چەرچەن مەدەنىيەت يۇرتىدىن پولات نىياز خەۋىرى، فوتوسى؛ چەرچەن ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ تەشكىللىشى، ناھىيەلىك ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ ئۆتكۈزۈشىنى ئۈستىگە ئېلىشى، جۇڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىشى چەرچەن تارماق شىركىتىنىڭ قوللىشى بىلەن 16-ئاۋغۇست ناھىيەلىك قاراقۇرۇم مەيدانىدا تۇنجى نۆۋەتلىك ياخشى ئاۋاز ناخشا ئېيتىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى. مۇسابىقىغا 18ماھىر قاتناشقان بولۇپ ماھىرلار ئۆزلىرىنىڭ ناخشا ئېيتىش تالانتىنى نامايان قىلىپ تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. نەتىجىگە ئېرىشكەن ماھىرلار قىممەت باھالىق يانفون بىلەن مۇكاپاتلاندى.
مەنبە: خەلق تورى