۇ ئەسقەرنىڭ ئۆزىگە ئىلگىرىكىدەك ئوت بولۇپ قارىشىغا نەقەدەر تەشنا ئىدى ھە؟... ئەمما گۈزەل بۈگۈنكى سورۇنغا قاچان كىرىپ كەلدى، شۇ چاغدىن باشلاپلا ئەسقەرنىڭ كۆزلىرى ئۇنىڭدىن زادىلا ئۈزۈلمىدى... ئاسىيە ئەسقەرنىڭ كۆزلىرىگە ئۇدۇل تىكىلپ، ئۇنىڭغا قەلبىدىكى نارازىلىقىنى بىر ئىپادىلەي دەپ قانچە قارىغانسىرى ئەسقەر ئۇنىڭغا نەزەر كۆزىنىمۇ سېلىپ قويمىدى. ئۇ قاتتىق ئۆرتىنىپ كەتتى، چىدىغۇسىز بىر غەشلىك ئىچىدە ئەسقەرنىڭ تېخى ئۈچ كۈن ئىلگىرىكى شېرىن-شېكەر گەپلىرىنى ئويلاپ كەتتى. ئۇلار شۇ كۈنى ئاجايىپ تاتلىق ھېسلارغا چۈمۈپ، دۇنيادىكى بارلىق مەۋجۇداتنى تامام ئۇنتىغان ئىدى... ئارىدىن پەقەتلا ئۈچ كۈنلا ئۆتتى، بۇ ئۈچ كۈننىڭ ئىچىدە ئەسقەر تامامەن باشقىچىلا بىر ئادەمگە ئۆزگىرىپ قالغاندەك، ھەتتا ئاسىيەنىڭ بۇ سورۇندا بارلىقىنىمۇ ئۇنتىغاندەك قىلاتتى. شۇ تاپتا ئۇنىڭ كۆڭۈل كۆزلىرى گۈزەلدىن باشقا ھىچقانداق ئايالنى كۆرمەيتتى... ئاسىيە ئەمدى ئەسقەرگە قايتا قارىمىدى، يەنە قارىسا ئۇنىڭ يۈرىكى ۋاسسىدە يېرىلىپ كېتىدىغاندەك ھالغا يەتكەنىدى. ئەسقەرنىڭ ھە دېگەندىلا گۈزەلدىن كۆزىنى ئۈزەلمەي قېلىۋاتقان ئاشۇ تۇرقى ئاسىيەنى گويا گۈلخانغا چۈشۈپ كەتكەندەك ئازاپلايتتى. ئۇ، ئۇدۇلدىكى ئەينەكتىن مەخسۇس كۆپتۈرۈپ ياسىتىۋالغان ساپسېرىق بۈدرە چاچلىرى ئىچىدە قۇشۇقتەكلا كۆرۈنىدىغان، زىيادە سۇلغۇنلۇق قاپلىغان چىرايىنى كۆرۈپ بىئارام بولدى. ئىختىيارسىز لەپپىدە گۈزەلنىڭ چىرايىغا يەنە بىر قارىدى، گۈزەل شۇ تاپتا ئىسمى- جىسمىغا لايىق گۈزەللىشىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ يۈزى بىراۋ سۆيۈپ قويسا ئىز قالغۇدەك سىلىق، يۇمشاق ئىدى. سۇس لەۋ سۇرۇخ بىلەن تېخىمۇ ھىسسىياتلىق كۆرۈنىدىغان قىزىل گۈلدەك لەۋلىرى پات- پات شەھلا كۆزلىرىگە ماسلىشىپ ئەسقەرگە تاتلىققىنە كۈلۈمسىرەپ قوياتتى. بوينى غۇنچىدەك تۇرقىغا ماس ھالدا ئاق ھەم ئۇزۇن، سۈزۈك ئىدى. چوغدەك قىزىل كۆڭلىكىگە پاتماي چىڭقىلىپ تۇرغان كۆكسى ھەرقانداق ئەر كىشىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىپ، سىرلىق خىياللار ئالىمىگە ئېلىپ كېتەتتى... ئۇ شۇ تاپ ھۈپپىدە ئېچىلىپ، خۇشپۇراق چېچىپ تۇرغان گۈلنىڭ ئۆزى ئىدى. ئەسقەرلا ئەمەس، سورۇندىكى خېلى-خېلى ئەرلەرمۇ ئۇنىڭدىكى گۈزەل رۇخسارنىڭ جەلپ قىلىش كۈچىگە يېڭىلىپ، ئۇنىڭدىن كۆز ئۈزەلمەيلا قېلىشقانىدى...

  ئاسىيە چىدىيالمايلا قالدى، ئۇ بۇ يەردە يەنە نېمىنى كۈتۈپ ئولتۇرسۇن؟ ئەسقەر ئۇنىڭ نېمىسى ئىدى شۇنچە تەلمۈرۈپ كەتكۈدەك؟... يا ئۇنىڭ خوتۇنى ئەمەس... پەقەت بىر نەچچە قېتىملىق كۆڭۈل خوشلىغىلا خالاس. ئەرلەرنىڭ شېرىن-شىكەر گەپلىرىگە ئىشەنگەن ئاياللارنىڭ جېنىغا ۋاي!

  ئاسىيە ھازىرقى ئېرىگە ئاتا-ئانىسىنىڭ زورى بىلەن تەگكەن ئىدى. ئېرى ئۇنىڭدىن 10 ياش چوڭ، ياغاق يۈزلۈك ئادەم ئىدى. ئېرىنىڭ ۋۇجۇدىدا قانداقتۇر ئاجىزلىق، يۇمشاقلىق، ئۆزىدىن ئۆزى ئېھتىيات قىلىش سەزگۈسى بار ئىدى. ئۇ خۇددى توختام سۇدەك ھەرقاچان ئالدىرىماي، تەمتىرىمەي ئىش كۆرىدىغان ئەر ئىدى. بىر ئىشقا ئالدىراپ خوشالمۇ، خاپىمۇ بولۇپ كەتمەيتتى. ئاسىيەنىڭ نەزىرىدە ئۇ بارغانچە قۇرۇپ كېتىۋاتقان قېرى توغراق ئىدى. شۇڭا ئۇ يۇمۇرىستىك، سۆزمەن، ھەممىنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتىپ تۇرالايدىغان، قەددى-قامىتى كېلىشكەن ئەرلەرگە باشقىچە ھەۋەس بىلەن قارايتتى. ئاشۇنداق ئېرى بار ئاياللارنى بەختلىك، ئۆزىنى بولسا بەكمۇ بەختسىز ھىساپلايتتى. شۇڭا ئېرىگە بەكلا سۇس مۇئامىلە قىلاتتى. يېشىنىڭ چوڭىيىپ قالغىنىنى، تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرغان بىر تال ئارزۇلۇق قىزىنى دېمىسە ھەرگىزمۇ ئەشۇ مۆرىمەس ئەرنىڭ پېشىگە چىڭ ئېسىلىۋېلىپ ئولتۇرمايتتى...ئاسىيە ئىلگىرى شەھەرگە قاراشلىق بىر يېزىدا ئىشلەيتتى، شەھەردە ئېرىنىڭ ئىدارىسىدىن تەقسىم قىلغان بىر يۈرۈش كىچىك بىنادا ئولتۇراتتى. ئېرىنىڭ سۇسلىقى، زىيادە ئېغىر- بېسىقلىقىغا چىشلىرى قېرىشسىمۇ، ھەر كۈنى شەھەر بىلەن يېزىنىڭ ئارىسىدا قاتناپ، ئۆزىنىڭ ئاياللىق، ئانىلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ كېلىۋاتاتتى. نېمىلا دېگەن بىلەن ئۇنىڭدا يېزا تۇرمۇشىنىڭ تەسىرى بار ئىدى. شۇ ھالدا نۇرغۇن يىللار ئۆتۈپ كەتتى، تەشكىلنىڭ ئاخىرى ئاسىيەگە ئىچى ئاغرىپ قالدىمۇ، ئۇنى شەھەردىكى باش ئىدارىغا يۆتكەپ ئەكەلدى. ئۇلارمۇ شەھەردىكى ئاۋات بىر ئولتۇراق رايوندىن بىر يۈرۈش تاۋار ئۆي سېتىۋېلىپ، ئىلگىرىكى تار ئۆيدىن كۆچۈپ چىقتى. ئاسىيەنىڭ يېڭىچە تۇرمۇشى شۇنىڭ بىلەن باشلاندى.

  بۇ رايوندا ئولتۇرۇشلۇق بىرنەچچە قۇلۇم-قوشنىلار ئاسىيەنىڭ كۆزىگە باشقىچە كۆرۈندى. ئاياللار بەكمۇ مودا يۈرەتتى، يۈرۈش-تۇرۇشتا ئۆزلىرىنى ئەركىن قويۇۋېتەتتى. ئۇلاردا ھىچبىر قورۇنۇش، تارتىنىش يوق ئىدى. ئاسىيە چاقىرىلغان بىر نەچچە قېتىملىق توي-تۆكۈنلەردە ئۇلار خۇددى خانىشلاردەك ئۆزلىرىنى بەكمۇ چوڭ تۇتاتتى. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى سەنەۋەر ئىسىملىك چوكان ئاسىيەنىڭ ئۈستۈن قەۋەتتىكى خوشنىسى ئىدى. ئۇلار ھەرھالدا سالام- سەھەت قىلىشىپ ئۆتەتتى. بىر نەچچە قېتىملىق ئادەتتىكى مۇڭدىشىشتىن كېيىن سەنەۋەر ئاسىيەنىڭ زېرىكىشلىك تۇرمۇشىنى چۈشەندى، ئۇنىڭغا خەيرىخاھلىق قىلغان بولۇپ ئۆزلىرىنىڭ چايلىرىغا بىللە ئېلىپ باردى. ئۇلارنىڭ ھىچكىمنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان چايلىرى، ھەشەمىتى، كېلىشكەن، پۇلدار ئەرلەرنىڭ ھەر قېتىملىق سورۇنغا ئىشتىراك قىلىپ، كەيپىياتنى تېخىمۇ يۇقۇرى كۆتۈرىۋېتىشلىرى ئاسىيەنىڭ كۆزىنى راستلا ئېچىپ قويدى. «بۇلار ھەقىقەتەن جاھاننىڭ راھىتىنى كۆرۈشنى بىلىدىغان ئېسىل ئاياللار ئىكەن» دەپ ئويلىدى ئاسىيە. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ زېرىكىشلىك كۈنلىرى ئاخىرلاشقان بولدى. ئۇلار پات-پات شەھەرنىڭ ئاسانلىقچە كۆزگە چېلىقمايدىغان مەلۇم جايلىرىدا سورۇن تۈزىشەتتى، ھەتتا باشقا ناھىيە- شەھەرلەرگىچە بېرىپ كۆڭۈل ئېچىپ كېلەتتى. ئەسقەر ئاسىيەنىڭ تۇرمۇشىغا ئەمدىلەتتىن بۆسۈپ كىرگەن ئاشۇنداق سورۇندىكى قاملاشقان ئەر ئىدى. ئۇلار بىر-بىرىنى تۇنجى كۆرۈپلا ياخشى كۆرۈپ قېلىشتى. ئاسىيەنىڭ ماشىنىسىنىڭ بولغىنى ئاياللارغا خېلىلا قولايلىق يارىتاتتى، ھەر سورۇندا ئەر-ئاياللار ئاسىيەنىڭ ئايال كىشى تۇرۇپ رول تۇتالايدىغان جاسارىتىگە، قىزغىن مۇئامىلىلىرگە قايىل بولاتتى. ئۇنى ھە دېمەيلا ماختاپ-ئۇچۇرۇپ قالتىس خوش قىلىۋېتەتتى. شۇڭا بۇنداق سورۇنغا كەلگەندە ئاسىيە ئېرىنىڭ قويمىغىنىغىمۇ پەرۋا قىلماي قانداقتۇر دۇرۇس يىغىلىشلارنىڭ گېپىنى قىلىپ، توزدەك ياسىنىپ ئۆيدىن چىقاتتى. ئۇ ئۆزىنى كۈتۈپ ئارانلا تۇرىۋاتقان «دوست»لىرىنى ماشىنىسىغا ئولتۇرغۇزۇپ سورۇن قوغلاپ چاپاتتى... ئاسىيە بۇنداق سورۇنلاردا ئەسقەرگە ئوخشاش يۇمۇرىستىك تۇيغۇغا باي، ئاجايىپ قاملاشقان، سۆزمەن، ھىسسىياتلىق ئەرلەرگە ئىچ كۆيەرلىك بىلەن قاراپ قالاتتى. ئاشۇ ئەرلەرنىڭ قىزىقارلىق چاقچاقلىرىغا، ھەتتا چەكتىن ئېشىپ كەتكەن سېرىق يۇمۇرلىرىغا ئىچ-ئىچىدىن ھۇزۇرلىنىپ كۈلەتتى. ئېرى، قىزى يادىغا يەتمەيتتى، ئۆزىنىڭ خېلى ئادەم ھەۋەس قىلىدىغان بىر ئىدارىدا ئىشلەيدىغان خىزمەتچى ئىكەنلىكى، باشقىلارنىڭ ئايالى، بىر قىزنىڭ ئاپىسى ئىكەنلىكىدەك بۇ ئېغىر يۈكنى چۆرۈپ تاشلايتتى. شوخ مۇزىكا، ئويۇن-كۈلكە، سورۇن تارقىغاندىن كېيىن ئەسقەر بىلەن بولىدىغان تاتلىق بىرلىشىش... ئۇنىڭ بۇرۇختۇملۇق ئىچىدىكى ھاياتىغا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كەلگەنىدى. ئېرىنىڭ سۆرەلمىلىكى، كەم سۆزلىكى، بەزىدە ئادەمنى ئۆرۈۋەتكۈدەك توروڭ- توروڭ گەپلىرىدىن ھەر قېتىم بىزارلىق ھىس قىلغاندا، ئۆزىنىڭ قىلىۋاتقان كۆڭۈل خوشلىقىدىن شۈبھىلەنمەيتتى...

  ـــ ياشلىق ۋە گۈزەللىك ھەش- پەش دېگۈچە ئۆتۈپ كېتىدۇ، ئۇلارنى قانچە يوشۇرۇن ساقلىغانسىرى شۇنچە تېز ئۆتىدۇ، بىزدە «چىشىڭنىڭ بارىدا گۆش يە»، دەيدىغان تەمسىل بار، قېرىغاندا گۆش ئەمەس، كېسەل چىرماپ ئوماچمۇ ئىچەلمەيمىز! شۇڭا چىشنىڭ بارىدا، چىراينىڭ بارىدا ئوينايلى، كۈلەيلى دوستلار!ـــ دەيدۇ ئەسقەر دائىم قەدەھ سۆزى قىلىپ. راست ئەمەسمۇ؟ ياشلىق بىر يېنىپ ئۆچىدىغان چاقماق، ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇش، ياشلىقنى قەدىرلەش كېرەك. «ياشلىقىمنىڭ، گۈلدەك جامالىمنىڭ قەدرىگە ئېرىم يەتمىگەندىكىن، كۈن بويى كىتاپتىن باش كۆتۈرمەي بىر تاتلىققىنە سۆيۈشنى بىلمىگەندىكىن، شورى ئۆزىگە! ھېلىمۇ ئاشۇ لۆمشۈككە مەجبۇرى باغلىنىپ، ئاش- تامىقىنى قىلىپ بېرىۋاتقىنىمنىڭ يۈزى يوق! تۈفى، لەنىتى! نەلەردە يۈرۈپ ساڭا ئوخشاش گالۋاڭغا خوتۇن بولۇپ قالغاندىمەن؟ نەدىكى مۆرىمەس، تەلەتى سەت مايماق خوتۇنلارنىڭ قاراپ يەۋەتكۈدەك قاملاشقان ئېرى بولىدىكەن، ئېسىت! مېنىڭ بەختسىزلىكىمگە يەنە نېمە تەڭ كەلسۇن؟!»
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر