خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 15- ئاۋغۇست شىنجاڭ چاغانتوقاي ناھىيىسى 9-نۆۋەتلىك تاغ گۈلى بايرىمى«بارلۇق لوڭقىسى»خەلقئارا بەيگە مۇسابىقىسى شىنجاڭ چاغانتوقاي ناھىيىسى ئېكولوگىيە باغچىسى بەيگە مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىملىق بەيگە مۇسابىقىسدە1200مېتىرلىق ئات بەيگىسى، 3000مېتىرغا ئات يورغىلىتىش، 5100مېتىرلىق ئات بەيگىسى شۇنداقلا 10كىلومېتىر ۋە 20 كىلومېتىرلىق تىز سۈرئەتلىك ئات بەيگىسى قاتارلىق مۇسابىقە تۈرلىرى بار بولۇپ، تاماشىبىنلار بىلەن ساياھەتچىلەر سۈرئەت ۋە قىزغىنلىققا تولغان بىر مەيدان كاتتا ئات بەيگىسىدىن ھۇزۇرلاندى. (مەرھابا تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى