باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

كالا ۋەقەسى(1)

قەيسەر قېيۇم

2015.05.28 10:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

يېزىنىڭ ئوڭغۇل-دوڭغۇل توپىلىق يولىدا ئېشەكنى ئۆزىنىڭ مېڭىشىغا قويۇۋېتىپ ھارۋا ئۈستىدە چۆكۈپ ئولتۇرغان ساۋۇتئاخۇن چوڭقۇر خىيالغا پاتقانىدى. ئۇنىڭ ھارۋىسىنىڭ كەينىگە باغلانغان نەسىللىك كالىسى ھارۋا مېڭىشى بىلەن تەڭ پۇتلىرىنى ئالدىرىماي يۆتكەپ كېتىپ باراتتى.
بۇ يول ئۇدۇل مەھەللىگە تۇتىشاتتى.
يولنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى سالا ئېتىزلاردا بۇلۇق پىشقان بۇغدايلار سەھرانىڭ ئىللىق شامىلىدا ئالتۇنرەڭ دېڭىزدەك يېنىك تەۋرىنىپ دولقۇن ياسايتتى. ئاشۇ يېنىك دولقۇنلار ئارىسىدا بىر نەچچە كىشى بېرىلىپ ئورما ئورۇۋاتاتتى. يىراقتا يەنە بىر كومبايىنمۇ بۇ ئالتۇن رەڭ دېڭىز دولقۇنلىرىدا ئۈزۈپ يۈرەتتى.
ساۋۇتئاخۇننى ئوخشىغان بۇغدايلىقمۇ، گۈرۈلدەپ ئۈزۈپ يۈرگەن كومبايىنمۇ ئۆزىگە تارتالمىدى. ئۇ پەقەت شۇ بىر خىل ھالەتتە قاپاقلىرىنى سېلىپ كۆزلىرىنى يۇمغىنىچە جىمجىت خىيال قىلىپ كېتىپ باراتتى.«ئەگەر ئۇ ئەركەك بولۇپ قالسا-ھە» دەيتتى ئۇ ئۆز-ئۆزىگە ئاستا شىۋىرلاپ.
-ھوي ساۋۇتكا، قاياقتىن كېلىۋاتىسىز؟
تۇيۇقسىز بۇغدايلىق ئارىسىدىن چىققان بۇ ئاۋاز جىمجىت خىيال بىلەن كېتىپ بارغان ساۋۇتئاخۇننى چۆچۈتۈۋەتتى. ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ بۇغدايلىق ئارىسىغا قاراپ ھومايدى. قويۇق بۇغدايلىق ئارىسىدىن ئۆڭى قارا، 40 ياشلار چامىسىدىكى، قولىغا ئوغاق تۇتۇۋالغان، ئېگىز بىر ئادەمنىڭ گەۋدىسى كۆرۈندى. ئۇنىڭ ئۈستىگە كىيىۋالغان بوز كۆينىكى سۇغا سېلىپ ئېلىۋالغاندەك تەر بىلەن ھۆللەنگەنىدى.
-ھە... سىزمىدىڭىز ماخمۇت،-دېدى ساۋۇتئاخۇن كەنت باشلىقىنى تونۇغاندىن كېيىن ئېغىر بىر نەپەس ئېلىۋېلىپ،-مېنى تازا چۆچۈتۈۋەتتىڭىزدە ئۇكام.
-ھاھ، ھاھ، ھاھ! ... قاراڭ سىزنى، قېرىغانسېرى تولا خىيالغا بېرىلىپ قورقۇنچاق بولۇپ كېتىپسىز،-ماخمۇت ئۇنىڭغا چاقچاق قىلدى.
-ئۇكام، ئوبدان كۈنلەر كېلىۋاتسا خىيال قىلماي تۇرالمايمىزدە، ھى، ھى، ھى...،-ساۋۇتئاخۇن ئۆزىنىڭ سۆزىگە ئۆزى مەززە قىلىپ كۈلدى.
-راست دەيسىز ساۋۇتكا، بۇ يىل بۇغدايلىرىڭىز تازا ئوخشىدى-دە، ھوسۇل دېگەن مۇشۇنداقلا ئوخشاپ بەرسە ئىككى يىلدىلا لەپپىدە كۆتۈرۈلۈپ باي بولۇپ كېتىشىڭىزدە گەپ يوق.
-ئا-ھاي، ئۇكام، نەلەرگە كەتتىڭىز؟ مەن بۇلارنى دەۋاتقىنىم يوق. مانا ماۋۇ ئالاتاۋۇسكى سېيىرىمنى كۆردىڭىزمۇ؟ بايلىق دېگىنىڭىز مۇشۇنىڭ قورسىقىدا...
ئېغىز دېگەننىڭ ھەقىقەتەنمۇ تورمۇزى يوق ئىكەن. ساۋۇتئاخۇن بۇ گەپلەرنى دەپ بولۇپلا تۇرۇپ قالدى. ئۇ ئارتۇق گەپلەرنى دەۋېتىپ قالغانلىقىنى سېزىپ قالغانىدى. لېكىن ئەمدى ئامال قانچە؟ شۇ ئېغىزنىڭ ئىتتىكلىكى... دېگەن گەپنى مىڭ قىلغان بىلەنمۇ قايتۇرۇپ ئالغىلى بولمايدۇ-دە.
كەنت باشلىقى ئۇنىڭ گەپلىرىنى دەماللىققا چۈشىنىپ كېتەلمىگەن ئوخشايدۇ، ئۇ ئالاتاۋۇسكى كالىغا سىنچىلاپ قارىدى. ھېچقانداق ئۆزگىرىش يوق، يەنىلا شۇ بۇرۇنقى كالا. ئەمما ئۇنىڭدا بىر گەپ بار. شۇنىڭ بىلەن ئۇ كالىغا تېخىمۇ قىزىقتى.
-ساۋۇتكا، كالىڭىزنىڭ ئىچىدىن دېڭىزىيا چىقمايدىغاندۇ؟
-ھى، ھى، ھى، دېڭىزىيا دەمسىز ئۇكا. شۇنداق، شۇنداق... چاقچاق قىلىپ قويدۇم ئۇكا.
لېكىن ساۋۇتئاخۇننىڭ يالغان ئېيتقانلىقى دەرھال يۈزىگە تەپتى. ئۇ دەرھال ئىشەكنىڭ يۈرىشىنى ئىتتىكلىتىپ يۈرۈپ كەتمەكچى بولدى.
-ھەي، ساۋۇتكا، سىزمۇ-زە، تازا قىزىل كۆز بولۇپ كەتتىڭىزمۇ نېمە؟ كىچىككىنە مەنپەئەت چىقىپ قالسا كىشىدىن قىزغىنىپ...،-ماخمۇت رەنجىگەندەك چاقچاق قىلدى،-كالىڭىزنىڭ ئالتۇن تۇغىدىغان خىسلىتى بارمۇ يە دېگىلى بولمايدىغان؟
-نەدىكى گەپلەرنى دەپ يۈرىسىز ئۇكام، ھەي... بوپتۇلا، دېسەم دەي. لېكىن باشقا بىرسىگە تىنىپ سالماڭ. ماڭىغۇ مەيلى، لېكىن «ئاش بەرگەن قازانغا توپا چېچىپتۇ» دېگەندەك ئۇنىڭغا ئۇۋال بولمىسۇن.
-ئۇنداق يېرى بولسا بوپتۇ ساۋۇتكا، مەنمۇ سورىمىدىم. ئەمما كىچىك بالىدەك ماڭا ئىشەنمىگىنىڭىزگە ھەيرانمەن.
-سىزگە ئىشەنمىگىنىم ئەمەس، ھەي....ئاخىرى دەۋېتىدىغان بولدۇمدە. بۇ كالىنى بايام ئالتۇن تۇغامدۇ دەپ كۈلدىڭىز. دەل شۇنداق، خۇدايىم بۇيرۇسا بۇ يىل كەچكۈزگە قالماي چوقۇم ئالتۇن تۇغىدۇ.
-ۋاي-ۋۇي ساۋۇتكا، شۇنىمۇ مەخپىيەتلىك دەپ ئادەمنى كولدۇرلاتقان بارمۇ؟ كالىنى ئۇرۇقلاندۇرۇپ كەلدىم دېسىڭىز بولمامدۇ، نەسلى قانداق؟
-ھېچكىمگە تىنماڭ ئۇكام، بۇ يىل ئەتىيازدا بىڭتۇەنگە ئاپىرىپ شىۋىتسىيەنىڭ دەمدۇ، گوللاندىيەنىڭ دەمدۇ، ئەيتاۋۇر ھېلىقى يېڭى ئەكەلگەن نەسىللىكىگە سالدۇرغانىدىم، ھى، ھى، ھى، بۈگۈن ئاپىرىپ تەكشۈرتۈپ كېلىشىم.
-نېمە دېدىڭىز؟!- بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ كەنت باشلىقىنىڭ چىرايلىرى تۇتۇلغاندەك بولدى،-بىڭتۇەننىڭ ھېلىقى نەسىللىك بۇقىسىغا دېدىڭىزما؟!
-ھەئە شۇنىڭغا، ھوي، سىزگە نېمە بولدى، چىرايلىرىڭىز بىر قىسمىلا بولۇپ كەتتىغۇ؟ كۆرەلمەسلىك قىلمايۋاتقانسىز-ھە؟
-ياقەي، ساۋۇتكا ...كىم ئۇرۇق سالغۇزۇپ بەردى؟
-ھېلىقى شاپ بۇرۇت كېۋىرجانچۇ، بۇقىغا شۇ قاراۋاتقان ئىكەن. يۈز سوم پۇلنى شاراققىدە ساناپ كۆزىدە ئوينىتىۋېدىم، كاساپەت شۇ زامان ئىندەككە كەلدى.
-ھە، ئىشنىڭ يولى ئەسلى مۇنداقكەندە،-ماخمۇت شۇنداق دېدى-دە، ساۋۇتئاخۇن بىلەن خوشلاشمايلا مەھەللە تەرەپكە قاراپ ئالدىراپ ماڭدى.
-ھوي ئۇكام، نەگە ئالدىرايسىز، توختاڭ. ماۋۇ ھارۋىغا چىقىۋېلىڭ!- ساۋۇتئاخۇن شۇنداق دېگىنىچە ئۇنىڭ كەينىدىن ئىشەككە قامچا سالدى. «ھەي، تازا قىزىق كىشىدە بۇ، يېزىمىزغا شۇنداق ياخشى نەسىللىك كالا تېپىپ بېرىۋاتسام خۇشال بولماي تۇتۇلۇپ كەتكىنىنى، ئىچى كۆيدى ھەقاچان بۇنىڭ...»
ئۇ ئەمدى ئىشەكنى تېز-تېز مېڭىشقا ھەيدەپ قامچىسىنى ئىشەكنىڭ بېشىدىن ئايلاندۇرۇشقا باشلىدى. ئىشەكنىڭ ئىتتىكلىشى بىلەن ئالاتاۋۇسكى سېيىرمۇ ئېغىر گەۋدىسىنى سۆرەپ قەدىمىنى ئىتتىكلەتتى.
-ھە دادىسى، قايتىپ كەپتىلىغۇ،-ساۋۇتئاخۇن ھويلىغا كىرىپ كېلىشى بىلەن ئايالى ھاۋاخان ئالدىغا چىقتى،-قانداق، خۇش خەۋەر بارمۇ؟
-قېنى قېنىق بىر چاي دەملىگىنە خوتۇن، يولدا كەلگىچە ئۇسساپ ئۆلەي دېدىم. ۋاھ، ئەجەپ ئىسسىدا بۈگۈن.
-قانداق، كالىمىز بوغاز بولغاندەكمۇ ئۆزى؟
-ھى، ھى، ھى..
-ۋاي-ۋۇي، خۇددى كىچىك بالىدەك خۇشالغۇ ئۆزلىرى. قېنى چاپسانراق ئېيتسىلارا.
-ئۇنىڭدىن غەم يېمە خوتۇن. بىزگە بەخت قۇشى قونىدىغان بولدى. ھى، ھى، ھى... ھەي جۈمە ۋاقتى بولۇپ قاپتۇ-غۇ. بولدى، بولدى، چېيىڭ ھازىرچە تۇرۇپ تۇرسۇن، جۈمەگە چىقىپ كىرەي.
ساۋۇتئاخۇن ھويلىغا تىك چۈشكەن كۈنگە قاراپ ئالدىراپ سۇپا ئۈستىدىكى چۆگۈننى قولىغا ئالدى-دە، تاھارەت ئالغىلى ئۆينىڭ كەينىگە ئۆتۈپ كەتتى.
* * *
ساۋۇتئاخۇن جۈمە نامىزىنىڭ ئاخىرىدا يەنە شۇ كالىسىنىڭ ئەركەك موزاي تۇغۇشىنى تىلەپ دۇئا-تىلاۋەت ئوقۇپ، مەسچىتتىن قايتىپ چىقتى. «ھەممىگە قادىر ئاللا ئىگەم، ئەگەر شۇ كالامنىڭ موزىيىنى ئەركەك قىلىپ ياراتسا ئىدى،-دەيتتى ئۇ يول بويى ئۆز-ئۆزىگە ئاستا شىۋىرلاپ،-مەن ئۇنى ھېچقانچە قىينالمايلا ئون مىڭ تەڭگىگە ساتاتتىم-دە، ھەي، ئۇ چاغدا ئەشۇ قادىرنىڭ كۆزلىرىدىن ئوت چىقىپ ...»
لېكىن ئۇ تۇرۇپلا ئۆزى ئۈچۈن كۆڭۈلسىز خىياللارنىمۇ قىلىپ قالاتتى. «ئەگەر ئەركەك بولماي قالسىچۇ، ھەي ئۇ چاغدا،-ئۇ بۇنداق خىياللارنى كاللىسىدىن قوغلاپ ئۆزىگە تەسەللى بېرەتتى،-چوقۇم ئەركەك بولىدۇ. شۇنداق بولسۇن ئىلاھىم... توۋا، بۇ ھۆكۈمەتنىڭ ئۇرۇقلاندۇرغان سېيىرلىرى ساپلا چىشى تۇغۇۋېتىپتۇ، ئەجەپ ئىش ھە؟ خۇدانىڭ ئىرادىسى بىلەن...»
-ساۋۇتئاخۇن، بۈگۈن بۆلەكچە خۇشالغۇ سىلى؟
ئۇنىڭ كەينىدىن كالىچىنىڭ سۇڭىغا دەسسەپ شاپاشلاپ كەلگەن قادىرئاخۇن ئۇنىڭ خىياللىرىنىڭ بېلىگە تەپتى.
-بۈگۈن خۇشال بولماي قاچان خۇشال بولاي قادىرئاخۇن!؟- دېدى ساۋۇتئاخۇنمۇ ئۇنىڭ گەپلىرىگە جاۋابەن كۈلۈپ تۇرۇپ.
-قانداق ئىشلاركىن ئۇ ئۆزلىرىنى بۇنچىۋالا خۇشال قىلغان؟ قېنى ئېيتسىلا، بىزمۇ سىلىگە قوشۇلۇپ تەڭ خۇشال بولىلى...
-بىزنىڭ ئەشۇ ئالتاۋۇسكى كالىمىز بولمامدۇ. مەن ئۇنى...،-ئۇ يەنە بىر قېتىم ئاغزىنى تۇتتى.ئاپلا، بۇنداق ئىش دېگەننى ئۇچرىغانلا كىشىگە ئېيتسا بولمايدۇ-دە.
-نېمە، ئۇنى سېتىۋەتتىڭىزمۇ؟ ھەي ئىسىتەي، ماڭا دېگەن بولسىڭىزچۇ، مېنىڭ ئۇ نەسىللىكىڭىزنى قەۋەتلا سېتىۋالغۇم بار ئىدى-دە.
-ياق ساتقىنىم يوق، مەن ئۇنى... ھەي بولدىلا...
قادىرئاخۇننىڭ كۆزلىرى دەرھاللا ئۇنىڭ بىر سىرنى ئۆزىدىن يوشۇرۇۋاتقانلىقىنى سېزىپ ئالدى. ئۇ ساۋۇتئاخۇننىڭ ساددىلىقىنى بىلەتتى. شۇنىڭ بىلەن كانىدەك ئۇنىڭغا يېپىشتى.
تىلىنىڭ ئىتتىكلىكى ئاخىرى ساۋۇتئاخۇننى ھەممىنى باشتىن-ئاخىر سۆزلەتكۈزدى.
-پاھ، كارامەت ئىش بوپتۇ-دە، بۇ،-دېدى قادىرئاخۇن ھەيران بولغىنىنى يوشۇرماي،-راستلا ئېپىڭىز باردە سىزنىڭ. ئۇنىڭ نەسلى تارقىلىپ كەتمىسۇن دەپ شەخسلەرگە ئۇنىمىۋىدى، ئۇ كېۋىرجان شاپ بۇرۇتنى بىر ئەپلەپسىز جۇمۇڭ. ئەگەر موزاي ئەركەك بولۇپ قالسا... مېنىڭچە بۇنىڭغىمۇ ئاللىقاچان چوت سوقۇپ بولغانسىز.
-ساتىمەن شۇ، ئۇنى بورداپ سوقۇم قىلاتتىممۇ.
-ساتماقچى ئىكەنسىز-دە، خى، خى، خى. بولدى خېرىدار ئىزدىمەيلا قويۇڭ، مانا مەن خېرىدار بولاي، ئەركىكىگە...
-خۇدايىم بۇيرۇسا مەنمۇ ئەركەك بولار دەيمەن.
【1】 【2】 【3】 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر