باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

شەھەر ۋە ئايال(1)

رىزۋانگۈل يۈسۈپ

2015.07.30 10:50   مەنبە: خەلق تورى

ئايال ئەتىيازنىڭ ئىزغىرىن شامىلدا يەلپۈنىۋاتقان چاچلىرىغا پەرۋا قىلمىغان ھالدا ئاستا كېتىۋاتاتتى. يولنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى قارا ياغاچلارنىڭ يوپۇرماقلىرى سۇس ياشارغان، يەردىكى چىملار شېرىن چۈشتىن ئويغانغان بوۋاقتەك ئەمدىلا بىخلانغان ئىدى. ئەتراپتىن باھارنىڭ نەمخۇش پۇرىقى كېلەتتى. يوللار ئەگرى-بۈگرى ھالەتتە يىراقلارغا سوزۇلغان ئىدى.
كوچا ئاپتۇبوسى ئۇنىڭ يىنىدىن ئايلىنىپ غۇيۇلداپ ئۆتۈپ كەتتى. ئۇ ئاپتۇبوس ئىچىدىكى لىققىدە ئادەملەرگە قارىدى.ئۆزىنىڭ شۇنچە ۋاقىتتىن بۇيان مۇشۇنداق جىق ئادەملەر توپىنى سېغىنغانلىقىنى، ئاشۇ ئادەملەر توپى ئىچىدە يۈرۈكىنىڭ ئاستا-ئاستا ئىللىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى. ئۇ شۇ ماڭغانچە شەھەر مەركىزىدىكى ھەشەمەتلىك سودا-ساراينىڭ ئالدىغا كەلدى. بۇ يەر ئىلگىركىدەكلا ئاۋات ئىدى. ئەتراپتىكى ھەممىلا نەرسە كۆزنى چاقنىتىپ تۇراتتى. سودا –سارايغا چىقىدىغان سېيرىلما پەلەمپەي كىشىگە راھەت بېغىشلايتتى. ئۇ سېيرىلما پەلەمپەيدىكى ئادەملەر بىلەن بىللە ماڭغىنىچە ئاۋات ھەم ھەشەمەتلىك كىيىم-كىچەك ماگىزىنىغا كىردى. ئۇ ماگىزىننى ئاستا ئارىلاپ كىتىۋىتىپ ئۆزىنى رەڭلەر دۇنياسىدا سەيلە قىلىۋاتقاندەك، يۈرۈكىدە خۇشاللىق ھېسلىرىنىڭ ئاستا-ئاستا ئۇرغۇۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى. ئۇ ھەر قېتىم بازار ئارىلىغانلىرىدا بولۇپمۇ كىيىم-كىچەك بازارلىرىنى ئارىلىغاندا ئۆزىنى ھەمىشە مەلىكىلەردەك شۇنداق مەغرۇر خۇشال سىزەتتى. ئېسىل كىيىم-كىچەكلەر ئۇنىڭغا باشقىچە زوق، ھەم خۇشاللىق بېغىشلايتتى. ئۆزى ياقتۇرغان كىيىمنى تاللاپ كىيىپ، تىكلىمە ئەينەك ئالدىدا ئۆزىنىڭ خۇش-پىچىم قامىتىنى تاماشا قىلىش ئۇنىڭغا ئالەمچە ھوزۇر ئاتا قىلاتتى. ئۇ بىر دۇكاننىڭ ئالدىدا توختاپ، بەكلا چىرايلىق بىر چاپاننى تاللىدى.
-بۇ يىڭى كەلتۈرۈلگەن مال. بۇ يىلقى يىڭى مودا –دەپ چۈشەندۈردى بىر قىز- كىيىپ كۆرۈپ بىقىڭ، سىزگە چوقۇم بەك يارىشىدۇ.
ئۇ قىزغا قاراپ كۈلۈپ قويۇپ چاپاننى كىيىپ، تىكلىمە ئەينەك ئالدىغا كەلدى. ئۇ چاپاندىن بەكراق ئۆزىنىڭ تەققى-تۇرقىغا ئىنچىكە دىققەت قىلىپ قاراشقا باشلىدى. ئۇنىڭ پاقالچاقلىرى سەرۋىدەك ئۇزۇن ھەم تولۇق ، يۇمۇلاق كاسىسى ھۇپپىدە ئىچىلغان بىر دەستە گۈلدەك لىۋەن ئىدى. ئۈستى بەدىنى گويا يىنىك تولغىنىۋاتقان مۇزىكىدەك ئەۋرىشىم، نازۇك ھەم جەلىپكار كۆرۈنەتتى. ئاق سۈزۈك بوينى گويا نەپىس فار-فار بۇيۇمىدەك چاپاننىڭ ياقىسىدىن سەلگىنە چىقىپ تۇراتتى. لەۋلەر تولۇق قىزىرىپ پىشقان جىنەستىدەك سۈزۈك ھەم نەمخۇش، ئانچە چوڭ بولمىغان كۆزلەردە كىشىنى ئىختىيارسىز ھەيران قالدۇرۇدىغان سۈزۈك بىر نۇر يالتىرايتتى. مۈرىسىدە يېيىلىپ تۇرغان تەبىئىي بۈدرە چاچلار شامالدا سەل چۇۋۇلغان، ئەمما چۇۋۇلغان چاچلار ئۇنىڭغا تېخىمۇ نەپىس ھەم تەبىئى بىر گۈزەللىك بېغىشلىغانىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ تەققى-تۇرقىدىن تولۇق رازى بولغاندىن كىيىن ئۇچىسىدىكى چاپاننى ھىلىقى قىزغا ھىچقانداق تۈزۈت قىلمايلا قايتۇرۇپ بەردى. ئۇ دۇكانلاردىكى بىر-بىرىدىن چىرايلىق، ئېسىل كىيىم-كىچەكلەرگە مەنسىتمەسلىك نەزىرى بىلەن قاراپ مېڭىۋىتىپ بىردىنلا ئۆزىنىڭ يەنە بۇرۇنقى مەغرۇر ھالىتىگە قايتقانلىقىنى ھېس قىلدى. ئەمىلىيەتتە ئۇنىڭ كىيىم-كىچەكلەرنى ئالاھىدە تاللاپ ئىلىشىنىڭ زۆرۈريىتى يوق ئىدى، ئۇ پەقەت ئالدىغا ئۇچرىغانلا بىر قۇر كىيىمنى سىتىۋىلىپ ئۇچىسىغا ئارتسىلا مۆجىزە يۈز بەرگەندەك كىيىمنىڭ ئاددىلا رەختلىرى ھەم پاسۇنلىرى پاللىدە ئېچىلىپ، ئۇ مەلىكىلەردەك كۆزلەرنى قاماشتۇرۇپ، ئادەمنىڭ ئەقلىنى لال قىلاتتى. نەچچە كۈندىن كىيىنلا شەھەردىكى قىزلار ئۇ كىيىۋالغان كىيىملەرنى بەس-بەستە سېتىۋىلىپ مودا قىلىپ كىيىشكە باشلايتتى.
ئۇ رەختى ئېسىل، ئەمما پاسۇنى ئادەتتىكىچە بىر قىزىل رەڭلىك پەلتۇنى ئۇچىسىغا كىيىۋىدى، ماگىزىن ئارىلاۋاتقانلارنىڭ كۆزلىرى ئىختىيارسىز كەينىگە قايرىلىپ قاراشقا مەجبۇر بولۇشتى. ئەمما ئۇ بۇلارغا پەرۋا قىلمايتتى. پەقەت قىزىل كىيىم ئىچىدە لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقان بىر پارچە ئوت ئۇنىڭ پۇتۇن ۋۇجۇدىنى ئاستا-ئاستا ئىللىتىۋاتقاندەك راھەت ھىس قىلغىنىلا سىزەتتى. ئۇ دۇكاندار بىلەن باھا تالاشمايلا بۇ پەلتۇنى سىتىۋالدى. ئاندىن شۇ دۇكاننىڭ ئۆزىدىنلا ئىگىز پاشنىلىق قارا لاك ئۆتۈك، مودا ھەم پاقىراق قارا رەڭلىك سومكا سېتىۋالدى.
ئۇ يىڭى كىيىملىرىنى دۇكان ئىچىدىلا كىيىپ، داڭلىق ساتراچخانىلارنىڭ بىرىدە چېچىنى تىخىمۇ چىرايلىق قىلىپ ياسىتىپ بىنانىڭ ئۈستۈنكى قەۋىتىدىكى قەھۋەخانىغا چىققىنىدا ئۆزىنىڭ مۇشۇ تۇرقىدا چاقناپ تۇرغان بىر پارچە ئوتقا ئايلانغانلىقىنى ھىس قىلدى. ئۇ بۇ خىل تۇيغۇنى ياخشى كۆرەتتى. بۇ خىل تۇيغۇ ئۇنى ھاياجانغا سالاتتى.
قەھۋەخانا ئىچى ئازادە ھەم كۆركەملىكى بىلەن كىشىگە خاتىرجەملىك تۇيغۇسى بىرەتتى. ئۇ مۇشۇ قەھۋاخانىنى، ھەم ئاچچىق قەھۋە پۇرىقىنى چەكسىز سېغىنغانىدى. بۇ يەر ئۇنىڭ نۇرغۇن شىرىن خىياللىرى ھەم دوستلىرى، سۆيگەن يىگىتى بىلەن قىلىشقان گۈزەل پاراڭلىرىغا شاھىد بولۇپ، ئۇنىڭ يۇرۇكىنى پەپىلىگەنىدى. ئۇ دېرىزە يېنىدىكى ئورۇنغا كىلىپ ئولتۇردى. دېرىزىدىن شەھەرنىڭ قوينىدىكى كوچىلار، ماشىنىلار، ئادەملەر، دەرەخلەر، بىنالار، ھەممە نەرسىلەر ئىنىق كۆرۈنۈپ تۇراتتى. شەھەر گويا ئاپتاپسىنىۋاتقان قىران ئەركەكتەك جەزبىدار ھەم سۈرلۈك ھالەتتە سوزۇلۇپ ياتاتتى.
قويۇق قەھۋە پۇرىقى ئۇنىڭغا ھەمىشە چەكسىز كەتكەن قۇملۇقلارنى ئەسلىتەتتى. ئۇ كىچىكىدىن ئاۋات شەھەردە چوڭ بولغىنىغا قارىماي ھەمىشە چەكسىز كەتكەن يايلاقلارنى،قۇملۇقلارنى ھەم دىڭىزنى خىيال قىلاتتى. ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرىدىغان يىلى ئۇ ساۋاقداشلىرى بىلەن جەنۇبى شىنجاڭغا بارغىنىدا ئۇ يەردىكى چەكسىز كەتكەن قۇم بارىخانلىرىنىڭ خۇددى ئۆزىنىڭ خىيال قىلغىنىغا ئوپمۇ-ئوخشاش ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ ھەيران قالغان ئىدى. قۇملۇقنى خىيال قىلغىنىدا ئۇنىڭ ئىڭىدا چېتىگە يەتكىلى بولمايدىغان بىر چەكسىزلىك سوزۇلۇپ ياتقاندەك، ئۆزى ئاشۇ چەكسىزلىككە جىمجىت سېڭىپ كىتىۋاتقاندەك تۇيغۇ پەيدا بولاتتى. ئۇ ئەشۇ تۇيغۇلار ئىچىدە ھوزۇرلىنىپ قەھۋە ئىچىۋىتىپ بىردىنلا كۆزلىرى ئوتلۇق بىر ئەرنىڭ خېلىدىن بىرى ئۆزىدىن كۆز ئۈزمەي قاراۋاتقانلىقىنى سىزىپ قالدى. ئۇمۇ ئىختىيارسىز ئەرگە نەچچە قىتىم قاراپ قويۇپ قەھۋەنى سۈمۈرۈپ ئىچىشكە باشلىدى. ئۇنىڭ تۇرۇپ ئەشۇ ئەر بىلەن پاراڭلاشقۇسى كەلدى. ئۇ ھەمىشە شۇنداق ئويلايتتى. ناتۇنۇش بىر ئەر بىلەن ئۇچرىشىپ قالسا، مۇڭدىشا-مۇڭدىشا ئۇزۇن ۋاقىتلاردىن بۇيان يۇرۇكىگە يىغىلىپ قالغان ھەممە گەپلىرىنى دەۋالغاندىن كىيىن ئۇلار جىمجىتلا ئۆز يولىغا مېڭىشسا، كىيىنكى كۈنلەردىمۇ ئۇچرىشىپ قالمىسا قانداق ياخشى بولاتتى - ھە!
-سىزنى قەھۋە ئىچىشكە تەكلىپ قىلسام بولامدۇ؟ -دىدى ئەر ئەدەپ بىلەن ئۇنىڭ ئالدىغا كىلىپ.
ئۇ ماقۇل دىگەن مەنىدە بېشىنى لىڭشىتتى، ئاندىن ئەرنىڭ قاملاشقان قەددى –قامىتىگە قارىغىنىچە يىنىككىنە كۈلۈمسىرەپ قويدى.
-سىزنىڭ گۈزەللىكىڭىزدىن ئىختىيارسىز كۆزۈمنى ئۈزەلمەي قالدىم، سىزنى بىر تۇرۇپ تونۇشتەك ھۈس قىلدىم ئەمما نەدە كۆرگەنلىكىمنى ئەسلىيەلمىدىم-دىدى ئەر ئوچۇق-يورۇقلۇق بىلەن – بىز تونۇش چىقىپ قالغان بولساق بەك ياخشى بولاتتى.
-سىز تۈرمىدىن تېخى يىڭىلا چىققان بىر ئايال بىلەن تونۇش چىقىپ قالسىڭىز قاملىشارمۇ ؟-دېدى ئۇ ئۆزىمۇ ھەيران قالغۇدەك تەمكىن ئاۋازدا .
-ھە؟-ئەر ئۆز قۇلىقىغا ئىشەنمىگەندەك ھاڭ-تاڭ بولۇپ تۇرۇپلا قالدى.
-تۈرمىدىن يىڭىلا چىقتىم-دەپ تەكرارلىدى ئايال.
كۈتكۈچى ئىككى ئىستىكان قەھۋەنى ئەكىلىپ ئۇلارنىڭ ئالدىغا قويدى.
-نىمە ئىش بىلەن كىرىپ قالغانتىڭىز؟-دەپ سورىدى ئەر ئۇنىڭغا جىددى چىرايى بىلەن كۆز ئۈزمەي قاراپ.
-كۈندىشىمنى ئېغىر يارىلاندۇرۇپ قويۇپ-دېدى ئۇ قەھۋەنى قولىغا ئىلىپ.
ئەرنىڭ چىرايىدىكى مۇلايىملىق ۋاللىدە ئەسلىگە كەلدى.
-مۇنداق دەڭ-دېدى ئۇ تىخىچە ھەيرانلىقىنى يوشۇرالمىغان ئاۋازدا- يىگىتىڭىز سىزگە ساداقەتسىزلىك قىلغانمىدى؟
-ياق، ئېرىم – ئۇ بۇلارنى دەۋىتىپ ئاچچىق كۈلۈپ قويدى.
* *

【1】 【2】 【3】 【4】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·رۇسىيە «ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى»دا كېلەر يىلى خەنزۇ تىلى ئىمتىھانى تەسىس قىلىنىدۇ
      ·شىنجاڭ قوش تىل مائارىپى دۆلەتنىڭ 459مىليون يۈەنلىك مەبلىغىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىتى
      ·2015-يىلى ئىچكىردىكى شىنجاڭ ئوتتۇرا  كەسپىي تېخنىكوم سىنىپىغا تۇنجى قېتىم 50نەپەر پۇتبولدا ئالاھىدى…
      ·دۇنيادىكى داڭلىق مەكتەپلەر ياقتۇرىدىغان ئىختىساسلىقلارنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسى ئەڭ ياخشى بولۇپ كېتىشى …
      ·جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى 110ئالىي مەكتەپ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىدىكى 400كۈچلۈك ئالىي مەكتەپ قاتارىغا …
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ھەقلىق دەرس تولۇقلاش پاش قىلىش تېلېفون نومۇرىنى ئېلان قىلدى، ھەقلىق دەرس تولۇق…
      ·بۇ يىل شىنجاڭ ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلىرىگە 10500 ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىنىدۇ
      ·يەنىمۇ كۆپ چەت ئەل ئۇنىۋېرسىتېتلىرى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا جۇڭگونىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسىد…
      ·چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتۇش ئىسلاھاتى: ئاسپرانتلار ئوقۇشنى ئۈچ يىل توختىتىپ ئىگىلىك تىكلىسە بولىدۇ
      ·2015- يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى ئېلان قىلىندى