باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

شىنجاڭدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ بىر كۈنى(2)

2015.07.06 16:05   مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

شىنجاڭدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ بىر كۈنى(2)

  ئاتۇش شەھىرىدىكى پۇتبول مەشقاۋۇلى ئەكبەر سەلەي

  ئەكبەر سەلەي 2-ئىيۇل ئەتىگەن سائەت 7:00 دە سىرتقا چىقىشقا تەرەددۇتلاندى، ئۇ بايىلا قاتتىق ئۇخلاۋاتقان ئايالىنىڭمۇ ئويغىنىپ كەتكەنلىكىنى ئويلىمىغانىدى. ئايالى:

  ـــ بۈگۈن ھەجەپ بالدۇر تۇرۇۋاپسىزغۇ؟ ـــ دەپ سورىدى. ئەكبەر:

  ـــ 20-چېسلا ئاتۇش شەھەرلىك ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ پۇتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلمەكچى ئىدى، بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار ئازراق بەدەن قىزىتماقچىدى، مەن ئۇلاردىن بالدۇرراق بېرىشىم كېرەك، مەن بىلەن كارىڭىز بولمىسۇن، سىز داۋاملىق ئۇخلاۋېرىڭ، ـــ دېدى.

  شىنجاڭدىكى پۇتبول ماكانى دەپ نام ئالغان ئاتۇش بازىرىدا پۇتبولنى بىلمەيدىغان بىرمۇ كىشى بولمىسا كېرەك. ئەمما ئەكبەر سەلەي ئېكساق باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ تەكلىپلىك تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ ئۆزىنىڭ پۇتبولغا بولغان قىزىقىشىنى ئۆزى تەربىيەلەۋاتقان، پۇتبولغا قىزىقىدىغان بالىلارغا بېغىشلىغانىدى.

  كېرىيە ناھىيەسىدىكى دېھقان مەتتۇرسۇن مەتسەيدى

  2-ئىيۇل سەھەر سائەت 5:00 تە كېرىيە ناھىيەسى كۆكيار يېزا بوستانتېرەك كەنتىدە سۈبھى ئەمدىلا كۆتۈرۈۋاتاتتى. يېغىۋاتقان سىم-سىم يامغۇرمۇ توختاپ قالغانىدى، دېھقان مەتتۇرسۇن مەتسەيدى ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى. ئادەتتە ئۇ ھەركۈنى مۇشۇ چاغدا ئورنىدىن تۇراتتى. مەتتۇرسۇن مەتسەيدى يۈك ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ، ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى جاۋ ۋېيگو ئالاقىلىشىپ بەرگەن تېرە خوجايىنىنىڭ ئۆيىگە قاراپ ماڭدى. خوجايىن تېرىلەرنى بېسىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ يولغا چىقتى. ئۇ ھەر كۈنى بازار باشلىنىشتىن بۇرۇن بېرىپ بولۇش ئۈچۈن، چوقۇم سائەت 9:00 دىن بۇرۇن خوتەن شەھەرلىك توپ تارقىتىش بازىرىغا كېلىپ بولۇشى كېرەك ئىدى.

  ئۇ ئۈچ توننا تېرىنى چۈشۈرۈپ، سېتىۋالغۇچى بەرگەن 700 يۈەننى ئېلىپ، يەنە 150 يەشىك مېۋە بېسىپ كېرىيەگە ناھىيەسىگە ماڭدى. مۇشۇنداق بېرىپ-كېلىپ، ئۇ 1400 يۈەن پۇل تاپتى.

  بۇرچىن ناھىيەسىدىكى ساياھەت يېتەكچىسى چۇگرا نۇرلېبېك

  قازاق قىزى چۇگرا نۇرلېبېك 2-ئىيۇل ئەتىگەن سائەت 5:00 تە ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى. ئۇ ئۆيدىن چىقىپ ساقلاپ تۇرغان ساياھەتچىلەرنى باشلاپ ئاپتوبۇسقا چىقىپ، قاناس مەنزىرە رايونىغا قاراپ ماڭدى.

【1】 【2】 【3】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ھەقلىق دەرس تولۇقلاش پاش قىلىش تېلېفون نومۇرىنى ئېلان قىلدى، ھەقلىق دەرس تولۇق…
      ·بۇ يىل شىنجاڭ ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلىرىگە 10500 ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىنىدۇ
      ·يەنىمۇ كۆپ چەت ئەل ئۇنىۋېرسىتېتلىرى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا جۇڭگونىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسىد…
      ·چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتۇش ئىسلاھاتى: ئاسپرانتلار ئوقۇشنى ئۈچ يىل توختىتىپ ئىگىلىك تىكلىسە بولىدۇ
      ·2015- يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى ئېلان قىلىندى
      ·ئۆزبېكىستاندا 1400 كىلوگىرامدەك تۈرلۈك زەھەرلىك بۇيۇم كۆيدۈرۈلدى
      ·بېيجىڭدا يەنە 39 قانۇنسىز مەكتەپ بايقالدى
      ·ئىچكىردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى 20-ئىيۇن باشلىنىدۇ،2015-يىل…
      ·شىنجاڭدىكى 23 نەپەر مېيىپ ئوقۇغۇچىنىڭ ئىمتىھان ۋاقتىنى ئۇزارتىشقا رۇخسەت قىلىندى 
      ·ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشتى