خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ9 -ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:شۇيەر ۋاقتى 7-ئىيۇن، 1620- يىلدىن تارتىپ تاكى بۈگۈنگىچە داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان «بوۋاقلاردىن سەكرەپ ئۆتۈش بايرىمى» ئىسپانىيەنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى كىچىك بازاردا ئۆتكۈزۈلدى. بايرام مەزگىلدە، قۇرامىغا يەتكەن ئەرلەر بوۋاقنىڭ ئاتا - ئانىسىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن بوۋاقتىن سەكرەپ ئۆتىدۇ. بۇ بوۋاق بەدىنىدىكى ۋە بازاردىكى يامانلىقنى قوغلاشنى مەقسەت قىلغان. بۇ كىچىك بازارمۇ مۇشۇ بايرام سەۋەبلىك ئىسپانىيىدە نام چىقارغان.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى