خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇربان سايىم خەۋىرى، فوتوسى: 30-ئىيۇل، «1-ئاۋغۇست» ئارمىيە بايرىمى ھارپىسىدا باي ناھىيەلىك دېھقانچىلىق ئىدارىسى رەھبەرلىرى يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش پونكىتى، باغۋەنچىلىك پونكىتى قاتارلىق ئورۇنلارنى يېتەكلەپ، قوغۇن-تاۋۇز، ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك كۆچمە ساندۇق قاتارلىق بويۇملارنى ئېلىپ تۇرۇشلۇق مەلۇم قىسىمىدىكى ئوفېتسېر، ئەسكەرلەردىن بايراملىق ھال سورىدى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكى، جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداپ، ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشقانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى. ھال سوراش جەريانىدا ئوفىتسېر-جەڭچىلەرنىڭ مەشىق، خىزمەت، تۇرمۇش رايۇنلىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. قىسىمنىڭ كوماندىر جەڭچىلىرى بىلەن قىزغىن پىكىر ئالماشتۇردى ۋە ئەسكەرلەر بىلەن بىرلىكتە خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى. بۇنىڭ بىلەن ئىككى تەرەپ ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، ھەم ئىككىنى ھىمايە قىلىش خىزمىتى ھال سوراش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئارمىيە بىلەن ئىككى تەرەپنىڭ ئۆز ئارا چۈشىنىش ۋە دوستلۇقنى چوڭقۇرلاشتۇردى.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى