[كىرىش سۆز] ئوردوس شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاز سانلىق مىللەتلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مەشئەل ئايلاندۇرۇش ۋە ئېچىلىش مۇراسىمىدا، دۆلىتىمىزدىكى 56 مىللەتتىن 56 نەپەر مەشئەلچى ئۆزلىرىنىڭ مىللىي كىيىملىرىنى كىيىشىپ، قوللىرىدا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەشئىلىنى كۆتۈرۈپ، 56 مىللەتنىڭ دوستلۇق كۈيىنى ياڭراتتى. بۇ 56 نەپەر مەشئەلچى ئىچىدە شىنجاڭدىن كەلگەن 7 نەپەر شىنجاڭ گۈللىرى بار بولۇپ، ئۇلار شىنجاڭدىكى ھەر قايسى مىللەتلەرگە ۋەكىل بولۇپ، شىنجاڭ خەلقىنىڭ تۇرمۇشنى قىزغىن سۆيىدىغان، ئىتتىپاقلىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان روھىي قىياپىتىنى نامايان قىلدى.
12-ئاۋغۇست كەچتە، خەلق تورى مۇخبىرى ئاز سانلىق مىللەتلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشقانلار ئۈچۈن مەخسۇس تەسسىس قىلىنغان مۇسۇلمانچە رېستۇراندا بۇ 7 نەپەر شىنجاڭ گۈلىنى ئۇچراتتى. بۇ بىر توپ شىنجاڭلىق قىزلار تاماق يېگەچ قىزغىن پاراڭلىشىۋاتاتتى، ئەگەر ئۇلارنىڭ كىيىم-كېچەكلىرىنىڭ ئۇسلۇبىدىكى ئېنىق پەرقلەرنى دېمىسە، ئۇلارنى بىر ئائىلىدىكى 7 ئاچا-سىڭىلمىكىن دەپ قالاتتى. قىسقىغىنا تاماق ۋاقتىدا مۇخبىر ئۇلارنى بىر-بىرلەپ زىيارەت قىلدى، ئۇلارمۇ ناھايىتى قىزغىنلىق بىلەن زىيارەتنى قۇبۇل قىلدى.
دىئارە: يېشى ئەڭ كىچىك مەشئەلچى
غۇلجىدىن كەلگەن ئۆزبىك مەشئەلچى دىئارە بۇ يىل ئاران 19 ياش بولۇپ، بۇ قېتىملىق ئاز سانلىق مىللەتلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىكى يېشى ئەڭ كىچىك مەشئەلچى. ئۇ كۈنەس ناھىيەلىك ئىككىنچى يەسلىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى. «بۇ قېتىملىق تەنھەرىكەت يىغىنىغا قاتنىشىپ نۇرغۇن نەرسىلەرنى ھېس قىلدىم، ۋەتىنىمىز چوڭ ئائىلىسى ناھايىتى ئىللىق، ھەر مىللەت قېرىنداشلارنىڭ چوڭقۇر مېھرى ئۇنتۇلمايدۇ» دېدى ئۇ ھاياجاندا.
يەسلىدە ئىشلەيدىغان دىئارە ئادەتتە ئۇچرىشىدىغان كىشىلەر ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، ھەر قايسى مىللەت كىچىك دوستلارمۇ خېلى كۆپ، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئوردوسقا كېلىپ ئاز سانلىق مىللەتلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان نۇرغۇن مىللەت دوستلارنى كۆردۈم، بۇ نەزەر دائىرەمنى تېخىمۇ كېڭەيتتى. قايتىپ بارغاندىن كېيىن بۇيەردىكى ھېكايىلەر ۋە ھەر مىللەت دوستلىرىمنى كىچىك دوستلارغا ئېيتىپ بېرىمەن، ئۇلار چوقۇم بۇ يەردىكى ھېكايىلەرنى ياخشى كۆرىدۇ».
ئوردوسنىڭ ئۆزىگە قالدۇرغان تەسىرى ھەققىدە دىئارەنىڭ باھاسى ناھايىتى ئەمەلىي بولدى: «بۇ يەردىكى كىشىلەر ناھايىتى قىزغىن ھەمدە مېھماندوست ئىكەن، خۇددىي ئۆزىنىڭ تۇغقىنىغا ئوخشاش بىزگە ناھايىتى چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى.» ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ يېشى ئەڭ كىچىك مەشئەلچى بولغانلىقتىن، ھەرقايسى مىللەت ئاكا-ئاچىلارنىڭ ئۆزىگە ناھايىتى كۆيۈنگەنلىكىنى، 56 مىللەت بىر ئائىلە دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىنى ھەقىقىي ھېس قىلغانلىقىنى ئېيتتى.
مەنبە: خەلق تورى