خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (ئالىم راخمان تەرجىمىسى) يېقىندا Strongخەلقئارا كۆڭۈل ئېچىش مۇزىيى تۇنجى نۆۋەتلىك «دۇنيا مەشھۇر ئويۇنلار قامۇسى» تىزىملىكىدىكى ئويۇنلار تارىخىدا كىلاسسىك ھېسانلىنىدىغان 6ئويۇننى ئېلان قىلدى. تىزىملىككە كىرگە ئويۇنلار نەچچە ئون يىل مودا بولغان بولۇپ قالماستىن، ئوخشىمىغان ئويۇن سۇپىلىرىدا كىلاسسىك ھېسابلانغان، ھەتتا ئېلېكترونلۇق ئويۇن تارىخى، ئىجتىمائىي مودا مەدەنىيەتكە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن. Strongخەلقئارا كۆڭۈل ئېچىش مۇھىيىنىڭ تەسىر كۈچى كۈچلۈك ۋە باھالاش ئۆلچىمى قاتتىق بولغانلىقتىن، بۇ تىزىملىككە كىرىش زور شەرەپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئالتە ئويۇن «Pong»، «پۇرچاق يېگۈچى»، «سۇپېر مارىيو»، «روسىيە كېسەكلىرى»، «يوقاتقۇچى جەڭچى» ۋە «تىلسىمات دۇنيا» قاتارلىقلار.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى