باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

مۇھەببەتنىڭ داۋامى(1)

رىزۋانگۈل يۈسۈپ

2015.08.16 11:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ھايات ماڭا يىڭىچە نەزەر بىلەن قاراشقا باشلىغاندا مەنمۇ ئەتراپىمدىكى ھەممە نەرسىلەرنى باشقىچە يىقىملىق نەزەر بىلەن كۈزىتىشكە باشلىدىم.

  ھوجرا ئۆيۈمدە گىرىم ئۈستىلىمنىڭ ئەينىكىدىن كۆرۈنۈپ تۇرغان گۈزەل ئايالدىن ئۇزاققىچە كۆزۈمنى ئۈزەلمىدىم.....

  ئايال يۈزلىرى ئەينەكتەكلا سۈزۈك بەكلا تارتىملىق،چىرايلىق ئايال ئىدى.ئۇنىڭ نەمخۇش لەۋلىرى پورەكلەپ ئىچىلغان ھالرەڭ گۈلنى ئەسلىتەتتى. ئاققۇنىڭ بوينىدەك تۈز، ئاپئاق بويۇنلىرىدا بىر قاتار ئاق مەرۋايىت يىلاندەك سويلىنىپ تۇراتتى. ئايالنىڭ بەدىنىمۇ كەم-كۈتىسىز ئىدى، بىرلا قارىغان ئادەم ئۇنىڭ گۈزەللىگىدىن ئىختىيارسىز ھاڭ-تاڭ بولۇپ كۆزلىرىنى ئۈزەلمەي قالاتتى.

  زامانىۋى جاھازلار بىلەن بىزەلگەن بۇ ئۆينىڭ ھەممە يىرىدىن يىقىملىق بىر پۇراق تارايتتى. سىلىق پولنىڭ ئۈستىگە تاشلانغان ئوتقاشتەك جۇلالىنىپ تۇرغان قىپ-قىزىل خوتەن گىلىمى بۇ ئۆينىڭ بىر گۈزەل ئايالنىڭ ئۆيى ئىكەنلىكىگە شاھىت بولۇۋاتقاندەك كۆزنى چاقنىتاتتى. چىرايلىق نەقىشلەنگەن تامدا جازىغا ئىلىنغان بىر جۈپ ياش ئەر-ىايالنىڭ سۈرىتى كۆزگە تاشلىنىپ تۇراتتى. بۇ ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ توي خاتىرە سۈرىتىگە چۈشۈش تازا مودا بولىۋاتقان ۋاقىتتا ئەر-خوتۇن ئىككەيلەننىڭ بەش يىل بۇرۇنقى توي خاتىرە كۈنىدە چۈشكەن سۈرەت ئىدى. نەقەدەر ماسلاشقان بىر جۈپ-ھە! ئايالنىڭ كۆزلىرىدىن بەختىيارلىق بالقىپ تۇراتتى.ئەرمۇ جەسۇر، مەغرۇر ئەر ئىدى. كەڭ كۆكرىگى بىلەن ئايالىغا باغرىنى كەڭ ئاچقان ئىدى. بۇ بىر جۈپ ئەر-ئايالنىڭ يۈزىدە ھالرەڭ نۇر ئۈزۈپ يۈرەتتى، بۇ دەرىزە پەردىسىدن سىرغىپ قايتقان نۇر بولۇپ شۇ قەدەر سۈزۈك، جۇلالىق ئىدى. ھالرەڭ ئەر-خوتۇن ھەر ئىككەيلەن تەڭ ياخشى كۆرىدىغان رەڭ بولغاچ ھوجرا ئۆينىڭ پەردىسىدىن تارتىپ ياستۇق قىپىغىچە ھالرەڭدە ئىدى، ئېرى ئۇنىڭ ھالرەڭ ئىچىدە سوزۇلۇپ ياتقان ھالىتىنى ياخشى كۆرىدىغانلىغىنى ئېيتقان ئىدى.

  سۈرەتتىكى بۇ بەختىيار بىر جۈپلەردىن كۆزۈمنى ئۇزاققىچە ئۈزەلمىدىم، بەخت تۇيغۇسىغا چۆمۈلۈش نەقەدەر راھەت،كىشى شۇ بەختىيارلىق تۇيغۇسىنى،ئەشۇ خوشال دەقىقىلەرنى مەڭگۈ تۇتالىسا كاشكى!

  ئېرىم ئىككىمىز ھەقىقەتەن خۇدا قوشقان بىر جۈپلەر ئىدۇق. مەن يىڭى ئوقۇش پۈتتۈرۇپ شەھەرلىك ئۆمەككە ئىشقا چۈشكەن چىغىمدا ئىرشات ئۆمەكنىڭ بىردىن- بىر كەسپىي ئۇسۇلچىسى ئىدى. ئۇ ئۇسۇلنى بەكلا مەردانە قىياپەتتە ئوينايتتى، ئۇنىڭ ئۇسسۇل ئوينىغاندىكى قىياپىتى گاھ ئاسماندا پەرۋاز قىلىۋاتقان بۈركۈتنى، گاھ چاپچىپ كىشنەپ تۇرغان ياۋا ئاتنى ئەسلىتەتتى. ئۇنىڭ مىجەز-خاراكتىرىمۇ ئىسىل ھەم ئۆزگىچە ئىدى، باشقا ئويۇنچى ، يەڭگىلتەك ئارتىستلاردىن ھەممە جەھەتتىن پەرىقلىنەتتى. ئۇنىڭ يىقىملىقققىنە ئانىسى ھەر دائىم بىزنىڭ ئويۇنىمىزنى كۆرگىلى كىلەتتى. مەن ئۇزاق ئۆتمەي ئىرشاتنىڭ ئەنە شۇ مەردانە ئۇسۇلىغا ئاشىق بولدۇم . ئىرشاتقا يىقىنلىشىش ھەم ئۇنىڭ كۆزىگە ئىسسىق كۆرۈنۈش ئۈچۈن مەن مۇزىكانت بولۇشتىن ۋاز كىچىپ ئۇسۇلچى بولۇشنى، ئىرشات بىلەن مەڭگۈ سەھنىدە ياندىشىپ ئۇسۇل ئويناشنى تاللىغانىدىم. بىز سەھنىدە جۈپ بولۇپ ئۇسۇل ئويناپ كۆزلەرنى چاقنىتاتتۇق، سەھنىدىن چۈشكەندە قولتۇقلىشىپ مىڭىپ بازار ئارىلايتتۇق، باغچىلارغا باراتتۇق. بىزنىڭ ئامراقلىقىمىزغا قىل سىغمايتتى، تەڭتۈشلىرىمىزلا ئەمەس چوڭلارمۇ بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزغا ھەۋەسلىنىپ قاراپ قىلىشاتتى.

  قىزىمىز چۇغلۇق تۇغۇلۇپ بىز تىخىمۇ بەختىيار بولۇپ كەتتۇق.بىز ئۇسۇلنى ئۆمەكتە رەپتىس قىلغاندىن باشقا كۆپىنچە ھاللاردا ئۆيىمىزدە مەشىق قىلاتتۇق،بۇنداق چاغلاردا كىچىككىنە قىزىمىز بىز بىلەن تەڭ چۆرگىلەپ، تايتاڭلاپ يۈرۈپ بەزىدە يىقىلىپ تىزلىرىنى، بۇرۇنلىرىنى سۈرىۋالاتتى. يىغلاپ قوپۇپ يەنە بىزگە ئەگىشىپ مىڭىپ يۈرەتتى. ئىرشاتنىڭ قىزىمىزغا ئامراقلىق قىلىپ ھالى يوق ئىدى. بىكار بولسىلا چۇغلۇقنى بوينىغا مىندۈرىۋىلىپ نە-نەلەرگە ئاپىرىپ ئوينىتىپ كىلەتتى. ھەتتا بىز سىرىتلارغا ئويۇن قويغىلى چىققان چاغلاردىمۇ چوڭلارنىڭ يىنىغا قويۇپ قويۇشقا چىدىماي قىزىمىزمۇ بىز بىلەن بىللە ئويۇن قويغىلى بارىدۇ دەپ تۇرىۋالاتتى. شۇنداق قىلىپ بىز ئۈچىمىز ئايرىلمايتتۇق، گويا بىز بۇ دۇنياغا بىر-بىرىمىز ئۈچۈنلا تۇغۇلغاندەك مەڭگۈ ئايرىلمايدىغاندەك، مەڭگۈ بىللە ياشىيالايدىغاندەك بىر-بىرىمىزگە بەكلا ئىچەكىشىپ كەتكەنىدۇق.

  ئايلار يىللار بىر-بىرىنى قوغلىشىپ ئۆتۈپ كەتتى،بىز نۇرغۇن يىللارنى بىشىمىزدىن ئۆتكۈزدۇق.بىز سەھنىلەردە بىر-بىرىمىز بىلەن شۇ قەدەر يىقىملىق ماسلىشاتتۇق، ئۇ ئۇسۇلنى يەنىلا شۇنداق مەردانە،قالتىس ئوينايتتى.كىيىنكى چاغلاردا ئۇ ئاستا-ئاستا ئۆزى ئۇسۇل ئىجاد قىلىشقا باشلىدى.ئۇ پىشقان بىر ئەركەك بولۇپ يىتىلىۋاتاتتى. ئۇنى ياخشى كۆرەتتىم،پۈتۈن ۋۇجۇدۇم، بارلىق مىھرىم بىلەن سۆيەتتىم.

  كىيىنكى كۈنلەردە بىزنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىمىزغا كۆز تەككەندەكلا ئىشلار يۈز بەردى.قىزىمىز چوغلۇق 11ياشقا كىرگەن يىلى يازدا ئىرىم شاڭخەيگە ئىككى يىللىق بىلىم ئاشۇرۇشقا ماڭىدىغان بولدى.ئۇنىڭ قىزىم ئىككىمىزگە تارتىشىپ شۇ ئوقۇشقا بارماسلىقىنى شۇنچىلىك ئارزۇ قىلدىمكى.....ئەمما ئارزۇيىم ئارزۇ پېتىچە قالدى. ئىرشات خۇشاللىق بىلەن سەپەر تەييارلىغىنى قىلىپ ئارىدىن بىر ئاي ىۆتكەندە ئۆمىگىمىزگە يىڭىدىن كەلگەن دىلدار ئىسىملىك بىر ئۇسۇلچى قىز بىلەن بىللە شاڭخەيگە قاراپ يولغا چىقتى. ئىرىم يولغا چىققان كۈنى بىكەتتە ئۇنى يىغلاپ تۇرۇپ ئۇزاتتىم، ماشىنا قوزغالغاندىن كىيىنمۇ يۈرۈگۈم شۇنداق ئىچىشىپ يەنە كىچىچە يىغلاپ، نەچچە كۈنگىچە ئارامسىزلىنىپ يۈردۈم. ئەمما مەندە نىمە ئامال؟ ئۇنى تۇتۇپ قالالمىدىم، ئۆمەكتىكىلەر گويا مەن بىلەن قەستەن قېرىشقاندەك، شاڭخەيگە ئېرىمگە بىر قىزنى، يەنە كىلىپ بىر يۇتۇم سۇ بىلەن يۇتۇۋالغۇدەك بەكلا چىرايلىق بىر قىزنى بىللە قوشۇپ ئىۋەتىشتى.ئۆمەكتىكى باشلىقلارغا شۇنداق ئۆچلۈكۈم كەلدى،گويا كىمدۇر بىرى مەن بىلەن قەستەن قىرىشىۋاتقاندەك قىلاتتى. ئۇلار ئىرىنى ياخشى كۆرىدىغان بىر ئايال كىشىنىڭ كۆڭلىنى ھەقىقىي چۈشەنگەن بولسىدى، ھەرگىز ئائىلىسى بار ئوتتۇرا ياشلىق بىر ىەرگە ياشلىق ھېسلىرى ئۇرغۇپ تۇرغان بىر قىزنى قوشۇپ يىراق بىر جايغا ئىۋەتەرمىدى؟ ئەمما يەنىلا ئاچچىقىمنى ئىچىمگە يۇتىۋەتتىم، ھېچكىمگە ھېچنىمە دىمىدىم. پەقەت مۇشۇ ئىككى يىلنى لىۋىمنى –لىۋىمغا چىشلەپ، ئىرىمنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ تىلەپ ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلدىم.

  ئېرىم ھېسسىياتچان ھەم قاملاشقان ئەر ئىدى. دىلدار ئىسىملىك بۇ قىزنى تىلغا ئالغۇم يوقلىغىغا قارىماي ھەمىشە بۇ قىزنىڭ گويا ئالۋاستىنىڭ چاچلىرىدەك سارغۇچ بۈدرە چاچلىرى، يىشىلغا مايىل دىڭىزرەڭ كۆزلىرى كۆز ئالدىمدا ئۇچۇپ يۇرۇپ مىنى بىئارام قىلاتتى. ئۇنىڭ گۈزەللىگىگە ھەرقانداق بىر ئەر تەسلىم بولماي قالمايتتى. ئۇ ئۆمىگىمىزگە كەلگەن كۈندىن ئىتىبارەن ھەممەيلەنننىڭ كۆزى شۇ قىزدا قالغانىدى. بۇ قىز ئوچۇق سۆزلۈك ھەم سەلگىنە ھاكاۋۇر ئىدى، ئۇنىڭ ھاكاۋۇرلىقىمۇ ئۆزىگە بەكلا يارىشاتتى.قىز سەلگىنە كۈلۈمسىرىسە گويا قايتىلاپ ئاپتاپ چىققاندەك ئەتراپ ۋاللىدە يورۇپ كەتكەندەك تۇيۇلاتتى. قىزنىڭ ئەشۇ گۈزەللىگى كۆڭلۈمدىن كەچكەنلىرىدە تۇرۇپلا كۆڭلۈمگە ھەر خىل غەلىتە خىياللار كىرىۋالاتتى، دىلدار ئىسىملىك قىزنىڭ ئېرىم بىلەن سەھنىدە ئۇسۇل ئويناۋاتقىنىنى،ئېرىمنىڭ پەقەت ماڭىلا تەئەللۇق بولغان تىنىقىنىڭ قىزنىڭ مەڭزىگە ئۇرۇلىشىنى، ئىللىق قوللىرىنىڭ قىزنىڭ بەللىرىدە يورغىلىشنى تەسەۋۋۇرىمغا سىغدۇرالمايتتىم. تۇرۇپ يەنە ئۆز-ئۆزۈمگە تەسەللى بىرەتتىم. بەلكىم ئۇلار بىللە ئۇسۇل ئوينىمىغاندۇر، ئېرىم بەلكىم ئۇسۇل ئىجادىيىتى ھەققىدە كۆپرەك بىر نەرسە ئۆگۈنۈش ئۈچۈن ئالدىراش يۈرگەندۇ؟
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر