[كىرىش سۆز] ئوردوس شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاز سانلىق مىللەتلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مەشئەل ئايلاندۇرۇش ۋە ئېچىلىش مۇراسىمىدا، دۆلىتىمىزدىكى 56 مىللەتتىن 56 نەپەر مەشئەلچى ئۆزلىرىنىڭ مىللىي كىيىملىرىنى كىيىشىپ، قوللىرىدا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەشئىلىنى كۆتۈرۈپ، 56 مىللەتنىڭ دوستلۇق كۈيىنى ياڭراتتى. بۇ 56 نەپەر مەشئەلچى ئىچىدە شىنجاڭدىن كەلگەن 7 نەپەر شىنجاڭ گۈللىرى بار بولۇپ، ئۇلار شىنجاڭدىكى ھەر قايسى مىللەتلەرگە ۋەكىل بولۇپ، شىنجاڭ خەلقىنىڭ تۇرمۇشنى قىزغىن سۆيىدىغان، ئىتتىپاقلىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان روھىي قىياپىتىنى نامايان قىلدى.
12-ئاۋغۇست كەچتە، خەلق تورى مۇخبىرى ئاز سانلىق مىللەتلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشقانلار ئۈچۈن مەخسۇس تەسسىس قىلىنغان مۇسۇلمانچە رېستۇراندا بۇ 7 نەپەر شىنجاڭ گۈلىنى ئۇچراتتى. بۇ بىر توپ شىنجاڭلىق قىزلار تاماق يېگەچ قىزغىن پاراڭلىشىۋاتاتتى، ئەگەر ئۇلارنىڭ كىيىم-كېچەكلىرىنىڭ ئۇسلۇبىدىكى ئېنىق پەرقلەرنى دېمىسە، ئۇلارنى بىر ئائىلىدىكى 7 ئاچا-سىڭىلمىكىن دەپ قالاتتى. قىسقىغىنا تاماق ۋاقتىدا مۇخبىر ئۇلارنى بىر-بىرلەپ زىيارەت قىلدى، ئۇلارمۇ ناھايىتى قىزغىنلىق بىلەن زىيارەتنى قۇبۇل قىلدى.
خەن ليۇدا: پۈتۈن مەملىكەتنى ئايلىنىش پۇرسىتى بولۇشىنى ئارزۇ قىلىمەن
شىنجاڭدىن كەلگەن روس قىزى سۇمۇسكىيا ليۇدمىلا ئانادولى ۋېينا ئۆزىنىڭ ئاددىي جۇڭگوچە ئىسمىنىڭ «خەن ليۇدا» ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. بۇ يىل 27 ياشلىق ليۇدا شىنجاڭ ئىلى ئوبلاستلىق ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ ئۇسسۇل ئارتېسى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ قېتىملىق ئاز سانلىق مىللەتلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ بەكمۇ خۇش بولدۇم، بۇ قېتىملىق پائالىيەت ئارقىلىق ھەر قايسى مىللەتلەردىن نۇرغۇن دوستلىرىم بار بولدى، بۇ دوستلۇقنى ناھايىتى قەدىرلەيمەن».
ئۇ بۇ قېتىملىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئارقىلىق دۆلىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بولغان تونۇشىنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇرلاشقانلىقىنى، ھەر مىللەت ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ، ۋەتەننىڭ ئىناق تەرەققىياتى ئۈچۈن ئورتاق تىرىشىشىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى بىلدۈردى.
ئاخىرىدا خەن ليۇدا ئۆزىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتنى ئايلىنىپ، شىنجاڭنى تەشۋىق قىلىدىغان تېخىمۇ كۆپ پائالىيەتلەرگە قاتنىشىپ، مەملىكىتىمىزدىكى باشقا جايلارنىڭ مەدەنىيەت ئۆرپ-ئادەتلىرىنى چۈشىنىش بىلەن بىرگە، مەملىكەتتىكى ھەرقايسى مىللەتلەرگىمۇ گۈزەل شىنجاڭنى، شىنجاڭدىكى روس مىللىتىنى تونۇشتۇرۇشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەنبە: خەلق تورى