باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

ئەر ۋە ئايال(1)

نۇرگۈل ئەبەي

2015.08.18 14:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئايالنىڭ شۇ تاپتىمۇ ئويناپ تۇرىدىغان كۆزلىرى،زىلۋا قەددى قامىتى، قارلىغاچنىڭ قانىتىدەك ئەگمە قاشلىرى... ئۇنىڭ ياشلىق چاغلىرىدا خېلى-خېلى يىگىتلەرمۇ قول سوزۇپ يېتەلمىگەن گۈزەللەردىن ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ تۇراتتى.ئەمما،ئۇ ھازىر قىرىق ياشلارغا كىرىپ قالغان، يىلدىن يىلغا تېرىلىرى قۇرغاقشىپ،كۆز ئەتراپىنى مىچچىدە قورۇقلار بېسىپ كەتكەن ئىدى.ئۇزۇن يىللىق مۇھتاجلىق،ئېغىر تۇرمۇش،تۈگىمەس ئېتىز ئىشلىرى... ئايالنىڭ ئاشۇ گۈلدەك ياشلىق چاغلىرىنى خۇددى مۇزنىڭ تېگىدىكى ئېقىن سۇدەك تېز ۋە جىمجىت ئۆتكۈزىۋەتكەن، ھەش پەش دېگۈچە،چوپ-چوڭ ئىككى بالىغا ئانا،تەن قويغان،قارغايدەك قاتتىق ۋە مۇستەھكەم خوتۇن قىلىپ قويغاندى.ئايال شۇ تاپ يالغۇز ئولتۇراتتى،بالىلىرى ئۆي بىلەن مەكتەپنىڭ ئارلىقى يىراق بولغاچ،ياتاقلىق مەكتەپتە يېتىپ-قوپۇپ ئوقۇيتتى. ھەپتىدە بىر كېلەتتى.دەرستىمۇ ياخشى،خۇددى ئانىسىغا ئوخشاش ۋاپادار ياراملىق بالىلاردىن ئىدى.شۇڭىمۇ ئايال ئۈنتىنسىز،شەپىسىز ئۇزۇتۇپ قالغان،يوقاتقان...لىرىنىڭ ھېچقايسىسىغا ئۆكۈنۈپ قالمايتتى.ئۇنىڭچە ھاياتنىڭ ئەڭ تاتلىق ۋە ئەڭ مەنىلىك يەرلىرىمۇ يەنىلا ئاز- ئازدىن،كۈندىن-كۈنگە روناق تېپىۋاتقان ئىناق ۋە بەختلىك ئائىلىسىدە،تۇنجى كۆڭلى چۈشۈپ،مۇرادىغا يەتكەن ئېرى بىلەن،جېنىدىن ئەزىز يۈرەك پارىلىرىنى تەڭ قاتارغا قوشۇپ،بالىلارنىڭ خوشال كەلگۈسىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش ئىدى. «ئۆيۈم»«بالام»«ئېرىم»...ئايال ھەر قېتىم بۇ سۆزلەرنى ئېغىزىدىن چىقارغاندا،پۈتۈن ۋۇجۇدى،مېھرى مۇھەببىتى بىلەن كۆتۈرىلىپ ئالغا ئىنتىلەتتى.تەلەپپۇزى مۇلايىملىشاتتى،كۆزلىرى ئوتتەك ياناتتى.

  بۈگۈن چارشەنبە ئىدى. بالىلار كەلمەيتتى.ئايال ئوچۇق دېرىزە ئالدىدا ئېڭەك تۇتۇپ ئولتۇرۇپ ئېرىنى ساقلاۋاتتى.مەيلى قانداقلا چاغ بولسۇن،ئۆيدىن چىقىپ كەتكەن ئېرىنى تاكى ئېرى كەلگۈچە ساقلاش،ئاندىن كېيىن ئىسسىقىنە بىر چىنە ئاشنى ئۇنىڭ ئالدىغا قۇيۇش، تاماققا ھوزۇر بىلەن تېگىش قىلىۋاتقان ئېرىنىڭ سۈيۈملۈك قىياپىتىنى كۆرۈش...ئۇنىڭ ئادىتى ۋە خوشاللىقى بولۇپ قالغاندى.ئېرى شۇ كۈنلەردە دېھقانچىلىقنى پۈتۈنلەي خوتۇنىغا تاشلاپ بېرىپ بازاردا تاكسىچىلىق قىلاتتى.ئۇنىڭ ئېيتىشىچە دېھقانچىلىق قىلىپ ئۇلار مەڭگۈ بېيىيالمايمىش.شۇڭا،يىل بېشىدا شوپۇرلۇق ئۆگىنىپ،پىراۋىسىنى قولىغا ئالغاندىن كېيىن،بىرەيلەننىڭ ماشىنىسىنى ھەيدەپ،شېرىك پۇل تېپىۋاتاتتى.تاپاۋېتى خېلىلا ياخشى ئىدى.ئۇ ماشىنا ھەيدىگەن دەسلەپكى نەچچە ئايدا تاپقان بارلىق پۇلىنى ھەر كۈنى دېگۈدەك خوتۇنىنىڭ ئالدىغا تاشلايتتى:

  ـــ ئالە خوتۇن،بۈگۈن تاپقىنىم!ــ دەپ شۇنچىلىك پەخر بىلەن ئايالىنىڭ كۆزلىرىگە نېمە دەيسەنكىن قېنى،مەن راستلا پۇل تاپالىدىم! دېگەندەك تىكىلىپ قاراپ كېتەتتى.

  ـــ ئەجەپ جىقكىنا!ـــ ئايالمۇ ئېرىنىڭ كۆڭلى تاما قىلىپ تۇرغان بۇ سۆزلەرنى دېيىشنى ياخشى كۆرەتتى.

  ـــ قانداق؟ماشىنا ھەيدەيمەن،دېسەم تازا قىزىمىغاندىڭ.دېھقانچىلىققىلا قاراپ تۇرغان بولساق قولىمىز بۇنچىلىك پۇل كۆرسۇنمۇ؟ھەي،مۇبادا ماشىنا ئۆزۈمنىڭ بولغىنىدا قانداق ياخشى بولاتتى!

  ـــ خۇدا خالىسا،ئۆزىمىزنىڭ ماشىنىسىمۇ بولۇپ قالار.ھېلىمۇ شۈكرى دەيلى!

  ئۇلار ئۆزىنىڭ ماشىنىسى بولغاندىن كېيىنكى گۈزەل تەسەۋۇرلارغا زوق-شوخ بىلەن چۈشۈپ كېتەتتى.كۈنلەر ئەنە شۇنداق تېتىملىق،قايناق ئارزۇ-ئارمانلار بىلەن ئۆتەتتى.ئېرىدىن،تۇرمۇشىدىن،مەكتەپتە ياخشى نەتىجە بىلەن ئوقۇۋاتقان بالىلىرىدىن كۆڭلى خاتىرجەم سۇ ئىچكەچكە،ئايالمۇ غىڭ قىلماي،ئېتىزنىڭ بارلىق ئىشلىرىغا ئامال بار ئېرىنى ئارلاشتۇرماي،ئاپتاپتا ئۆزى ئىشلەپ،ئۆزى كۈيۈپ،ئۆزى توپىغا مىلىنىپ كۈنلەرنى ئۆتكۈزىۋاتاتتى.لېكىن،ھېچ ئويلىمىغاندا،خۇددى كۆز تەگكەندەك،مۇشۇ بىر ئايدىن بۇيان ئېرى كەم سۆز،تېرىككەك،ئاچچىقى يامان بولۇپ ئۆزگىرىپ قالدى.ئۆيگە ھەر كۈنى ئېلىپ كىرىپ،خوتۇنىغا تۇتقۇزىدىغان پۇللارمۇ يوق دېيەرلىك،ھەتتا دېھقانچىلىقتىن كىرگەن ئازغىنە پۇللارمۇ ماشىنىنىڭ چىقىمىغا كېتىدىغان بولۇپ قالغاندى.ئۆزىمۇ ناھايىتى كەچ قايتىپ كېلەتتى.ھەتتا بەزى كۈنلىرى كېچىلەپ قايتىپ كەلمەيتتى.يەنە كېلىپ ناتۇنۇش تېلېفۇنلار ئېرىنى ھە دېسىلا ئاۋارە قىلىدىغان بولۇپ قالدى.

  ـــ ئاخشام ئۇزۇن يۇلغا كىرا قىلىپ شۇڭا قايتىپ كېلەلمىدىم...

  ـــ خاتا ئۇرۇپ قاپتۇ...

  ـــ ماشىنىنى ئىشلىتىدىغان كونا خېرىدار ئىكەن...

  ـــ كونا ماشىنا دېگەننى قويە...تاپقىنىم رېمونت ھەققىگىمۇ يېتىشمىگىلى تۇردى...

  ئېرى شۇنداق دەپ خالىمايلا چۈشەندۈرۈپ قوياتتى.ئەمما،شۇ خاتا تېلېفۇنلار،كونا خېرىدارلار...نىڭ تېلېفۇنىنى خوتۇنىغا لەپپىدە قىزىرىپ بىر قارايتتى-دە،دەرھال خالىي جايغا قاراپ ماڭاتتى ۋە شۇنداق يەردە،خوتۇنى ئاڭلىمىغۇدەك ئاۋازدا پاراڭلىشاتتى.كېيىن يەنە يۇقۇرقىدەك،چاك باسماس باھانىلەرنى ئېيتىپ خوتۇنىغا«چۈشەندۈرۈش»بېرىپ قوياتتى.ئايال ھەرقېتىم بۇنداق ئىشقا دۇچ كەلگەندە كۆڭلى چىۋىن يەۋالغاندەك قاتتىق بىئارامچىلىققا تولاتتى.ئەمما ئۇ ھېچ ئىش قىلالمايتتى.ئېرى بىلەن ئەزەلدىن بىر پەردە شەپ بىلەن ئۆتىدىغان بولغاچقا،باشقا ئاياللارغا ئوخشاش«بۆرە تېرىسى»نى كىيەلمەيتتى،قانداق كىيىشنىمۇ بىلمەيتتى.

  كۈنلەر شۇ تەرىقىدە ئازابلىق ئۆتىۋاتاتتى.ئايال ئېھتىياتجان،ئىچىگە تىنىپ ئۆزىچە ھەسرەتلىنىدىغان،ئېرىگە غەمكىن قارايدىغان بولۇپ قالدى. يالغۇز قالغان چاغلىرىدا،ئادىمىزاتسىز ئېتىز قىرلاردا، دائىم ئۆز-ئۆزى بىلەن سۆزلىشەتتى.ئۆتكەن كۈنلەرنى ئويلايتتى.ئاللىقانداق ئىشلارنىڭ خىيالىنى سۈرەتتى. يالغۇزلۇقتا يۈرىكى قايناپ تاشاتتى. كۈيۈپ بولغان شامدەك ئۆچەتتى.ئېرىدە بولىۋاتقان ئۆزگۈرۈشلەرنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى پەملەپ،ئازابتىن ئۆزىنى ھەريان تاشلايتتى.
【1】 【2】 【3】 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر