خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (ئالىم راخمان تەرجىمىسى) يازلىق تەتىل بالىلارنىڭ بەختلىك چاغلىرى، ئوقۇش بېسىمىدىن ۋاقتىنچە قۇتۇلۇپ، ھاياتىدىكى «تۇرمۇش»قا تەۋە ئاشۇ بىر قىسىم ۋاقىتتىن بەھىرلىنىدۇ. بەزىلەر تەنھەرىكەت بىلەن شوغۇللىنىدۇ، بەزىلەر تەبئىيەت بىلەن ئۇچرىشىدۇ، ۋە ياكى خىيال سۈرۈش، ئاپتاپقا قاقلىنىش دېگەندەك ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولىدۇ. يازلىق تەتىلنىڭ ئەھمىيىتى قانچىلىك نەتىجە ياكى ئىلگىرىلەش بىلەن ئەمەس بەلكى ئۆزىگە تەۋە ۋاقىتتىن ھوزۇرلىنىش، ئۆزى ياقتۇرىدىغان ئىشلارنى قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنى تېخىمۇ تولۇقلاشتا ئىپادىلىنىدۇ.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى