خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «شىنجاڭنىڭ مەخسۇس گىلەم يەرمەنكىسى ئۆتكۈزۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن»، «كېيىنكى نۆۋەتلىك يەرمەنكىدە چوڭراق ئورۇن بەرسە دەيمەن»، «كېيىنكى نۆۋەتلىك يەرمەنكىگىمۇ كېلىمەن، سودا يەرمەنكىسىنىڭ بارغانسېرى تېخىمۇ ياخشى ئۆتكۈزۈلىشىگە تىلەكداشمەن»... 2015-يىللىق ئاسىيا-ياۋروپا تاۋارلىرى سودا يەرمەنكىسى 12-ئاۋغۇستتىن 16-ئاۋغۇستقىچە ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى، دۆلىتىمىز ئىچى-سىرتىدىن جەمئىي 824 كارخانا يەرمەنكىگە قاتناشتى، بۇنىڭ ئىچىدە دۆلىتىمىز ئىچىدىن 622 كارخانا، چەت ئەللەردىن 202 كارخانا كەلدى. (مەرھابا تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى