باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

بۈگۈن بار ئەتە يوق(1)

نۇرگۈل ئەبەي

2015.08.19 09:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بوۋاي خوتۇنىنىڭ ۋۇجۇدىدىكى،يۈرەكنى يىڭنە سانچىغاندەك ئازابلايدىغان ئۆزگىرىشلەرنى كۆردى. ئوغلى تېخى ئالدىنقى ئايدىلا ئانىسىنى:«ياخشى تۇرىۋېتىپتۇ، سېستىرالارنىڭ مۇئامىلىسىمۇ بەك ياخشىكەن. ئانام كېتەيلى دېسەممۇ ئۇنمىدى.» دېگەندەك گەپلەرنى قىلغاندى. قارىغاندا ھەممىسى بوۋاينى خاتىرجەم قىلىش ئۈچۈن شۇنداقلا دەپ قويۇلغان قۇرۇق گەپلەركەن. موماي كارىۋاتتا ئوڭدىسىغا ياتاتتى. سېستىرانىڭ دېيىشىچە تېخى بىر سائەت بۇرۇنلا موماينىڭ كېسىلى قوزغىلىپ، ئالەمنى مالەم قىلىۋەتكەن بولغاچقا ئۇنىڭغا تېنچلاندۇرۇش ئۇكۇلى سېلىپ قويغانمىش. بوۋاينىڭ سېستىرانىڭ بۇ گېپىگە تازا ئىشەنگۈسى كەلمىدى. چۈنكى موماينىڭ بىر چاغلاردىكى تەلۋە كۈچىنىڭ بىرىمۇ قالمىغاندەك قىلاتتى. بەدىنى بەكمۇ ئاجىزلاپ، بىر تېرە بىر ئۇستىخان بولۇپ قالغان، چىرايى ساماندەك سارغىيىپ، ئاپئاق ئاقىرىپ كەتكەن قاشلىرىنىڭ تېگىدىكى بىر جۈپ كۆزى گويا چوڭقۇر ئورەكنى يۇرۇتۇپ تۇرغان ياغسىز چىراقتەك پىلدىرلاپلا قالغاندى. ئۈستىگە كىيدۈرۈپ قويۇلغان ئالا بۇلىماچ بىمارلار كىيىمى ۋە چۆرىسىگە رېزىنكە تۇتۇلغان پۈرمىلىك لاتا پوسما،موماينى شۇ قەدەر ھەجۋى ۋە كۈلكىلىك كۆرسىتىپ قويغان ئىدىكى،كۆرۈپلا بوۋاينىڭ ئىچى ئېچىشتى.

  ـــ ياغلىقىنى تېپىپ بەرگەن بولسىڭىز بالام، ياغلىق چىگدۈرۈپ قويساق بوپتىكەن. مۇسۇلمان ئادەمگە ياغلىق يارىشىدۇ...

  ـــ كەچۈرۈڭ تاغا، بۇ ئاچاش ھە دېگەندىلا چاچلىرىنى قاماللاپ يۇلۇپ، تولا ئاۋارە قىلغاچقا دوختۇرخانا مانا مۇشۇنداق باشتا تۇردىغان دوپپىلارنى كىيدۈرۈپ قويغان. چېچىنىمۇ ئىككى ئايدا بىر قېتىم ساتىراچ كېلىپ ياساپ قويىدۇ.ئوغلىڭىز بۇ توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلەرنى بىلىدۇ ھەم قولمۇ قويغان.

  سېستىرانىڭ شۇ گەپلەرنى دەۋاتقاندىكى كۆزلىرى مومايغا قاراپ كۈلۈپ تۇرسىمۇ ئەمما ئىچ ئىچىدىن ئۆرلەپ تۇرغان بىزارلىق ۋە ئۆچمەنلىك بىر يەرلىرىدىن تۆكۈلۈپلا تۇراتتى.چىداپ،سىيلىق بولاي دېسىمۇ بولالمايۋاتاتتى.

  ـــ ھە...بوپتۇ ئەمىسە،يالاڭباش يۈرگەندىن ياخشىراق...قانداق تۇرىۋاتىسەن؟...ـــ بوۋاي سۈيى قاچقان دەرەخ غوللىرىغا ئوخشاش يىرىك ئالقانلىرى بىلەن مومىيىنىڭ پىشانىسىنى ئاستا سىيلىدى. موماي شۇندىلا بىراۋنىڭ يېنىغا كەلگەنلىكىنى تۇيغاندەك، قورۇلۇپ ياداپ كەتكەن يۈزىنى بوۋاي تەرەپكە بۇرىدى. دەسلەپ تىترەپ تۇرغان لەۋلىرىدە، بىلىنەر بىلىنمەس تەبەسسۈم قىلدى. ئاندىن بۇ تەبەسسۈم شۇنچىلىك تېز نەپرەت بىلەن ئالماشتى.

  سەن دادامنى گومىنداڭنىڭ ئاقچىسىغا سېتىۋەتكەن ھېلىقى ئابدال شۇ!...ـــ مومىيى ئۇنىڭغا چەكچىيىپ، خىقجىراپ تۇرۇپ شۇنداق دېدى.ــ قانداق كېلەلىدىڭ ھە؟ ــ دېدى ئۇ يەنە. ئارقىدىن ھېقىغداپ يىغلاشقا باشلىدى.ـــ نېمىشقا شۇنداق قىلدىڭ؟ قايسى يۈزۈڭ بىلەن شۇنداق قىلىسەن؟ دادام سېنى باقمىغانمۇ؟ تۇز بەرمىگەنمۇ؟!...شۇ بىچارە دادام تېخى تۈنۈگۈنلا بار ئىدى،مانا بۈگۈن يوق... ھۈ ھۈ ھۈ...

  ـــ يەنە قوزغالدى...دوختۇر چاقىرايمۇ؟ ـــ دېدى سېستىرا بىزارلىق بىلەن.

  ـــ ياق، مەن ئۆزۈم تېنچلاندۇرىمەن...سىز چىقىپ كېتىڭ، ئەنسىرمەڭ.

  ـــ بەك ئەسكىلىك قىلىپ كېتەرمىكىن؟ ئۇ چاغدا تەس بولىدۇ. ئۆتكەن قېتىممۇ...

  ـــ ياق، ئەسكىلىك قىلمايدۇ، قانداق قىلىشنى مەن بىلىمەن، ئۇنىڭ بىلەن مۇشۇ ھالدا 15 يىل بىللە ياشىغان تۇرسام. ـــ دېدى بوۋاي سېستىرانىڭ گېپىنى بۆلۈپ. سېستىرا بىردەم ئىككىلىنىپ تۇرىۋەتكەندىن كېيىن چىقىپ كەتتى.بىرلا كارۋات قۇيۇلغان قەپەستەك تار، ئىككى ئەينەكلىك دەرىزىلىرىگە پۇختا پولات چىۋىقلار ئورنىتىلغان ئۆيدە بوۋاي خوتۇنى بىلەنلا قالدى.

  ـــ ياق، مەن ئەمەس... مەن ئابدۇكېرىماخۇن،سېنىڭ ئېرىڭ، خوتۇن؟ ئۇنتۇپ كەتتىڭمۇ؟...يىغلىمىساڭچۇ، دادىمىزنى چۈشۈمدىمۇ كۆرۈپ باقمىغان تۇرسام قانداقسىگە سېتىۋەتكەن مەن بولاي؟ قارىغىنە، مەن ئابدۇكېرىماخۇن،باللىرىڭنىڭ دادىسى... ـــ دېدى بوۋاي يىغلىغۇسى كېلىپ. موماي ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئازراق ئاڭقرىۋاتقاندەك، خۇددى راست- يالغان ئىكەنلىكىنى بوۋاينىڭ قورۇلۇپ كەتكەن قاتاڭغۇر يۈزلىرىدىن بىلىۋالماقچى بولىۋاتقاندەك، يىغىسىنى شىپپىدە توختىتىپ، ئۇنىڭ چىرايىغا ئۇزاققىچە قاراپ كەتتى. قورۇلۇپ كەتكەن كۇماك ئاغزىدىكى چۈشۈپ كېتەيلا دەپ قالغان بىر تال ئۇتتۇر چىشى قىيسىيىپ قالغاندى.

  «ئۇنى مەن مۇشۇنداق قىلىپ قويدۇم..» بوۋاينىڭ يۈرىكىنى بىر خىل پۇشايمان ۋە ئازاب تۇيغۇلىرى يەنە چېقىپ ئۆتتى.شۇنچە يىللار ئۆتۈپ بۈگۈنگە كەلگەندىمۇ،ئۇ دائىم ئاشۇ ئىشلارنى ئويلاپ كېتەتتى.

  موماي بۇندىن ئون ئالتە يىل بۇرۇن ئۆگزىگە گۈلە يايىمەن دەپ، شوتىدىن يىقىلىپ كەتكەن باھانە بىلەن دوختۇرخانىدا بەش كۈن ھۇشسىز يېتىپ، ئاخىرى ھازىرقىدەك كاللىسىدىن كەتكەن ھالىتىدە ھۇشىغا كەلگەنىدى. دوختۇرلارنىڭ دېيىشىچە، موماينىڭ مەركىزى نېرۋا سېستىمىسى قاتتىق زەربىگە ئۇچرىغانمىش. بوۋاي بۇ ئىشنى ئويلاشنى خالىمايتتى، ئۇ ئىشلارنى ئەسلەش، نېمىشقىدۇر ئۇنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلاتتى. ئاشۇ چاغدا خوتۇنى ئۇنى بىر نەچچە قېتىم پىشىپ كەتكەن ئۈرۈكلەرنى ئۆگزىگە ئەچىقىپ بېرىڭ، دەپ بۇيرىغان، بوۋاي ئالدىراشلىقىنى باھانە قىلىپ بۇنىڭدىن باش تار . شۇڭا خوتۇنىنىڭ مۇشۇنداق بولۇپ قېلىشىدا ئۆزىگە مۇناسىۋەتلىك بىر سەھۋەنلىك باردەك، ئەگەر ئۇ ئاشۇ نەس باسقان ئۈرۈكلەرنى ئۆگزىگە ئەچىقىپ تۆكۈۋەتكەن بولسا، خوتۇنى ساراڭ بولۇپ قالمايدىغاندەك ئويلايتتى.

  بوۋاي تېخى 70 ياشقا ئۇلاشمىغان بولسىمۇ،ئەمما ئۇنىڭ يىل بويى ئېتىزدا ئىشلەپ، ئاپتاپتا، شامالدا قۇرغاقشىپ قارىداپ كەتكەن ئورۇق يۈزى،تۈكۈلۈپ كەتكەن چىشلىرى،يادەك پۈكۈلگەن قاقشال قەددى ئۇنى خۇددى سەكسەن ياشلىق بوۋايلارغىلا ئوخشىتىپ قويغاندى.

  ـــ بىزنىڭ پىرافىسورچۇ دادا، سىزدىن ئىككى ياش چوڭكەن، ئەمما شۇنداق ياش، فاكولتىتىنىڭ كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىدۇ. ھە دېسىلا كىچىك قىزلارنىڭ يېنىدىن كېلەلمەيدۇ.. ـــ دەپ ئوغلى مەكتىپىدىكى ئوقۇتقۇچىلىرى بىلەن دادىسىنى سېلىشتۇرۇپ قالاتتى. بوۋاي بۇنداق چاغدا كۈلۈپلا قوياتتى. ئۇ بالىلارنى چوڭ قىلىش ئۈچۈن تارتىپ كەتكەن جاپالىرىنى، ئېلىشىپ قالغان خوتۇنىنىڭ كەينىدىن پالاقلاپ ئۆتكەن 15 يىلىنى ئويلاپ، ئۆزىنىڭ ھېلىمۇ ئۆلۈپ قالماي، قېرىپ كەتسىمۇ مۇشۇنچىلىك تۇرغىنىغا ئاللاھقا شۈكرىلەر ئېيتاتتى.

  ـــ كۆڭلۈڭ ئېچىلىپ قالىدۇ، تالاغا ئەچىقىپ كىرەيمۇ؟ تالانىڭ ھاۋاسى ساپكەن، دەرەخلىرىمۇ قويۇق،گۈللۈكتە ئۈششۈپ كەتمىگەن سەبدە گۈللىرىمۇ باركەن تېخى،بىر چاغلاردا سەبدە گۈلىنى ئەجەپمۇ جىق تېرىيتىڭ ھە؟...ـــ دېدى بوۋاي،مومىيىنىڭ تېنىچلىنىپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ.ـــ شۇنداق قىلامدۇق؟...نېمانچە قارايسەن موماي؟ بەكلا دۈمچىيىپ كېتىپتىمەنمۇ ؟...تۇرە، مانا ئايىقىڭنى ئۆزۈم كىيدۈرىمەن، بۇرۇنقىدەك...قارا مانا بىر بەلەن تۇرۇپسەن...مېنى چىڭ تۇتىۋال ھە؟ قولۇمنى قۇيىۋەتمە، سېنى يۆلەپ ماڭغۇدەك دەرمانىم بار تېخى.

  بوۋاي موماينى يىتىلەپ كۈن نۇرى تولۇق چۈشمەيدىغان قاراڭغۇ كارىدورغا چىقا چىقمايلا،سېستىرا ئۇلارغا ئەگىشىپلا كەلدى.سېستىرانىڭ تۈرۈلۈپ كەتكەن قاپاقلىرىنى كۆرۈپ موماي ئىككى قولى بىلەن بېشىنى چاڭگاللاپ،خۇددى كىچىك بالىلاردەكلا تۈگىلىۋالدى. بۇ قىلىقىدىن ئۇنىڭ بۇ يەردىكى سېستىرالاردىن نەقەدەر قورقىدىغانلىقى ئاشكارىلا ئىش ئىدى.

  ـــ ئاچىقمىسىڭىز بولامدىكىن؟ ــ دېدى سېستىرا، بوۋاينىڭ مەخسىدىنى بىلگەندىن كېيىن سەل يۇمشاپ، ـــ ئۆتكەندە ئوغلىڭىز كەلگەندىمۇ شۇنداق كېسىلى تۇتۇپ كەتكەندى.

  ـــ بۇرۇنمۇ ئۇنى ھېچكىم تېنچلاندۇرالمىغاندا، ئۆزۈم تىنچلاندۇراتتىم. ئەنسىرىمەڭ ئۇكام. ئازراق شامالدىتىپ كىرسەملا بولدى، ئاپتاپ كۆرسۇن.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر