باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

ئايسىمە: يازغۇچى رىزىۋانگۈل يۈسۈپ بىلەن سۆھبەت(1)

2015.07.30 10:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئايسىمە ئىدىرىس: دەسلەپكى ئىجادىيەت ئەھۋاللىرى ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتكەن بولسىلا؟

  رىزۋانگۈل يۈسۈپ: يازغۇچى مېنىڭ نەزىرىمدە بەكلا ئۇلۇغ ئادەملەر ئىدى، مېنىڭمۇ شۇنداق ئۇلۇغ ئادەملەردىن بولغۇم كەلدى. شۇڭا ئۆزۈم بىلگەنچە ھېكايىلارنى يېزىپ باقتىم. دەسلەپ يازغان ھېكايىلىرىم ئۆزۈم ياقتۇرغان قايسىبىر ئەسەرنىڭ ئۇسلۇبى بويىچە پۈتۈپ چىققان ھەم بەك ئاددىي بولسىمۇ، تۇنجى ئەسىرىم ئېلان قىلىنغاندا گويا تۇنجى بالام تۇغۇلغاندەك قەۋەتلا بەك خوش بولغان ئىدىم. يازغانلىرىم كۆپ ئەمەس، ياخشى يېرى يازغانلىرىم زايە كەتمەي ئېلان قىلىنىپ تۇردى، شۇڭا ئۆزۈمنى دائىم تەلەيلىك دەپ ئويلايمەن.

   ئايسىمە ئىدىرىس: سىلىنىڭ ئۆزىگە خاس ئۇسلۇبتا يېزىلغان بىر قىسىم ھېكايە – پوۋېستلىرى بىلەن كىتابخانلارنىڭ ئايال يازغۇچىلارغا بولغان ئۈمىدى قايتا قوزغالدى دەپ قارايمەن. ئايال يازغۇچىلارنىڭ ئىجادىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى بىرلىكتە ئاڭلاپ باققان بولساق؟

  رىزۋانگۈل يۈسۈپ: مەن ئۆزۈمنىڭ ئاياللىقىمدىن، بولۇپمۇ ئايال يازغۇچى بولالىغىنىمدىن پەخىرلىنىمەن ھەم بارلىق ئايال يازغۇچىلارغا چىن يۈرىكىمدىن ئېھتىرام بىلدۈرىمەن. ئىجادىيەتتە ئۆزۈمگە خاس ئۇسلۇب يارىتىشقا كەلسەك ئەسەرلىرىمگە باشقىلار ئۇسلۇبى ئۆزگىچە دەپ باھا بېرىشتىن ئىلگىرى مەن ئۇسلۇب ياراتتىم دېگەننى ئويلاپمۇ باقمىغانكەنمەن. مېنىڭ ھازىرقى يېزىش ئۇسلۇبىمدىن ئوقۇرمەنلەر ياقتۇرۇپ زوق ئالالىغان بولسا ھەم راستىنلا ئايال يازغۇچىلارغا بولغان ئۈمىدى قايتا قوزغالغان بولسا بۇ مەن ئۈچۈن ئالەمچە شەرەپ. مەن ئىجادىيەت ئۈچۈن سەرپ قىلغان بارلىق زېھنىي قۇۋۋىتىم ھەم ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزگەن كېچىلىرىمدىن بىر ئۆمۈر رازى.

  ئايسىمە ئىدىرىس: نەزەرلىرىدىكى «ئاياللار ئەدەبىياتى» دېگەن قانداق ئەدەبىياتنى كۆرسىتىدۇ؟ بۈگۈنىمىزدىكى ئۇيغۇر ئاياللار ئەدەبىياتى توغرىسىدىكى ئويلىغانلىرنى سۆزلەپ بەرسىىلە.

  رىزۋانگۈل يۈسۈپ: ئاياللارغا ئائىت ھەرقانداق نەرسىنى مەن ياقتۇرىمەن. «ئاياللار ئەدەبىياتى» ئايال ئەدىبلەرنىڭ ئەسەرلىرىنى كۆرسىتەمدۇ ياكى بارلىق يازغۇچىلارنىڭ ئاياللار تېمىسىدىكى ئەسىرىنى كۆرسىتەمدۇ بۇ توغرىدا كاللامدا ئېنىق چۈشەنچە يوق. بەلكىم تەتقىقات زۆرۈرىيىتىدىن «ئاياللار ئەدەبىياتى» دەپ ئايرىش زۆرۈر بولغاندۇ. ئەمما، مەيلى نېمىلا سەۋەب بولمىسۇن مەن ئويلايمەن: بۇ دۇنيادا ئەر بىلەن ئايالنى ئايرىۋېتىش مۇمكىن بولمىغاندەك «ئاياللار ئەدەبىياتى» بىر پۈتۈن ئەدەبىياتنىڭ باغرىدا ئۆز رەڭدارلىقى بىلەن جۇلالىنىپ تۇرالىسا تېخىمۇ ياخشى بولاتتى.

  ئايسىمە ئىدىرىس: سىلىنىڭ قەلەملىرىدە تەسۋىرلىنىۋاتقىنى كۆپىنچە يېزىلاردىكى قىز – ئاياللارنىڭ روھىي دۇنياسى، مەنىۋىي تېراگىدىيەسى. ئەسەرلەرگە بۇنداق كۈچلۈك تېراگىدىك تۈس بېرىشنىڭ قانداق ئەھمىيىتى بار؟

  رىزۋانگۈل يۈسۈپ: ئەسەرلەردىكى تېرادىگىيەلىك تۈسنىڭ ئالاھىدە ئەھمىيىتى بولىشى ناتايىن، ئەمما ھېچ بولمىسا ئوقۇرمەنلەردە ئۆزى ياشاۋاتقان مۇھىت، ئۇزىنىڭ مەنىۋىيىتى توغرىسىدا ئازراق ئويلىنىش قوزغىتالىسىلا شۇنىڭدىن خۇش بولاتتىم.

   ئايسىمە ئىدىرىس: سىلى ئەسەرلىرىدە تېراگىدىيە گۈزەللىكى يارىتىشتا ئۆزگىچە ماھارەتلىرنى نامايەن قىلدىلا،جۈملىدىن «قامغاقنىڭ چۈشى» تىراگىدىيەگە تولغان گۈزەل چۈش دەپ قارىلىدۇ. تېراگىدىيىنى قانداق قىلىپ شۇنچە گۈزەل ئىپالىدىلە؟

  رىزۋانگۈل يۈسۈپ: بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزدا تېراگىدىيە ھەر ۋاقىت مەۋجۇد، بولۇپمۇ ئۆزىنىڭ قانداق ياشاۋاتقىنىنى ھەم نېمە ئۈچۈن ياشاۋاتقىنىنى ئانچە ئاڭقىرالماي ياشاۋاتقان ئۇيغۇر تۇرمۇشىدا تېراگىدىيە تېخىمۇ گەۋدىلىك. بۇنى قانداق ئىپادىلىگەنلىك مەسىلىسىگە كەلسەك تېراگىدىيە ھەر ۋاقىت گۈزەل ئارزۇ - ئارمان ھەم گۈزەل چۈشلەر بىلەن بىر گەۋدىلىشىپ كېتىدىكەن. مەن پەقەت بۇلارنى ئايرىۋەتمەي ئۆز يولى بويىچە ئىپادىلەپتىمەن شۇ. تېراگىدىيەدىمۇ گۈزەللىك بولىدىغىنىنى مەنمۇ خالىدە ئىسرائىلدەك ئاتاقلىق يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىدىن ھەم ئۆز ئەسەرلىرىمدىن ھېس قىلدىم. مەن ئۆزۈممۇ «قامغاقنىڭ چۈشى»دىكى گۈزەللىكنى ياقتۇرىمەن. بۇ جەنۇبىي شىنجاڭ يېزىلىرىدىكى قىزلارنىڭ ئورتاق قىسمىتى. ياخشى يېرى بۇ قىزلار مەيلى قانداق قىسمەتكە دۇچار بولمىسۇن ئۇلارنىڭ قەلبىدە ھامان گۈزەل بىر ئوت لاۋۇلداپ يېنىپ تۇرىدۇ.
【1】 【2】 【3】 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر