باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ئارسلان(1)

قەيسەر قىيۇم

2015.05.28 11:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

بۆرە تەبىئىتىدىن ياۋايى، يىرتقۇچ ھايۋان. لېكىن ئاتاۋۇل بوۋاينىڭ بۆرىسى ئۇنداق ياۋايىلار تىپىدىكى بۆرە ئەمەس. تۈكلىرى كۆككە مايىل بۇ چىشى بۆرىنى ئاتاۋۇل بوۋاي ئۆزىگە ئوخشاشلا مېھرىبان بىر جان ھېسابلايتتى ھەم ئۆزىنىڭ مۇھىم بىر ئائىلە ئەزاسى دەپ قارايتتى. دېمىسىمۇ ئۆزى ۋە بۆرىدىن باشقا ئائىلىسىدە ھېچقانداق بىر جان بولمىغان ئاتاۋۇل بوۋاي مەيلى يېزىغا يانداش تاغقا ئوۋ ئوۋلىغىلى چىقسۇن ياكى كىشىلەر توپلاشقان سورۇنلاردا پاراڭلىشىپ ئولتۇرسۇن، ئۇ دائىم ئاتاۋۇل بوۋايغا ھەمراھ بولۇپ يۈرگىنى يۈرگەنىدى. كېچىلىرى ئاتاۋۇل بوۋاي ئۇيقۇغا كەتكەندە ئۇ ئۆزىگە ھويلىنىڭ بىر بۇلۇڭىغا ئەپلىكلا قىلىپ سېلىپ بەرگەن ئۇۋىسىدا سەگەكلىك بىلەن ھويلىنى ساقلاپ ياتاتتى. ئۇ بەئەينى سادىق بىر ئىتقا ئوخشاش ئاتاۋۇل بوۋاي ئۈچۈن كېچە-كۈندۈز خىزمەت قىلاتتى.
بۇ بۆرە كۈچۈك ۋاقتىدا يېزىغا ئېلىپ كېلىنگەندە، يېزىدىكىلەر ئاتاۋۇل بوۋايغا بىرمۇنچە تەنبىھ بەرگەنىدى. بىر يىلنىڭ ئالدىدىكى باش ئەتىياز مەزگىللىرى، ئاتاۋۇل بوۋاي قوش ئاتار مىلتىقىنى ئېلىپ ئوۋ ئوۋلىغىلى تاغقا چىقتى. ئۇ تاغ ئارىسىدا ئېدىرلىق ئارىلاپ ئىچكىرىلەپ كېتىۋېتىپ، بىر قىيالىق تۈۋىدىكى ئۆڭكۈر ئالدىدا توختاپ قالدى. ئۇ يەردە پۇتى قاق ئوشۇقىدىن ئۈزۈلۈپ قانسىراپ ئۆلگەن ئانا بۆرىنىڭ ئەتراپىدا، ئەمدىلا كۆزى ئېچىلغان بىر بۆرە كۈچۈكى غىڭشىپ ئايلىنىپ يۈرەتتى. ئاتاۋۇل بۇ كىچىك جاننى ئاۋايلاپ كۆتۈرۈپ ئېلىپ قوينىغا سالدى. ئۇ كۈنى ئۇ ئوۋ ئوۋلىمىدى. ئۇدۇل ئۆيىگە قايتىپ كەلدى. شۇ كۈندىن تارتىپ بۆرە كۈچۈكىنى يېڭى سۈت بىلەن بېقىپ يۈردى. ئۇنىڭغا تېخى ئادەملەرگە ئوخشاشلا «ئارسلان» دەپ ئىسىممۇ قويۇپ قويدى. لېكىن يېزىدىكىلەر ئۇنىڭغا تاپا قىلىشقا باشلىدى:
ـــ قاراپتۇر ئاتاۋۇل،ـــ دەيتتى ئۇلار،ـــ بۆرە ھامان بۆرىلىكىنى قىلىدۇ. بىركۈنى ئۇ قوتانلىرىمىزغا كىرىپ قويلىرىمىزغا چاڭ سالىدۇ. كىچىك بالىلارنىمۇ بنوش قويمايدۇ. ياخشىسى بالدۇرراق يوقىتىۋەت ئۇنى!
ھەتتا يېزىدىكى بىر قىسىملار بوۋايغا ئوقتۇرماي بۇ بۆرە كۈچۈكىنى يوقىتىۋېتىش نىيىتىدىمۇ بولدى. بۇنى سېزىپ قالغان بوۋاي بىر قېتىم ئۇلارغا تازا قاتتىق تەگدى.
ئارسلان چوڭىيىپ كۆزگە كۆرۈنۈپ قالغان مەزگىللەر ئىدى. بىر كۈنى سەھەرلىكى ئۇ قۇلاق ۋە ئېغىز-بۇرۇنلىرى قان يۇقى ھالدا كىرىپ كەلدى.
ـــ نېمە بولدى ساڭا ئارسلان،ـــ دېدى ئاتاۋۇل بوۋاي ئۇنىڭ ئالدىغا يېمەكلىك قويۇۋېتىپ،ـــ ھەي... شۇ بەچچىغەر ئىتلارمۇ سېنى پاتقۇزمايۋېتىپتۇ-دە.
ئارسلان ئاستا غىڭشىپ قويدى. ئۇنىڭ كۆزلىرىدە قانداقتۇ بىر غەزەپ ئۇچقۇنى ئوچۇق چاقناپ تۇراتتى.
ـــ ئاتاۋۇلكا،ـــ دېدى شۇ كۈنى بوۋاينىڭ قوشنىسى خەتىپ ئاچچىقلاپ،ـــ كېچە سېنىڭ ئارسلىنىڭ بىزنىڭ قوتانغا كىردى.
ـــ مەنمۇ كۆردۈم،ـــ دېدى مەسچىت ئىمامى ساۋۇر ئاتاۋۇل بوۋايغا كايىپ،ـــ بامداتقا تاھارەت ئالغىلى سىرتقا چىققانىدىم، كۆزۈم تاغدا يانباغىرلاپ يۈگۈرۈپ كېتىۋاتقان بىر نەرسىگە چۈشتى. قارىسام نەق شۇ سېنىڭ ئارسلىنىڭ. نېمەدېگەن گەپ بۇ، ئاتاۋۇل، يوقات دېسەك ئۇنىمىدىڭ ئۇنى. ئالدىدا يەنە بىر بۆرە يۈگۈرۈپ كېتىپ بارىدۇ تېخى. دېسەم-دېمىسەم مۇشۇ بۆرىنىڭ شېرىكى ئۇ.
ـــ بىزنىڭ ئارسلان ئۇنداق قىلمايدۇ،ـــ دېدى ئاتاۋۇل بوۋاي ئارسلاننى ئاقلاپ،ـــ سەنلەر ئۇنى كۆرەلمەيسەن. ئەگەر ئۇ قوتىنىڭنى ياۋا بۆرىلەردىن ساقلىغان بولسىچۇ؟ ھويلىغا كىرىپ قاراپ باق، ئەپتىدىن بىرەر يىرتقۇچ بىلەن ئېلىشقاندەك ھەممە يېرى يارا، قان يۇقى!
دېمىسىمۇ مۇشۇ كۈنلەردە بىر بۆرە يېزىغا پاراكەندىچىلىك سېلىپ يۈرەتتى. ھەممەيلەن بۇنى ئاتاۋۇل بوۋاينىڭ بۆرىسى دەپ قارايتتى. مانا ئەمدى يەنە بىر بۆرىنىڭ گېپى چىقىۋېدى، «ئاتاۋۇلنىڭ بۆرىسىنىڭ يەنە بىر شېرىكى بار ئىكەن» دېگەن گەپ تارقالدى. ئاتاۋۇل بوۋاي ئارسلاننىڭ ئۇنداق قىلىشىغا ئىشەنمىسىمۇ، لېكىن كۆڭلىنىڭ بىر يەرلىرىدە يەنىلا خاتىرجەم ئەمەس ئىدى. ئارسلاننى ئەپقېچىپ ئاداشتۇرۇۋېتىپ كېلىش كېرەكمۇ-يە؟ بۇنداق قىلىشقا كۆڭلى ئۇنىمايتتى. چۈنكى نېمىلا دېگەن بىلەن ئۇنىڭ بىلەن بىر يىلدەك بىللە بولدى، مېھرىمۇ چۈشۈپ قالدى. ئارسلانمۇ ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلايدۇ، دېگەن گەپلىرىنى چۈشىنىدۇ، تەبىئىتىدىن زادىلا ياۋايىلىقى چىقمايدۇ ئەمەسمۇ.
ئاخىرى ئارسلاننىڭ ئۆزى ئۇنىڭ كۆڭلىدىكى تۈگۈننى يېشىپ، يېزىدىكىلەرنىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلىدى.
كېچىچە سەگەك ياتقان خەتىپ خوراز قىچقارماستا ھويلىسىدا نېمىنىڭدۇر شىپىرلىغان شەپىسىنى سېزىپ قالدى. «چوقۇم يەنە شۇ ئاتاۋۇلكامنىڭ بۆرىسى» دەپ ئويلىغان خەتىپ ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپ دېرىزە تۈۋىگە كېلىپ قارىۋىدى، باشقىلا بىر بۆرە قوتان تەرەپكە قاراپ شىپىرلاپ يېقىنلىشىۋېتىپتۇ. خەتىپنىڭ كۆزلىرى چەكچىيىپ كەتتى. ياۋا بۆرە! ئۇ قولىنى ئاسقىدىكى دادىسىدىن قالغان كونا ئوۋ مىلتىقىغا ئۇزاتتى. شۇ ئارىدا تۇيۇقسىز ھويلىدا ئارسلان پەيدا بولۇپ قالدى. «دېمىدىممۇ، شېرىكىنى كۆرۈپ ئۇمۇ كىردى. خەپ توختا، ھەر ئىككىڭنى بىر جايلىمىسام!» ئەمما ئۇ غۇۋا ئاي يورۇقىدا ئارسلاننىڭ كۆزلىرىدىن چاقناپ تۇرغان ۋەھىمىلىك غەزەب ئۇچقۇنىنى كۆرۈپ توختاپ قالدى. ھويلىدا ئىككى بۆرە ئەشەددى تالىشىپ كەتتى. قوتاندىكى قويلار دۈپۈرلەيتتى. خەتىپ ئىشنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغىنىنى بىلىش ئۈچۈن دېرىزە تۈۋىدە ئۇلارغا تىكىلىپ تۇرىۋەردى. «يائاللا، نېمە ئالامەت بۇ. يەنە بىر بۆرە كىرىپتۇغۇ؟» خوتۇنى خەتىپنىڭ يېنىغا يېقىنلىشىۋېدى، خەتىپ جىم بولۇشقا ئىشارە قىلدى. ئارىدىن ھېچقانچە ئۆتمەيلا سۈر رەڭلىك ياۋا بۆرە تالاغا قاراپ قاچتى. ئارسلان ئۇچقاندەك چاپقىنىچە ئۇنىڭ كەينىدىن قوغلاپ چىقىپ كەتتى.
شۇ كۈنى ساۋۇر ئىمام ئاتاۋۇل بوۋايغا سەھەردە ئارسلاننىڭ يەنە بىر بۆرە بىلەن تاغقا قاراپ چېپىپ چىقىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرگەنلىكىنى ئېيتىپ كايىۋىدى، خەتىپ شۇ يەردىلا ئۇنىڭ گېپىنىڭ بېلىگە تەپتى:
ـــ كېچە ئۇ بىزنىڭ ھويلىغا كىرگەن ياۋا بۆرىنى قوغلاپ چىقىپ كەتكەن. ئۇ بىزنىڭ قوتاندىكى قويلارنى ساقلاپ قالدى!
شۇ كۈنى تاغقا قۇرۇق ئوتۇن ئالغىلى چىققان بىرەيلەن تاغ باغرىدا بىر ياۋا بۆرىنىڭ ئۆلۈكىنى ئۇچراتقانلىقىنى ئېيتىپ كەلدى. خەتىپ بېرىپ كۆرۈۋىدى، دەل كېچە ھويلىغا كىرگەن ياۋا بۆرە بولۇپ چىقتى. مانا شۇ كۈندىن تارتىپ ھېچكىممۇ ئاتاۋۇل بوۋايغا «بۆرەڭنى يوقىتىۋەت!» دېمەيدىغان بولدى. بوۋاينىڭمۇ كۆڭلى پاللىدە يورۇپ، ئارسلاندىن پەخىرلىنىپ، كىشىلەر توپلاشقان سورۇنلاردا ئۇنىڭدىن ماختىنىپ يۈردى. شۇندىن كېيىن يېزىمۇ بۆرە ۋەھىمىسىدىن قوتۇلدى.
يېزىنىڭ قاق بېلىنى كېسىپ ئۆتىدىغان مۇنۇ ئۆستەڭ سۈيىنىڭ تاغنىڭ قەيىرىدىن باشلىنىپ ئېقىپ كېلىدىغانلىقىنى ھازىر يېزىدىكىلەردىن ئاتاۋۇل بوۋايدىن باشقا ھېچكىممۇ بىلمەيدۇ ھەم بىلىشنىمۇ خالىمايدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئۇزاق زامانلاردىن بېرى داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان بىر خىل تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى بىلەن ئاۋارە. لېكىن ئارسلان مۇنۇ ئىككى-ئۈچ يىل ئىچىدە ئاتاۋۇل بوۋايغا ئەگىشىپ يۈرۈپ كىرمىگەن دالا، ئېدىرلىرى قالمىدى. ئاتاۋۇل بوۋايمۇ گويا ئۇنى ئەتىۋارلىق نەۋرىسىدەك كەينىدە ئەگەشتۈرۈپلا يۈردى. يېزىدىكىلەرمۇ ئارسلانغا شۇنچىلىك ئىچىكىپ كەتكەن ئىدى. ئاتاۋۇل بوۋاي ئۇنىڭغا بارلىق ئىچكى سىرىنى تۆكەتتى. بۇرۇن بېشىدىن ئۆتكەن ئىشلارنى، ياش، قىران چاغلىرىنى، ھېكايە قىلىپ ئېيتىپ بېرەتتى. ئارسلان گويا ئۇنىڭ ھەممىلا گەپلىرىنى چۈشىنىدىغاندەك، كۆزلىرىنى مۆلدۈرلۈتۈپ ئۇنىڭغا تىكىلگىنىچە جىممىدە ئولتۇراتتى. بەزىدە قىسقا-قىسقا غىڭشىش بىلەن ئۇنىڭغا كۆڭلىدىكى ھېسسىياتىنى ئىپادىلەيتتى. ئاتاۋۇل بوۋاي ئۆز ئايالى ۋە ئېغىر كېسەلگە دۇچار بولۇپ داخان ئوقۇپ ساقايتالماي ئۆلۈپ كەتكەن ئوغلىنى تىلغا ئېلىپ سۆزلىگىنىدە، ئارسلان بۇ گەپلەرنى ھېچقانداق تىۋىش چىقارماي زەن قويۇپ ئاڭلايتتى. ھازىر يېزىدىكىلەرمۇ ئارسلانغا يېزىنىڭ بىر ئەزاسى سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىپ پاراڭ قىلىپ قوياتتى. بەزىدە تېخى ئۇنىڭغا چاقچاق قىلىدىغانلارمۇ چىقىپ قالاتتى. ھەممىدىن بەكرەك ھېزىم «ئامانبول»نىڭ مەست بولۇپ قېلىپ كوچىدا ياتقىنىدا، ئارسلاننىڭ ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى قۇسۇقلارنى يالاپ يۈرگەن لالما ئىتلارنى ھەيدىۋېتىپ، ئۇنى سۆرەپ، تارتقۇچلاپ ئىشىك ئالدىغا ئەكىلىپ قويغىنى، كېيىن ئايالىنىڭ بالىلىرى بىلەن ھېزىم «ئامانبول»نى قانداق قىلىپ ئۆيىگە ئېلىپ كىرىپ كەتكىنى ھەر خىل لەتىپىلەر بىلەن يېزىنى كېزىپ يۈرەتتى.
ئارسلاننىڭ بەختلىك كۈنلىرى ئۇزۇنغا بارمىدى. ئەتىيازدا تاغقا ئوۋغا چىقىپ ئۆزىگە سوغ تەگكۈزگەن باھانە بىلەن ئورۇن تۇتۇپ ياتقان ئاتاۋۇل بوۋاي بىر كۈنى سەھەردە بۇ كەڭرى ھويلىنى ئارسلانغا يالغۇز تاشلاپ قويۇپ ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلىپ كەتتى. ئارسلانغا چۈشكۈنلۈك يەتتىمۇ ياكى بوۋاينىڭ ئۆلۈمى ئېغىر كەلدىمۇ، ئۇ خۇددى مىسكىن ھازىدارغا ئوخشاش جىمىپلا كەتتى. بوۋاينى يەرلىككە قويىدىغان چاغدا ئۇ ھېچكىمنى جەسەت يېنىغا يېقىن كەلتۈرمىدى. خەتىپ ياش يۇقى كۆزلىرىنى ئارسلانغا سۈركەپ تۇرۇپ ئاتاۋۇل بوۋاينىڭ ئۇنىڭدىن مەڭگۈلۈككە ئايرىلىپ ئۇ دۇنياغا كېتىپ قالغىنىنى ئېيتىۋىدى، ئۇ ئېغىردىن-ئېغىر ھۇۋلىغىنىچە كەينىگە گۈپپىدە يىقىلدى. جامائەت بۇ مەنزىرىنى كۆرۈپ «توۋۋا!» دېگىنىچە ياقىلىرىنى تۇتۇشتى. شۇ كۈنى ئارسلان كېچىچە ھۇۋلاپ چىقتى. پۈتۈن يېزىنى ۋە يېزىدىكىلەرنىڭ كۆڭلىنى ۋەھىمە، مۇسىبەت قاپلىدى. شۇ كۈندىن باشلاپ ئارسلان ئاتاۋۇل بوۋاينىڭ قەبرىسى بېشىدا كۆپرەك پەيدا بولۇپ قالىدىغان بولدى. يېزىدىكىلەر ئۇنىڭ قەبرىنى تىلغاپ جەسەتنى ئېچىپ قويۇشىدىن ئەنسىرەيتتى. لېكىن ئارسلان ئۇنداق قىلمىدى. ئۇ كۆپ چاغلاردا خەتىپ ئەكىرگەن تاماقنى ئۈن-تىنسىزلا يەيتتى-دە، ئاتاۋۇل بوۋاي بۇرۇن ياتقان ئورۇنغا چىقىپ جىممىدىلا يېتىۋالاتتى.
كۈنلەر شۇنداق ئۆتۈۋەردى. يېزىدىكىلەرمۇ ئۆز ھەلەكچىلىكى بىلەن بۇ ئىشلارنى گويا ئۇزاق زامانلار ئىلگىرى يۈز بەرگەندەك ئاستا-ئاستا ئۇنتۇپ قېلىشتى. ئۇلار پەقەت باشلىرى سالپايغان ئارسلاننى كۆرگەندىلا ياقىلىرىنى تۇتۇشۇپ ئاتاۋۇل بوۋاينى ئەسلىشەتتى. بوۋايغا سادىق بۇ بۆرىنىڭ تەرىپىنى قىلىشاتتى. ئاتىسىدىن ئايرىلغان يېتىم بالىدەك جىمىپ كەتكەن ئارسلانمۇ يېزا يوللىرىدا ئاندا-ساندا پەيدا بولۇپ قالمىسا، كۆپىنچە ھاللاردە ئاتاۋۇل بوۋايدىن قالغان شۇ ھويلىدا بولاتتى.
جاھان ئىللىپ يول بويىدىكى دەرەخلەر ئەمدىلا پوتلا چىقىرىشقا باشلىغان بىر ئەتىگەنلىكى ماش رەڭلىك بىر جىپ ماشىنا يېزا باشلىقىنىڭ ئاددىيغىنە ئىشخانىسى ئالدىغا كېلىپ توختىدى. ماشىنىدىن بىر-بىرىدىن ۋىجىك ئۈچ ئادەم چۈشۈپ باشلىق ئىشخانىسىغا كىرىپ كەتتى. ئەتىسى يېزىدىكىلەر يۇقىرىنىڭ يېزىغا بىر مۇئاۋىن باشلىق ئەۋەتكەنلىكىدىن خەۋەر تاپتى.
ـــ ھەي مۇشۇ كۈنلەردە نېمە ئىشلار بولۇپ كېتىۋاتىدۇ زادى؟ـــ دېدى ساۋۇر ئىمام كەچقۇرۇن مەسچىت يېنىدىكى كونا كۆتەك قېشىدا پاراڭلىشىپ ئولتۇرغان كىشىلەرنىڭ گېپىگە قوشۇلۇپ،ـــ باشلىقلارنىمۇ بىر يىللىق، ئىككى يىللىق دەپ بېكىتىدىغان بوپتۇ. ئاڭلىسام بۇ يېڭى كەلداخۇنمۇ بۇ يەردە ئىككى يىل باشلىقلىق قىلىدىكەن.
ـــ جىم كېلىپ جىم كەتسىلا مەيلىتىغۇ،ـــ دېدى دۇكان ئاچىدىغان كامال ئۇنىڭ گېپىگە ئۇلاپلا،ـــ ئاشۇ ئىككى يىللىق ۋاقىتنى غەنىمەت بىلىپ قىلىدىغىنىنى قىلمىسىلا...
ـــ ئەنە ئۇ باشلىق كەلدى،ـــ دېدى توپ ئىچىدىكى بىرەيلەن تۇيۇقسىز ۋارقىراپ.
يېزىغا يېڭى كەلگەن باشلىق دەرۋەقە ئۇلار ئولتۇرغان تەرەپكە قاراپ كېلىۋاتاتتى. ئۇنىڭغا يېزا باشلىقى بىلەن بوغالتىر ھەمراھ ئىدى. ئۈچەيلەن باشلىرىنى يېنىك لىڭشىتىپ قويۇپ ئۇلارنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كەتتى. قارىغاندا يېزا باشلىقى ئۇنىڭغا بۇ يەرنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇۋاتقاندەك قىلاتتى.
【1】 【2】 【3】 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر