خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (ئالىم راخمان تەرجىمىسى) ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 14-ئىيۇن خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگىلىيەدىكى ئەڭ ئەقىللىق دەپ سانىلىدىغان كامبىرج ئوقۇغۇچىلىرى ئانچە سالاپەتلىك بولمىغان شەكىلدە ئىمتىھان ئاخىرلاشقانلىقىنى تەبرىكلىگەن. 2000دىن ئارتۇق مەست ئوقۇغۇچى قەغەز ۋە پىلاستىر بىلەن «ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش قېيىقى» ياساپ، كامبىرج دەرياسىدا قولۋاق مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈپ، ياز مەۋسۈملۈك ئىمتىھان ئاخىرلاشقانلىقىنى تەبرىكلىدى.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى