خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 30-ئىيۇن، جۇڭخۇا خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي ئوركىستېر ئەترىتى روسىيە سانت -پېتىربۇرگنىڭ قىشلىق سارىيى ئالدىدىكى ئوردا مەيدانى ئالدىدا ئويۇن كۆرسەتتى. شۇ كۈنى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى 2-نۆۋەتلىك ئارمىيە ئوركېستىرلار بايرىمى سانكت پېتىربۇرگدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي ئوركىستېرلار ئەترىتى ۋە باشقا دۆلەتتىكى ھەربىي ئوركىستېرلار ئەترىتى بىلەن بىرلىكتە شەھەر خەلقى ۋە ساياھەتچىلەرگە بىر مەيدان ئېسىل ئويۇن كۆرسەتتى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لۇ جىنبو خەۋىرى)
مەنبە: خەلق تورى