خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (ئالىم راخمان تەرجىمىسى) سۆرەتتە: قەشقەر شەھىرى ئۆستەڭ بويى كوچىسى، ھېيتكاھ جامەسى بويىدىكى ئاۋات كوچىغا جايلاشقان يۈز يىللىق كونا چايخانا
جۇڭگونىڭ جەنۇبىدىكى چاي دەرەخلىرى يوپۇرمىقى قەدىمىي يېپەك يولى ئارقىلىق ياۋروپا، جەنۇبىي ئاسىياغا تارقالغاندا، خۇشپۇراق چايلار قەدىمىي قەشقەردىمۇ كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن. چايخانا ئېچىش بەك پۇل تاپقىلى بولىدىغان كەسپمۇ ئەمەس. ياخشى كۆرگەنلىكتىن، مەمەت كېرىمنىڭ ئاتىسى ئۈچ يىل بۇرۇن تاقىلىپ قېلىشقا ئاز قالغان چايخانىنى ئۆتكۈزىۋالغان بولۇپ، كونا شەھەر رايونىنىڭ ئۆزگەرتىلىشى بۇ چايخانىغا يېڭى سودا پۇرسىتى ئېلىپ كەلدى. كونا شەھەردىكى ھېيتكاھ ۋە كېڭەيتىلگەن ئۆستەڭبويى كوچىسىغا جايلاشقان بۇ ۋەكىل خارەكتېرلىك بۇ قۇرۇلۇش، قەشقەردىكى ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان بىردىنبىر يۈز يىللىق ماركا بولغانلىقى بىلەن نۇرغۇن ساياھەتچىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلدى.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى