خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇش غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىنى كۈتىۋېلىش ئۈچۈن، بېيجىڭ شەھىرى ئىلگىرىكى يىللاردا سېنتەبردە تاماملايدىغان دۆلەت بايرىمىلىق گۈل-گىياھ بېزەكچىلىكىنى ئاۋغۇستنىڭ ئاخىردىن بۇرۇن تاماملاشقا سۈردى، تيەنئەنمېن مەيدانى، چاڭئەن كوچىسى قاسناقلىرى قاتارلىق نۇقتىلىق رايونلارنى گۈل-گىياھ بىلەن بېزەش ئارقىلىق داغدۇغىلىق كەيپىيات يارىتىش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى. بېيجىڭ شەھەرلىك باغ- ئورمان-كۆكەرتىش ئىدارىسى بۈگۈن ئالاقىدار لايىھەنى ئېلان قىلدى، گۈل-گىياھ بىلەن بېزەش خىزمىتى 12 –ئاۋغۇست باشلانغان بولۇپ، مۆلچەرلىنىشىچە 25-ئاۋغۇستنىڭ ئالدى-كەينىدە تاماملىنىدۇ، گۈل–گىياھ مەنزىرىسى دۆلەت بايرىمى ئاخىرلاشقىچە داۋاملىشىدۇ.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى