خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ23-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نىياز راھمان خەۋىرى، فوتوسى : كۇچا ناھىيەلىك شىنخۇا كىتابخانىسى 19- ئىيۇن « ياخشى ئوقۇرمەنلەر» گە ھەقسىز كىتاب سوۋغا قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، 200 نەپەردىن ئاتۇق ياخشى ئوقۇرمەنلەرگە 13 مىڭ 750 يۈەن قىممتىدىكى 550 پارچىدىن تۈرلۈك ژانىردىكى ئەدەبىي ۋە پەن – تېخنىكا كىتابلىرى ،DVD پىلاستىنىكىسىنى تارقىتىپ بېرىپ، ئۇلارنى زىيانلىق نەشىر بيۇملىرىدىن يىراق تۇرۇپ، ساغلام بولغان مەدەنىيەت مۇھىيىنى يارىتىش ئىرادىسىگە مەدەت بەردى .پائالىيەت ئاخىردا ، ياخشى ئوقۇرمەنلەر « ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ يېتىلىشىگە كۆڭۈل بۆلۈپ، زىيانلىق نەشىر بۇيۇملىرىدىن يىراق تۇرايلى » تېمىسىدىكى پىلاكاتقا بەس – بەستە ئىمزا قۇيۇپ، ئۆزلىرىنىڭ « ئۈچ » قانۇنسىزلىققا قارشى تۇرۇشتىكى قەتئىيلىكىنى ئىپادىلىدى .
سۈرەتتە: « ياخشى ئوقۇرمەنلەر» گە ھەقسىز كىتاب سوۋغا قىلىش ۋە ئىمزا قۇيۇش پائالىيەتلىرىدىن كۈرۈنۈشلەر .
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى