باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ئايرىلغانغا ئۆلمەيمەن(1)

نۇرگۈل ئەبەي

2015.08.18 14:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۈگۈن ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى... مېھمانخانىنىڭ كەڭ دېرىزىلىرىدىن گۇگۇمدا چىراغلىرى چاقناپ تۇرغان شەھەر كوچىلىرىغا قاراپ ئولتۇرىمەن. كۆك بىلەن بوي تالىشىپ ھەيۋەتلىك قەد كۆتۈرگەن ئېگىز ئىمارەتلەر، ھەر خىل تېمىلاردا ئالاھىدە گەۋدىلەنگەن رەڭگا-رەڭ چىراغلىق ئېلانلار، خۇددى ئوت نەشتەرلىرىگە ئوخشاش قاراڭغۇ زۇلمەتنى يېرىپ ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان چوڭ-كىچىك ماشىنلار... بۇلارنىڭ ھەممىسى شەھەرنى باشقىچە جانلاندۇرۇۋەتكەن... شۇنچە كەچتىمۇ كوچىلارغا پاتماي دېگۈدەك كېتىۋاتقان ئادەملەر قاياقلارغىدۇر شۇنچە ئالدىراش، ئۇلارنىڭ ئىچىدە مەشۇقى ئۈچۈن قىپقىزىل ئەتىرگۈللەرنى خۇشال كۆتۈرۈپ كېتىۋاتقان ياشلار نەقەدەر بەختلىك! ئەمما ئۇلار سېتىۋالغان گۈللەر نەقەدەر بىچارە ! ئەپسۇس، گۈلنىڭ بەختسىزلىكى بىلەن بۇ دۇنيانىڭ نېمە ئىشى؟ ئەسلىدىمۇ گۈل دېگەن باشقىلار تەرىپىدىن ئۈزۈلۈش، خۇش پۇرىقىدىن ھۇزۇرلىنىش ئۈچۈنلا يارالغان تۇرسا؟! گۈللەرنىڭ بەختسىزلىكى شېخىدىن ئۈزۈلگەندىلا باشلانغان... ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى... قىپقىزىل ئەتىرگۈللەر...* * * * * * *

  ئالىي مەكتەپكە قەدەم قويۇپ 1-كۈنىلا سىنىپ مەسئۇلىمىز بولغان ئۇنى ياقتۇرۇپ قالدىم. ئۇنىڭ ھارغىنلىق چىقىپ تۇرغان بۇغداي ئۆڭ چىرايى، كەڭ پېشانىسى، مەيۈس، ئەمما جۇشقۇن ئاۋازى، تېتىك قاراشلىرى، قاپقارا كۆزلىرىدە چاقناپ تۇرغان ئەقىل-پاراسەت، ھەتتا شىشىدەك سۈزۈك، ئۇزۇن بارماقلىرىدىكى بىر خىل سېھىرمۇ مېنى ئۆزىگە ئۈنسىز جەلب قىلاتتى. ئۇنىڭ قول قولغا ئۆتۈپ تۇرىدىغان شېئىر توپلاملىرى،ماقالە ئوبزورلىرى ھەر قاچان قايىللىقىمنى، ھۆرمىتىمنى ئاشۇرسا، ئۇنىڭ ئادەتتە مۇنداقلا ئېيتىلدىغان ئەڭ ئاددى بىر سۆزنىمۇ چوڭقۇر مەنەگە ئىگە شېرى مىسرالارغا سىڭدۈرۋېتىشى ھەرقاچان زوقۇمنى قوزغايتى.ئۇنىڭغا بولغان بۇنداق ياخشى تەسىرات مەن بىلەنلا چەكلەنمىسە كېرەك،چۈنكى ئۇ قەيەرگىلا بارمىسۇن، پۈتۈن ساۋاقداشلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ھۆرمىتى ھەم ئىشەنچىسىنى بىللە ئېلىپ يۈرەتتى.دەل شۇنداق بولغاچقا ئۇنىڭغا بولغان ئامراقلىقىم دەسلەپكى چاغلاردا ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇتقۇچىسىغا بولغان ئامراقلىغىدىن نېرىسىغا ئۆتمەيتى. لېكىن ۋاقىتنىڭ ئۇزۇرىشىغا ئەگىشىپ ۋۇجۇدۇمنى چىرماپ تۇرىدىغان بىر نازۇك تۇيغۇ بىلەن كېچىللىرى تۇيۇقسىز ئويغىنىپ كېتەتتىم: «ئۇنىڭ بىلەن چىرمىشىپ كەتسەم، بىر تەن بىر جان بولۇپ كەتسەم...» بىر شېرىنلىك ئىچىدە پىنھان ئەسەبىيلىككە چۆمەتتىم...«ئۇنىڭ ئايالى بار، يەنە قىزىمۇ بار... بۇنداق خىيالغا بېرىلىش مەن ئۈچۈن نومۇسلۇق گۇناھ...» كېچىلىرى ئۇيقۇسىز قويغان ئاشۇ ئەسەبىي ھېسسىياتىم يادىمغا كەچكەندە يۈزلىرىم ئوت ئالغاندەك يېنىپ كېتەتتى، ئۆزۈمنى ئۇنىڭ ئائىلىسى بارلىقى بىلەن بېسىپ، ئاگاھلاندۇرۇپ كېلەتتىم... لېكىن ۋاقىت ئۇزۇراپ 4-يىلغا قەدەم قويغاندا، ئۆزۈمنى بۇنداق ئاگاھلاندۇرۇشىمنىڭ ھېچ ئۈنۈمى بولمىدى، چىدىغۇسىز بىر تەشنالىق پۈتكۈل روھى دۇنيارىمغا بۆسۇپ كىرىپ، تۇنجى مۇھەببەت پەيدا قىلغان پاك رىشتە مېنى ئۇنىڭغا مەڭگۈلۈككە چەمبەرچەس باغلىماقتا ئىدى...ئۇنىڭسىز ئەتىكى ھاياتنىمۇ تەسەۋۋۇر قىلالماس ھالغا يەتكەن ئىدىم.« مېنىڭ تەشنا بولغىنىم ئۇ، ئۇ تۇرغان ئائىلە ۋە مۇھىتنىڭ مەن بىلەن نىمە مۇناسىۋېتى؟خۇددى سۇنى كۆتۈرگەن ئىدىشنىڭ شەكلى، رەڭگى ئۇنىڭغا قاچىلانغان سۇنىڭ قىممىتى بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولغىنىغا ئوخشاشلا ئىش...» ئۆزۈمنى ئاگاھلاندۇرشۇم نەتىجىسىز بولغاندىن كېيىن ئۆزۈمگە تەسەللى بېرىدىغان بولدۇم، دەرۋەقە بۇنداق تەسەللى زىددىيەتلىك خىياللىرىمنى تىنچلاندۇرۇشتا باشقىچىلا ئۈنۈم بەردى...

  ئۇمۇ ھېسسىياتىمنى چۈشەنمىگەن يەردە ئەمەس ئىدى، قاپقارا شەھلا كۆزلىرىنى مۇڭلاندۇرۇپ ئۆزىگە ھەر قاچان تەلمۈرۈپ قاراپ تۇرغان، سۈرەتتەك سۈزۈك، بىغۇبار ساددا مەن ئۇنىڭ ئەرلىك تۇيغۇلىرىغا ئاستا-ئاستا تەسىر كۆرسەتمەكتە ئىدىم. قاغجىرىغان تۇرمۇشىدا كۆمۈلۈپ ياتقان تەبىئىي بىر ئىستەك ئۇنىمۇ مەن تەرەپكە ئاستا سۆرەپ كېتىۋاتاتتى. بۇنى مەن ئۇنىڭ ھەر سائەتلىك دەرستە پات-پات ماڭا قاراپ قويىدىغان، لېكىن دەرھال ھودۇقۇپ كۆزلىرىنى ئېلىپ قاچىدىغان ئاشۇ قاپقارا كۆزلىرىدىن بىلىۋالاتتىم...لېكىن مەندەك يولنىڭ بېشىدا تۇرغان ساددا قىز بىلەن يولنىڭ ئايىقىدا، ھېچ بولمىسا يولنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرغان ئۇنىڭ پەرقىمىز بولغىنىدەك، ھېسسىيات، مۇھەببەت، جەمئىيەت... دېگەنلەرگە بولغان چۈشەنچىدە ئۇ ئۆزىنى خېلىلا كونتىرول قىلالايدىغان ھەم سەگەك ھەم شەخسىيەتچى ئەر ئىدى...

  ئەڭ ئاخىرقى ئوقۇش يىلىدىكى ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىدا مەنمۇ مۇھەببەتلەشكەن بارلىق قىز دوستلىرىمدەك ئۆزۈمنى بېسىپ تۇرالمىدىم. كەينىمدىن تولا پالاقلىغان ئوغۇل ساۋاقداشلىرىم ماڭا خام سويمىدەكلا ئەخمەق، گالۋاڭ كۆرۈنەتتى. پۈتۈن ئىشقىم، پۈتۈن ھېسسىياتىم بىلەن ئۇنىڭغا، پەقەت ئۇنىڭغىلا تەشنا بۇلاتتىم. ئاشۇ كۈندىكى ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى مەن ئۈچۈن ھاياتىمدىكى ئەڭ ئاخىرقى كۈندەك، ئەڭ ئاخىرقى پۇرسەتتەك تۇيۇلاتتى...

  شۇ كۈنى قېلىن ياغقان قارغا قارىماي ھاۋا باشقىچىلا ئېچىلىپ كەتكەن ئىدى. ئاسمان قەرىدە چوقچىيىپ تۇرغان قۇياش ئىللىق ھارارىتىنى كەڭ زېمىنغا مەغرۇر چاچاتتى، قېلىن قاردىن ئىسسىق ھورلار كۆتۈرلۈپ، كۈمۈش نۇرلار چاقنايتتى. باھارغا ئوخشاش ئىللىق ھاۋادىن خۇش بۇي ھىدلار كېلىپ تۇراتتى، يول بويلىرىدىكى قارلار ئېرىشكە باشلىغان، كوچىنى ئوراپ تۇرغان تۇخۇمەك دەرەخلىرىمۇ سوغوقتىن دۈگدەيگەن قەددىنى رۇسلىغاندەك باشقىچە كۆكۈرۈپ كەتكەن ئىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى ماڭا مەدەت ھەم كۈچ-غەيرەت ئاتا قىلۋاتقاندەك، پەقەت مەن ئۈچۈنلا سوغوق قارمۇ ئىللىق نۇر قايتۇرۇۋاتقاندەك ھېس قىلاتتىم...

  «مۇئەللىم، سىز بىلەن ھېچكىم يوق بىر جايدا كۆرۈشۈشنى بەكمۇ ئارزۇ قىلاتتىم...» چىدىغۇسىز بىر تەشنالىق ئىچىدە غەيرەت قىلىپ، ئۇنىڭغا قىسقا ئۇچۇر يوللىدىم. بۇ ئۇچۇرنى يوللىۋەتكەندىن كېيىن چۈشىنىكسىز بىر پۇشايمان ئىچىدە بۇقۇلداپ يىغلىۋەتتىم. قىزلار ئۈچۈن ئوغۇللار تەرىپىدىن رەت قىلىنىش ئۇلارنىڭ ئۆلۈمى بىلەن باراۋەر ئىدى. ئارىدىن 20 مىنۇتچە ۋاقىت ئۆتتى، بۇ ۋاقىت ماڭا گويا 20 ئەسىردەك ئۇزۇن ھەم تىتتىتلىق ئىچىدە ئۆتتى. خەير، ئۇنىڭدىن ئاخىرى ئۇچۇر كەلدى:«بىر سائەتتىن كېيىن شەھەر سىرتىدىكى نۇرلۇق مېھمانخانىنىڭ 308-نومۇرلۇق ياتىقىدا سىزنى ساقلايمەن...» كۆزلىرىمدىن ياشلار سىرغىيتتى، كۈلەتتىم، كۈلۈپ تۇرۇپ يەنە يىغلايتتىم. ئاخىرى مۇھەببەت... مۇھەببەت ماڭا قۇچاق ئاچتى! مۇشۇ بەختنىڭ ئۆزىلا مېنىڭ پۈتكۈل ھاياتىمغا كۇپايە ئىدى، مەن تىترىگەن پېتى ياتىقىمغا قاراپ كەتتىم، ئەمدى تېخىمۇ چىرايلىق ياسىنىشىملا قالغان ئىدى...ـــ سىزگە ئەكەلدىم...ــ مەن مېھمانخانىغا كىرگەندە، ئۇ بىر دەستە قىپقىزىل ئەتىرگۈلنى قولۇمغا تۇتقۇزدى، ئەتىرگۈللەر شۇنداق چىرايلىق ئىدى، مەن چەكسىز مىننەتدارلىق ھەم بەخت ئىچىدە

  گۈللەرنىڭ مەخمەلدەك يۇمشاق ئوتقاشتەك بەرگلىرىنى بۇرنۇمغا، لەۋلىرىمگە ياقتىم. قاپقارا كۆزلىرىمگە ياشلار كەلدى.

  ــ مۇئەللىم، سىزگە رەھمەت، بۇ گۈللەر بەكلا چىرايلىقكەن، ھەم بەك پۇراقلىق... مەن ئۆمرۈمدە ھېچقاچان باشقىلاردىن گۈل ئېلىپ باقماپتىكەنمەن...

  ــ مەن بۈگۈن سىزگە مۇئەللىم ئەمەس... سىزگە ئاشىق قۇل بىچارىمەن. قاراڭە، خۇددى گۈللەر ئارىسىغا چۈشكەن پەرىزاتقىلا ئوخشاپ قالدىڭىز... سىزگە ئاشىق بولغىلى نىكەم؟... شۇغىنىسى ئۆزۈمنى سالاھىيتىم يوق دەپلا بۇ قەدەمنى باسالمىدىم...ـــ ئۇنىڭ ھەر بىر ئېغىز سۆزى گويا دۇنيادىكى ئەڭ لىرىكىلىق مىلودىيەدەك يۈرىكىمنىڭ نازۇك تارلىرىنى چېكەتتى.

  قوللىرىمىز خۇددى سىرتقى كۈچنىڭ تارتىشىغا ئوخشاش ناھايىتى يەڭگىل رەۋىشتە بىر بىرى بىلەن جۈپلىشىپ قالدى. بارماقلىرىمىزنىڭ بىر بىرىگە كىرىشىپ كېتىشى بىزنى ئالامشۇمۇل تاتلىق تۇيغۇغا چۆمدۈرەتتى. بىر بىرىمىزنىڭ چىرايىغا ئۇدۇل قاراپ تۇراتتۇق، تىنىقلىرىمىز يۈزلىرىمىزگە تېگىپ تۇراتتى...

  ـــ ماڭا ھېچنېمە كېرەك ئەمەس، مۇئەللىم... ياق،ئەنسەر... سىزلا، پەقەت سىزلا كۇپايە... ماڭا مۇشۇنداق قاراپ تۇرسىڭىزلا بولغىنى...

  ئۇ تىترىگەن ھالدا بەللىرىمدىن تۇتتى:

  ـــ بەللىىرڭىز نېمە دېگەن زىلۋا، نېمە دېگەن نازۇك؟... ــ ئۇنىڭ تىترەك ئاۋازى مېنى مەستخۇش قىلاتتى. ئىختىيارىمنى ئۇنىڭغا بېرىپ جىممىدە تۇراتتىم. كۆڭلۈم دەككە-دۈككىدە بولسىمۇ، ئۇنىڭ پۈتۈن بەدەنلىرىمنى سىيلاپ-سىيپاشلىرىغا رازىمەنلىك بىلەن ئىتائەت قىلىپ تۇراتتىم. ئۇنىڭ ئاشۇ سۈزۈك، ئۇزۇن بارماقلىرى بېلىمنى بويلاپ ئاستا-ئاستا سەزگۈم كۈچلۈك يەرلىرىمنى سىيلاشقا باشلىغاندا بولسا قانائەتتىن، بەختتتىن، شېرىن ھاياجاندىن باشقا ھېچنېمىنى ئويلىيالمىدىم...

  شۇ تاپتا بۇنىڭدىن كۆپ ھېچنېمە تەمە قىلمايتتىم. گەرچە ئەتىنىڭ، ھەم ئەتىدىن كېيىنكى كۈنلەرنىڭ ماڭا قانداق نېسىۋە بېرىدىغانلىقىنى بىلمىسەممۇ، لېكىن شۇ دەقىقە، شۇ كۈن ئۈچۈن بارلىق ئۆمرۈمنى تەقدىم قىلىۋېتىشكىمۇ رازى ئىدىم... مەن مۆجىزىگە ئىشىنەتتىم، «سەۋردىن ھالۋا پىشىدۇ» دېگەن تەمسىلنى ئۇلۇغلايتتىم، پەقەت سەۋر قىلىپ كۈتۈپ تۇرساملا، ئاللاھنىڭ ھامان بىر كۈنى مېنى مۇرادىمغا يەتكۈزمەي قويمايدىغانلىقىغا ئىشەنچىم كامىل ئىدى. ئەپسۇس، بۇنداق تۇترۇقسىز ئۇلۇغلاشنىڭ بارلىق ئارزۇ-ئىستەكلىرىمنى، غايە- ئېتىقاتلىرىمنى... ئاستا-ئاستا تېگى يوق سازلىققا سۆرەپ كېتىۋاتقانلىقى، ئۇنىڭ روھى دۇنياسىنىڭ ئۆزۈمنىكىگە زادىلا ئوخشىمايدىغانلىقى خىيالىمغىمۇ كىرىپ چىقمايتتى. بىزنىڭ سۆيۈشىشىمىز، تەن ۋە روھلىرىمىزنىڭ يىپسىز بىرلىشىشى ئۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئويلىغاندەك ئۇنچە چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە ئەمەس ئىدى.شۇ كۈندىن باشلاپ ھاياتىم ئۆزگەردى، گۈلدەك چىرايىم تېخىمۇ نۇرلاندى. غۇنچىدەك لەۋلىرىم كۈلۈپلا تۇراتتى. ناخشا ئېيتقۇم، توۋلاپ تۇرۇپ بەختىمنى ئالەمگە، ئالەمدىكى بارلىق كىشىلەرگە يايغۇم كېلەتتى، ھەتتا ئەتراپتىكى ھەممە نەرسە:دەرەخلەرنىڭ شىلدىرلاشلىرى، قۇشلارنىڭ سايراشلىرى، گۈل-گىياھلارنى سۆيۈپ ئۆتكەن سەلكىن شامالنىڭ غىدىقلاشلىرى... مۇ شۇنچە گۈزەل، شۇنچە يېقىملىق ھەم ئۆزگىچە ئىدى.

  شۇنداق قىلىپ مۇھەببەتنىڭ شېرىن بۆشۈكىگە بۆلىنىپ، كىشىلەرنىڭ كۆزىگە يىراق پىنھان جايلاردا كۈن-تۈن ئۇنى كۈتۈش - مېنىڭ ئادىتىمگە ئايلىنىپ قالدى. ئوقۇش پۈتتۈرۈپمۇ يۇرتۇمغا قايتمىدىم، ئۇنىڭ ئۆتەر يولىدىكى رېستۇراندا كۈتكۈچى بولۇپ ئىشلىدىم. ئۇنىڭ بىلەن پات-پات كۆرۈشۈپ تۇرۇش ئۈچۈن ھېچكىم بىلەنمۇ شىرىكلەشمەي خالىراق بىر جايدىن ياتاق ئىجارە ئالدىم. ياتىقىمنى ئۇ ياقتۇرىدىغان نەرسە-كېرەكلەر، رەڭلەر بىلەن بېزىدىم. ئۇ دەسلەپكى چاغلاردا پات-پات كېلىپمۇ تۇراتتى، لېكىن بىر قېتىم ئۇ ياتىقىمدىن چىقىپ كېتىۋېتىپ تونۇش بىرەيلەنگە ئۇچراپ قالغاندىن كېيىن بۇ يەرگە ئىككىنچى ئاياغ باسمىدى.

  - ئۇ يەر بىخەتەر ئەمەسكەن... بىز باشقا جايدا ئۇچرىشايلى، مېنى زورلىماڭ،-دېدى كېىسىپلا. ئالىدىغان مائاشىم چاغلىق بولغاچقا، يەنە كېلىپ ئۇنىڭ ئاياغ بېسىشى پۈتۈنلەي يوققا چىققاچقا، ياتاقنى ئۆزۈم بىلەن بىر رېستۇراندا ئىشلەيدىغان لالە ئىسىملىك بىر قىز بىلەن ئورتاق ئىجارىگە ئېلىپ ئولتۇردۇم.

  لالە ھېچقانداق ئادەم ئەخمەق ئېتەلمەيدىغانلاردىن ئىدى. ئۇنىڭ مىجەزىدە قۇۋلۇق، ساددىلىق، ئاق كۆڭۈللۈك ھەم قارا قورساقلىقلىقمۇ بار ئىدى. ئۇنىڭ ماڭا ۋاقىت تاپسىلا كىتاب ئوقۇيدىغان، ئانچە-مۇنچە شېئىرى مىسرالارنى قەغەزگە جىجىلاپ ئولتۇرىدىغان مىجەزىلا ياقاتتى. بىز ياتاقداش ھەم دوست ئىدۇق، لېكىن سىرداشمايتتۇق، ئارىمىزنى نېپىز بىر قەۋەت پەردە ھامان ئايرىپ تۇراتتى.ئوقۇغۇچىلىق ۋاقتىمدىلا بار-يوقنىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتقان بۇ شەھەردە مېنى بىردىنبىر باغلاپ تۇرۇۋاتقان رىشتە يەنىلا ئۇ ئىدى. شۇنداق كۆپ ئارمانلار، تاتلىق خىياللار بىلەن ئۇنىڭ يېنىغا پات-پات باراتتىم. بىز پىنھان جايلاردا تولىمۇ مەخپى، تولىمۇ قىسقا ۋاقىت ئۇچرىشاتتۇق... ۋاقىت زالىم قامچىسىنى ئۈستىمىزدىلا تەڭلەپ تۇراتتى:«بول، تېز بول! ۋاقىت توشتى! خوتۇنۇڭنىڭ ئۆيگە قايتىدىغان ۋاقتى توشتى! قىزىڭنى مەكتەپتىن ئالىدىغان ۋاقىت بولدى...» سائەتنىڭ ئۇزۇن-قىسقا تىللىرى خۇددى مەن بىلەن ئەتەي قېرىشۋاتقاندەك 11:30 ياكى 6:00گە قاراپ ئۇچقاندەك ماڭاتتى! دەسلەپكى چاغلاردا بۇلارنى بەكمۇ ھار ئېلىپ كەتمەيتتىم. ئۇچرىشىشىمىز قانچە خۇپىيانە، قانچە تەسكە چۈشكەنسىرى ئۇنىڭغا بولغان تەشنالىقىم، مۇھەببىتىم ھەسسىلەپ ئاشاتتى. ئاجايىپ شېرىن مەستخۇشلۇق ئىچىدە، ۋايىغا يەتكەن ھاياجىنىم، خۇشاللىقىم بىلەن ئاۋازىمنى قويۇپ بىرىپ:«ياشىسۇن مۇھەببەت!» دەپ توۋلىۋەتكۈم كېلەتتى، ئۇ چاغلاردا مەن ئۈچۈن مۇھەببەت، پەقەت مۇھەببەتلا جاھاندىكى بارلىق مەۋجۇداتنىڭ تۈپ ئاساسى ئىدى.

  شۇنداق لەززەتلىك دەقىقىلەر، ھۇزۇرلۇق پىچىرلىشىشلار تۆت يىلدىن بۇيان مېنى ئۇنىڭغا باغلاپ ئايرىلالماس قىلىۋەتكەن ئىدى، ئۇنىڭدىن ئايرىلىش خۇددى بېلىق سۇدىن ئايرىلغاندەك ماڭا ئۆلۈمدىن دېرەك بېرەتتى! لېكىن ۋاقىت ئۇزارغانسىرى مەندە ئۇنىڭغا نىسبەتەن باشقىچە بىر تەشنالىق كۈچىيىپ باراتتى. ئۇنىڭ بىلەن بېشىمغا كېلىۋاتقان كۈلپەتلەر، دەررد-ھەسرەتلەر، ئارزۇ-ھەۋەسلەر ئۈستىدە پاراڭلاشقۇم، شۇ ئارقىلىق كەلگۈسۈمگە تەۋە بىرەر نىشاننى پەرق ئەتكۈم كېلەتتى....يالغۇز ئاياق يولدا تەنھا كېتىۋاتقىنىمدا، ئىشسىزلىق، مۇھتاجلىق، كەمسىتىلىش... جېنىمغا پاتقاندا، ئۇنىڭ دانا پىكىرلىرىگە، ئەقىل كۆرسىتىشىگە شۇنچىلىك تەشنا ئىدىم.

  «ئىشتىن چۈشتىڭىزمۇ؟ ھازىر نەدە؟ چۈشتە(ياكى كەچتە)نېمە يەيمىز؟ كۆكتات ئالغاچ كىرىڭ...» ھەر قېتىم كەمكۇتىسىز ئاڭلاپ تۇرىدىغان بۇ ئاۋازدىن چەكسىز بىئاراملىققا تولاتتىم. «تېلېفونىڭىزنى ئىتىۋىتىڭچۇ!» دېگەن ئۆتۈنۈشلىرىمگە ئۇنىڭ بېرىدىغان جاۋابى:«ئۇ بەك سەزگۈر، ھەم ئاغرىقجان، ھازىر داۋالىنىۋاتقان مەزگىلى، ھەرگىز ئاچچىق كۆتۈرەلمەيدۇ»بولاتتى... ئۇنىڭ ئايالىنىڭ ئاۋازىنىڭ مەن ئۈچۈن قانچىلىك يېقىمسىز، رەھىمسىز ھەم غالىب ئىكەنلىكىنى ئۇ مەڭگۈ چۈشىنىپ يېتەلمەيتتى! يەنە كېلىپ ھەسرىتىمنى ھەسسىلەپ قوزغايدىغىنى يەنىلا ئۇنىڭ جاۋابى ئىدى:«مەن ھازىر ئىشتىن چۈشىمەن...» ياكى «يولدا كېتىۋاتىمەن، 10مىنۇتقا قالمايلا ئۆيگە كىرىمەن!
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 
【11】 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر