خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 17-ئىيۇن، داڭلىق كىنو ئارتىسى ئاتاغلىق ناخشىچى چولپان رېن شىچى 2015-يىللىق جۇڭگو تەكلىماكاننى ئايلىنىش راللى مۇسابىقىسى باشلىنىدىغان جاي جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تۇنجى بېكىتى خوشۇت لاگېرىغا يېتىپ كەلدى، شۇنداقلا ئۇ تۇنجى بۇ نۆۋەتلىك تەكلىماكاننى ئايلىنىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان ماشىنا ماھىرى. 18-ئىيۇن ئەتىگەندە، رېن شيەنچى ماشىنىسىنى سىناشنى باشلىدى.
رېن شيەنچىي 2011-يىلى تەكلىماكاننى ئايلىنىش مۇسابىقىسىگە قاتناشقان، ئەينى يىلى ئۇنىڭ مۇسابىقىگە قاتنىشىشى دۆلەت ئىچى ـ سىرتىدىكى ماشىنا ھەۋەسكارلىرى ۋە ناخشا چولپانلىرىنى بىر مەيدان ھاياجانغا سالغان ئىدى. (ھەبىبە ئسىمائىل تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى