خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 17-ئاۋغۇست چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11 دە، «12-ئاۋغۇست» تيەنجىن پورتىدىكى رۈيخەي شىركىتىنىڭ خەتەرلىك بۇيۇم ئىسكىلاتىدا يۈزبەرگەن پەۋقۇلئاددە زور پارتلاش ھادىسىسىگە ئالاقىدار 7-قېتىملىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىلدى، تيەنجىن شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى گوڭ جيەنشېڭ مۇنداق دېدى: 17-ئاۋغۇست چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9 غىچە، جەمئىي بايقالغان قازا قىلغانلار 114 نەپەر بولۇپ، 54 نەپىرىنىڭ سالاھىيىتى ئېنىقلاندى، بۇنىڭ ئىچىدە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى 16 نەپەر، تيەنجىن پورتى ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى 23 نەپەر، خەلق ساقچىسى 5 نەپەر، باشقا خادىملار 10 نەپەر؛ يەنە 60 ئادەمنىڭ سالاھىيىتى ئېنىقلانمىغان.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى