خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 17-ئىيۇن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك قاتناش سىستېمىسىدا تېرورلۇق، تۇتقۇن قىلىشقا قارشى مەشق ئىلىپ بېرىلدى، ئۈرۈمچىدىكى ئالاھىدە ساقچى، ئوت ئۆچۈرۈش داۋالاش ۋە قۇتقۇزۇش ئەترىتىدىكى ئالاقىدار بۆلۈملەرمۇ قاتناشتى. مەشق نەق مەيدانىدا، پىچاق كۆتۈرۈۋالغان ئۇنسۇر ئاپتوبوس بېكىتىدە ئاممىنى يارىلاندۇردى ھەمدە تۇتقۇن قىىش ئارقىلىق ئاپتوبوستا ساقچى بىلەن قارشلاشتى. ئالاھىدە ساقچى نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن پەيتنى تېپىپ، ئۈسكۈنە ئارقىلىق ماشىنىنى چېقىپ «ئۇنسۇر»نى كونتروللۇقىغا ئالدى ۋە تۇتقۇننى قۇتۇلدۇرۇپ چىقتى. داۋالاش ـ قۇتقۇزۇش ئەترىتىدىكىلەر يارىدارغا نىسبەتەن نەق مەيداندا قۇتقۇزۇش ئىلىپ باردى، ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتىدىكىلەر ئوت كەتكەن ماشىنىنىڭ ئوتىنى ئۆچۈردى.