خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9-ئاۋغۇست شىنجاڭ ساۋەن 5-قېتىملىق چوڭ تەخسىلىك يىمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتى ساياھەت بايرىمى باشلاندى. بۇ قېتىملىق يىمەك-ئىچمەك بايرىمىدا ئاممىنىڭ قاتنىشىش ئىدىيىسى گەۋدىلىك ئىپادىلەنگەن بولۇپ، يەرلىك دېھقان – چارۋىچىلار ۋە ئاھالىلەر سەنئەت ماھارىتى كۆرسىتىش، سەھرا تالانت سەھنىسى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئاساس قىلغان، «يۈز يىللىق ئەسلىمە. ساۋەن خاتىرىلىرى»نى تېما قىلغان كونا سۆرەت تارىخىي مەدەنىيەت بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسى، 2-نۆۋەتلىك يىپەك يولى يىمەك-ئىچمەك مۇنبىرى، يەنسىخەي بازىرى قىزىلمۇچ مەدەنىيەت بايرىمى، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى داڭلىق ئاشپەزلەرنىڭ ئۈستۈنلۈك تالىشىش مۇسابىقىسى ۋە ئاسىيا خەلقئارا دەرىجىدىن تاشقىرى مودىل مۇسابىقىسى يەر شارى ئومۇمىي ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ مۇكاپات تارقىتىش كېچىلىكى قاتارلىق ئوتتۇز نەچچە خىل پائالىيەت قوشۇمچە قىلىنغان بولۇپ، ئوخشاش بولمىغان ياش قاتلىمىدىكى قاتناشقۇچىلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇردى. (مەرھابا تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى