باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

[شىنجاڭ گۈللىرى ئوردوستا] نارىمانگۈل تۇردى يۈسۈپ: مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئەلچىسى بولغانلىقىمدىن ئىنتايىن خوشالمەن

2015.08.18 11:30   مەنبە: خەلق تورى

[شىنجاڭ گۈللىرى ئوردوستا] نارىمانگۈل تۇردى يۈسۈپ: مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئەلچىسى بولغانلىقىمدىن ئىنتايىن خوشالمەن

  [كىرىش سۆز] ئوردوس شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاز سانلىق مىللەتلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مەشئەل ئايلاندۇرۇش ۋە ئېچىلىش مۇراسىمىدا، دۆلىتىمىزدىكى 56 مىللەتتىن 56 نەپەر مەشئەلچى ئۆزلىرىنىڭ مىللىي كىيىملىرىنى كىيىشىپ، قوللىرىدا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەشئىلىنى كۆتۈرۈپ، 56 مىللەتنىڭ دوستلۇق كۈيىنى ياڭراتتى. بۇ 56 نەپەر مەشئەلچى ئىچىدە شىنجاڭدىن كەلگەن 7 نەپەر شىنجاڭ گۈللىرى بار بولۇپ، ئۇلار شىنجاڭدىكى ھەر قايسى مىللەتلەرگە ۋەكىل بولۇپ، شىنجاڭ خەلقىنىڭ تۇرمۇشنى قىزغىن سۆيىدىغان، ئىتتىپاقلىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان روھىي قىياپىتىنى نامايان قىلدى.

  12-ئاۋغۇست كەچتە، خەلق تورى مۇخبىرى ئاز سانلىق مىللەتلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشقانلار ئۈچۈن مەخسۇس تەسسىس قىلىنغان مۇسۇلمانچە رېستۇراندا بۇ 7 نەپەر شىنجاڭ گۈلىنى ئۇچراتتى. بۇ بىر توپ شىنجاڭلىق قىزلار تاماق يېگەچ قىزغىن پاراڭلىشىۋاتاتتى، ئەگەر ئۇلارنىڭ كىيىم-كېچەكلىرىنىڭ ئۇسلۇبىدىكى ئېنىق پەرقلەرنى دېمىسە، ئۇلارنى بىر ئائىلىدىكى 7 ئاچا-سىڭىلمىكىن دەپ قالاتتى. قىسقىغىنا تاماق ۋاقتىدا مۇخبىر ئۇلارنى بىر-بىرلەپ زىيارەت قىلدى، ئۇلارمۇ ناھايىتى قىزغىنلىق بىلەن زىيارەتنى قۇبۇل قىلدى.

  نارىمانگۈل تۇردى يۈسۈپ: مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئەلچىسى بولغانلىقىمدىم ئىنتايىن خوشالمەن

  تۇرقى ناھايىتى كىلىشكەن تاجىك قىزچاق نارىمانگۈل تۇردى يۈسۈپ شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ ئاكتيورى بولۇپ، ئۆزىنىڭ بىرىنچى قېتىم ئوردوس شەھىرىگە كېلىپ، ئۆز مىللىتىگە ۋەكىل بولۇپ، مەشئەل ئايلاندۇرغانلىقىدىن ئىنتايىن خوش بولغانلىقىنى ئېيتتى. «بۇ يەرگە كېلىپ نۇرغۇن ھەر مىللەت دوستلار بىلەن تونۇشتۇم، ئىلگىرى دۆلىتىمىزدە 56 مىللەت بارلىقىنى بىلەتتىم، بىراق پەقەت تېلېۋىزورلاردىلا كۆرەتتىم، بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىن ئۆز كۆزۈم بىلەن بىر بىرىدىن ئىلغار ھەر مىللەت دوستلارنى ككردۈم، بۇ ماڭا ئىنتايىن چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى» دېدى نارىمانگۈل.

  نارىمانگۈل تۇردى يۈسۈپ ئۆزىنىڭ شىنجاڭغا قايتقاندىن كېيىنمۇ داۋاملىق تىرىشىپ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئەلچىسى بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ مۇھىملىقىنى چۈشەندۈرىدىغانلىقىنى ھەمدە تىرىشىپ مەملىكىتىمىزدىكى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە شىنجاڭنى تونۇشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·شىنجاڭ ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ھېيت-بايراملاردا  كوللېكتىپ دەرس تولۇقلىشىنى مەنئىي قىلىدۇ
      ·تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى ماتېماتىكا دەرسى بېرىش سىناق قىلىنىدۇ
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئۇنۋان باھالىشىدا بۇنىڭدىن كېيىن چەت ئەل تىلىدىن ئىمتىھ…
      ·ئالىي كەسپىي مائارىپ (مەخسۇس كۇرس) مەكتەپلىرىگە قوبۇل قىلىنالمىغان ئوقۇغۇچىلار 25 -، 26 - سېنتەبىر …
      ·ئاپتونوم رايونىمىزدىن 130 مىڭ 700 ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىندى
      ·2015-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى 3-سېنتەبىر ئاياغلىشىدۇ
      ·50مىليون ئامېرىكا دوللىرى قەرز پۇل بىلەن شىنجاڭ كەسپىي مائارىپ تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇشقا كىرىش سالاھىيىتىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، كەسپ …
      ·ئالىي كەسپىي مائارىپ (مەخسۇس كۇرس) مەكتەپلىرىنىڭ ئورۇندالمىغان پىلانىغا ئارزۇ تولدۇرۇش خىزمىتى باشل…
      ·مەۋلۇت: ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا نومۇر قوشۇشنى بىكار قىلىشنىڭ تېخىچە ۋاقىت …