خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان 2015--يىللىق ئاسىيا-ياۋروپا تاۋارلىرى سودا يەرمەنكىسى ئالتۇن كۈزدە شىنجاڭ خەلقئارا يىغىن مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى. ئاسىيا، ياۋروپا، شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسى، جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسى، ئوكيانىيە ۋە ئافرىقىدىكى46دۆلەت ۋە رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئۆزگىچە مەھسۇلاتلار سودا يەرمەنكىسىدە يىغىلىپ ئۆزئارا ھۆسىن تالاشتى.
ئىگىللىنىشىچە، سودا يەرمەنكىسى«ئىخچام، سەرخىل، كەسپىي»بولۇش پىرىنسىپى بويىچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يەرلىك كەسىپلەر قۇرۇلمىسىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، بەش كۆرگەزمە رايونى تەسىس قىلغان. بۇ قېتىمقى ئاسىيا - ياۋروپا تاۋار سودا يەرمەنكىسى جۇڭگو-ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ«ئاچا-سىڭىللار كۆرگەزمىسى» سۈپىتىدەجۇڭگو-ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسىنى ئۈنۈملۈك قوبۇل قىلىپ ۋە ماسلىشىپ، ئۆزئارا ئىلگىرى سۈرۈپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ كەسىپ تەرەققىياتى، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى ۋە سىرتقا ئېچىۋېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈردى. (مەرھابا تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى