باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

زېمىننىڭ ھېكايىسى(1)

قەيسەر قىيۇم

2015.05.28 09:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

كىشىلەر تاغلارنى زېمىن كۆكسىدىن ئۆركەشلەپ چىققان دولقۇن دېيىشىدۇ. مەن بۇنى بوۋاملار ياشىغان ئاشۇ ئالقانچىلىك زېمىننى ئوراپ تۇرغان تاغلارغا قارىتا ئېيتىلغانمىكىن دېگۈم كېلىدۇ. بۇ تاغلار ھەقىقەتەن كىشىنى سۆيۈندۈرگۈدەك گۈزەل ھەم قامەتلىك. بىر-بىرى بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەن جىلغا ۋە قىيالار زېمىندىن ئۆركەشلەپ چىققان دولقۇنلارنىڭ ئۆزى.
مەن بۇ يەرگە ھەر يىلى دېگۈدەك بوۋامنى يوقلىغاچ كېلەتتىم. لېكىن كېلىۋېلىپلا تاغ باغرىنى ئايلىناتتىم. ھەر يىلى كېلىپ تۇرغاچقا تاغدا تونۇشلىرىممۇ خېلى كۆپ ئىدى. شۇنداقتىمۇ مەن يەنىلا ئۆزۈم يالغۇز ئايلىنىپ كېلىشكە خۇشتار ئىدىم. ئۇلارنىڭ شەھەر توغرۇلۇق سورىغان سوئاللىرىنى، شەھەردە پۇلنى ئوڭاي تاپقىلى بولىدىغانلىقىنى، بۇ يەردىن تولىمۇ بىزار ئىكەنلىكىنى، مۇشۇنداق جايدا تۇغۇلۇپ قالغانلىقىنى ئۆزلىرىنىڭ تەتۈر پىشانىلىقىدىن كۆرۈدىغانلىقىنى زادىلا ئاڭلىغۇم يوق ئىدى. بۇ يەردىكىلەر شۇنچىلىك گۈزەل زېمىندا ياشاپ تۇرۇپ ئۇنى سۆيۈشنى ئۇقمايتتى. مۇنبەت يەرلىرىنى تاشلاپ مەكتەپنىڭ ۋەيرانە تاملىرىغا دۈمبىسىنى چاپلاپ ئولتۇرۇپ، مونەك-مونەك پۇللارغا ئېرىشىشنى خىيال قىلاتتى. كىشىلەر تەرىپىدىن ئالدانغان يەر نۆۋىتىدە ئۇلارنىمۇ ئوڭدا قوياتتى. شۇنچە گۈزەل بۇ مۇنبەت زېمىندا نامراتلىقنىڭ پۇرىقى پۇراپلا تۇراتتى. شۇنداقتىمۇ مەن يەنىلا بۇ يەرگە ھەر يىلى كېلەتتىم. بۇ يەردىكى تاغلارنى، تاغ باغرىدىكى قىيا تاش يېرىقلىرىدىن ئۈنۈپ چىققان تاشگۈللەرنى سۆيەتتىم. كېيىنچە ئاستا-ئاستا مەندە تاشگۈل توغرۇلۇق بىرەر نەرسە يېزىش ئويى پەيدا بولۇپ قالدى. لېكىن بوۋامنىڭ بۇ زېمىن توغرۇلۇق سۆزلەپ بەرگەن ھېكايىسى ماڭا ئاجايىپ كۈچلۈك تەسىر قىلدى.
بۇ زېمىن قەدىمىي زېمىن ئىدى. بوۋام ماڭا شۇنداق سۆزلەپ بەرگەن. بۇ يەردە ياشاۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئەجدادى بۇنىڭدىن نەچچە يۈز يىل ئاۋۋالقى زامانلارغا تۇتىشاتتى. لېكىن بۇ زېمىندىكى كىشىلەر ئەجدادلىرى توغرۇلۇق ئىشلارنى ئەمدى ئۇنتۇشقا باشلىغانىدى.

سىرلىق ئوۋچى

بازار كۈنى بولغاچقا كوچىلاردا ئادەملەر مىغىلدايتتى. پېشىنگە يېقىن بازارنىڭ چېتىدىكى بىر ئاشپۇزۇلغا ئېگىز بوي، قاۋۇل كەلگەن، مۇرىسىگە تېرە چاپان ئارتىۋالغان بىر كىشى ئاتلىرىنى ئاشپۇزۇلنىڭ يېنىدىكى تۈۋرۈككە باغلاپ قويۇپ، بىر بالىنى ئەگەشتۈرۈپ كىرىپ كەلدى.
-كېلىڭ ئوۋچى،- دېدى خوجايىن ئەپتىدىن ياۋايىلىق چىقىپ تۇرغان بۇ كىشىگە ئورۇن كۆرسىتىپ،- تېرىلىرىڭىزنى سېتىپ بولدىڭىزمۇ؟
ئوۋچى بېشىنى يېنىك لىڭشىتىپ قويدى. ئۇ تولىمۇ كەمسۆز كۆرۈنەتتى. ئۇلارنىڭ كىيىنىشى ۋە تۇرقىدىن تاغلىقلار ئىكەنلىكى چىقىپ تۇراتتى. ئاشپۇزۇلدىكى كىشىلەرنىڭ نەزەرى ئۇلارغا ئاغدۇرۇلدى. ئوۋچى بۇنى سەزدى-يۇ، ھېچنېمىنى كۆرمىگەندەك بالىغا ئىشارە قىلىپ قويۇپ ئولتۇرۇۋەردى. بىر ئازدىن كېيىن ئاشپۇزۇلنىڭ ئۇ يەر-بۇ يەرلىرىدىن كىشىلەرنىڭ كۇسۇرلىشىپ قىلىشقان پاراڭلىرى ئاڭلاندى.
-مەن ئۇنى تونۇيمەن،-دېدى خوجايىن ئادەم تولۇپ ئولتۇرغان شىرەنىڭ يېنىغا كېلىپ،-ئۇ ھەر يىلى بىر قېتىم بۇ يەرگە كېلىدۇ. گاچىدەك بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمايدۇ. بۇلتۇر ئاندىن ئىسمىنىڭ ساۋۇت ئىكەنلىكىنى ئۇقۇۋالغانىدىم. بۇ قېتىم بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدى.
-نېمە قىلىدىغان ئادەم ئۇ. تاغلىق دەيسەن، ياۋايى ئادەممۇ-يا؟
بىرەيلەن ئالدىغا تېخىمۇ ئېڭىشىپ پەس ئاۋازدا سورىدى خوجايىندىن.
-تاغنى ماكان تۇتقان ئوۋچى ئىكەن. مەن شۇنداق ئويلايمەن. يىراقتا كۆرۈنۈپ تۇرغان ئەنە ئاۋۇ ئاقباش تاغلارنى كۆردۈڭمۇ؟ ئۇ دائىم شۇ ياققا قاراپ كېتىدۇ. يىلدا بىر قېتىم ئىككى ئاتقا ھەر خىل ياۋايى ھانۋانلارنىڭ تېرىسىنى ئارتىپ بۇ يەردە پەيدا بولۇپ قالىدۇ.
-يائاللا، ئاشۇ تاغلاردا ياشايدۇ دەڭ!
ئولتۇرغانلارنىڭ چىرايى تاتىرىپ كەتتى.
- ئۇ بەك خەتەرلىك جاي. جىلغا-قىيالاردا ساپلا يىرتقۇچ ھايۋانلار بار ئىكەن. ئادەم زاتى ئۇ يەرگە يېقىن يولىيالمايدىكەن.
- مەنمۇ شۇ بەزىدە ھەيران قالىمەن، لېكىن ئۇ شۇ ياققا كېتىدىغۇ، توۋۋا!
- ياۋا ئادەم ئوخشايدۇ، مەنغۇ بۆرە ئادەم بالىسىنى ئەپقېچىپ باقىدۇ، دېگەن گەپنى ئاڭلىغان. بۆرىنىڭ باققان بالىسىمۇ-يا ئۇ؟ يېنىدىكى بالىنىڭ كىچىككىنە تۇرۇپ يوغىناپ كەتكەن بەستىگە قاراڭلار. مەيدىسىدىكى قاپقارا تۈكلىرىچۇ تېخى. بۇ چوقۇم ئۇنىڭ ئۆزىنى باققان بۆرىدىن بولغان بالىسى.
- يائالا، ياۋايى ئادەم-ھە!
- بۆرە بالىسى!
- راست مەن بۇنى نېمىشقا ئويلاپ باقمىغاندىمەن. ئۇ ھەر يىلى ياۋايى ھايۋانلارنىڭ تېرىسىنى ئېلىپ كېلىدۇ-يۇ، بۆرە تېرىسىنى زادىلا ئەكىلىپ باقمايدۇ.
ئوۋچىنىڭ بۇ گەپلەرنى ئاڭلاۋېرىشكە تاقىتى قالمىدى. ئۇ قۇرۇقدالغان قاچىنى شىرەگە داققىدە قويدى-دە، بالا بىلەن ئاشپۇزۇلدىن چىقىپ مىغىلداپ تۇرغان كىشىلەر ئارىسىدا كۆزدىن غايىب بولدى.
ئەلياتقۇ بىلەن تۆت ئات يېتىلىگەن ئىككى گەۋدە بازاردىن چىقىپ تاغقا قاراپ يول ئالدى.
- ساۋۇت ئاكا،-دېدى بالا يېنىدىكى كىشىگە،- بۇ ئادەملەر قىزىق گەپلەرنى قىلىدىكەن-ھە، مېنى بۆرە بالىسى دەيدۇ.
- تۇزلار چېچىلىپ كەتمىسۇن، دىققەت قىلغىن،- دېدى ساۋۇت بالىغا قاراپ قويۇپ بوم ئاۋازدا،- بەغەرەزلەر بۆرە ئوۋلىمايدىغانلىقىمىزنى بىلىپ قاپتۇ ئەمەسمۇ؟
- ئاقساقالدىن ئاڭلىشىمچە بۆرە بىزگە ياخشىلىق قىپتىكەن، شۇڭا ئوۋلىمايمىزدە ئۇنى.
- بۇنىڭدىن كېيىن بۇ يەرگە ماڭا قارىغاندا سەن كۆپرەك كېلىسەن. كەلگەندە بۇ كىشىلەرگە ھەرگىز ئارتۇق گەپ قىلما، بولمىسا سەندىن گەپ سوراپ ھەممىنى بىلىۋالىدۇ. كېيىنكى قېتىم كېلىپ قالساق باشقا ئاشپۇزۇلغا كىرسەك بولغۇدەك. قاراپ باقە، كەينىمىزگە ئادەم چۈشۈۋالدىمىكىن.
- خېلىدىن بېرى قاراپ كېلىۋاتىمەن. ھېچكىم يوق. توخۇ يۈرەكلەرنىڭ كەينىمىزدىن تاغ ئىچىگە كىرىشكە يۈرىكى چىدىمايدۇ.
- ھا،ھا،ھا...!
ئۇلار قاقاقلاپ كۈلۈشۈپ كەتتى.
ئوۋچى بىلەن بالا تاغ ئىچىدە ئىككى كۈن يول ماڭغاندىن كېيىن بىر جىلغىغا كېلىپ كۈن جىلغا ئىچىگە تىك چۈشكىچە ئارام ئالدى. ئاندىن ئاتلىرىنى جابدۇپ يول يۈرۈپ قىيا تاشلار ئارىسىدىكى ئاسانلىقچە كۆزگە چېلىقمايدىغان بىر ئۆڭكۈر ئالدىغا كېلىپ توختىدى. ئۆڭكۈر ئىچىدىن گۇڭۇلدىغان ئاۋاز كېلىۋاتاتتى. بالا ئېتىنى ئۆڭكۈرگە قاراپ دىۋىتتى.
- سۇلتانخوجا، توختاپتۇر،- دەپ چاقىردى ساۋۇت،- ئىچىگە بىرەر يىرتقۇچ كىرىۋالغان بولمىسۇن يەنە. ماڭغاندا ئاغزىنى ئېتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قاپتۇق.
- ئىچى جىمجىتلىغۈ،نېمىدىن قورقاتتۇق، كىرىۋېرەيلى،- دېدى سۇلتانخوجا ئىشەنچ بىلەن.
ئۇلار ئۆڭكۈرگە كىرىپ ئۆڭكۈر ئېغىزىنى يوغان تاشلار بىلەن ئېتىۋەتتى. تاشلارنىڭ يوچۇقىدىن كىرگەن پىچاق بىسىدەك نۇر قاراڭغۇ ئۆڭكۈر ئىچىگە ئېقىپ كىردى. ئۇلار قاراڭغۇلۇق ئىچىدە بىر ھازا ماڭغاندىن كېيىن ئاتلار تۇيۇقسىز ئۈركۈپ قاتتىق پۇشقۇرۇپ كەينىگە چاپچىدى.
- ئاتلار بىرنېمىدىن ئۈركۈۋاتىدۇ ساۋۇت ئاكا،- دېدى سۇلتانخوجا كۆزلىرىنى ئالدى تەرەپكە مىختەك قاداپ.
ساۋۇت ئاستا ئاتتىن چۇشۇپ پىچىقىنى غىلاپتىن سۇغاردى- دە، قاراڭغۇلۇققا قاراپ ماڭدى. سۇلتانخوجا ئۇنىڭغا ئەگەشتى. ئاتلارنىڭ پۇتلىرى تىترەپ كەينىگە داجىيتتى.
- قاپلان، ئېھتىيات قىلىڭ!
سۇلتانخوجا شۇنداق دەپ ۋارقىرىغىچە قاپقارا يوغان بىر مەخلۇق ساۋۇتقا قاراپ تاشلاندى. ساۋۇت ئۆزىنى چاققانلىق بىلەن چەتكە ئېلىپ پىچاقنى ئۇنىڭغا قاراپ شىلتىدى. قاپلان تېرە چاپاندىن بىر پارچە يۇلۇۋېلىپ ئۆتۈپ كەتتى. ساۋۇتنىڭ قولىدىكى پىچاق نەلەرگىدۇ ئۇچۇپ كەتكەنىدى. قاپلان ساۋۇتقا يەنە ئېتىلدى. بۇ قېتىم ساۋۇت چاققان كەلدى. قاپلاننىڭ ئالدى ئىككى پۇتىنى چىڭ تۇتۇۋالدى. شۇ ئارىدا سۇلتانخوجا بىرلا تاقلاپ كېلىپ قاپلاننىڭ كۆكرىكىگە زەرب بىلەن پىچاق ئۇردى. قاپلاننىڭ ئېچىنىشلىق نالىسى ئوڭكۈر ئىچىدە ئۇزۇنغىچە ئەكس سادا قوزغىدى. ساۋۇت دەرھال قاپلاننى ئامبۇردەك بارماقلىرى بىلەن قاماپ ئېلىپ بېشىدىن ئېگىز كۆتۈرگىنىچە زەرب بىلەن يەرگە ئۇردى. سۇلتانخوجا پىچاقنى قاپلاننىڭ كۆكرىكىگە گۇچ-گۇچ قىلىپ بىر نەچچىنى تىقىۋەتتى. قاپلان خېلىغىچە جان تالىشىپ ئاندىن جىمىپ قالدى.
- يائاللا، قاچان كىرىۋالغاندۇ بۇ نىجىسنىڭ بالىسى،-دېدى ساۋۇت ئېغىر بىر تىنىۋېلىپ. ئۇ ھاسىراپ كەتكەنىدى.
- قاپلانكەن، ھېلىمۇ ياخشى چاققان كەلدۇك. ئەمدى ماڭايلى ساۋۇت ئاكا.
ئۇلار ئۆلگەن قاپلاننى ئىگەرنىڭ كەينىگە غانجۇغىلىدى- دە، خېلى ماڭغاندىن كېيىن ئۆڭكۈردىن چىقىپ ياپيېشىل قارىغايلار ئوراپ تۇرغان تاغ قاپتىلىغا كېلىپ توختىدى. قاپلاننى سويۇپ تېرىسىنى ئاجرىتىۋالغاندىن كېيىن گۆشىنى تاغ باغرىغا دومۇلۇتىۋەتتى. ئاندىن ئۆڭكۈچ ئاغزىنى قارىغاي ياغاچلىرىدىن ياسالغان توسۇق بىلەن مەھكەم ئېتىۋەتتى. ئىشلار تۈگىگەندىن كېيىن ئۇلار تېرىنى ئاتنىڭ ئۈستىگە ئارتىپ تاغ باغرىلاپ چۈشۈپ يەنە بىر يان باغرىغا ياماشتى. ئۇلار خېلىدىن كېيىن بىر تۆپىلىككە چىقتى. تۆپىلىكنىڭ باغرىدا ئەتراپى تاغلار بىلەن قورشالغان سالا ئېتىزلار سوزۇلۇپ ياتاتتى. تاغ باغرىدىكى قاتار ياغاچ ئۆيلەرنىڭ مورىسىدىن ئاپئاق ئىس تولغىنىپ ئاسمانغا كۆتۈرۈلەتتى.
-كەلدۇق،-دېدى ساۋۇت يىراقتىكى مەھەللىنى ئىما قىلىپ.
-كەلدۇق،-دېدى سۇلتانخوجىمۇ ئۇنىڭ گېپىنى تەكرارلاپ. ئۇلار ئاتنىڭ تىزگىنلىرىنى بوشاتتى. ئاتلار ئىلدام قەدەملەر بىلەن ئۆزلىرىگە تونۇش مەھەللە تەرەپكە قاراپ تېز-تېز يورغىلاپ يۈرۈپ كەتتى.

ئاقساقالنىڭ ھېكايىسى

بۇ زېمىندا قۇياش بالدۇر پاتىدۇ. غەربتىكى تاغلارنىڭ چوققىلىرىدىكى قىزىللىق ئاستا-ئاستا يوقاشقا باشلىغاندا باقى كەپىگە كېلىپ غىڭشىپ ناخشا ئېيتقىنىچە كىيىملىرىنى سېلىپ تاشلاپ ئانىدىن تۇغما بولدى. ئاندىن كىيىملىرىنى قاتلاپ كەپىنىڭ بىر بۇلۇڭىغا قويدى-دە، ئۆزىنىڭ يالىڭاچ بەدىنىگە باشتىن-ئاياغ سەپسېلىپ قارىۋېتىپ تاۋۇزلۇققا قاراپ ماڭدى.
ئۇ بۇ ئەقىلنى كېچىچە تاۋۇزلۇقنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئولتۇرۇۋېلىپ ئاران ئويلاپ تاپقانىدى. مۇشۇ كۈنلەردە كىچىك-چوڭ ھەممەيلەن كەچلىرى باقىنىڭ كەپىسىگە كېلىپ تاۋۇز سوراپ تۇرۇۋېلىپ ئۇنى بەكلا ئاۋارە قىلىۋېتەتتى. باقىمۇ ئۇلارنى قۇرۇق قايتۇرۇشقا خىجىل بولۇپ پىشقان تاۋۇزلارنى ئۈزۈپ ئەچىقىپ بېرەتتى. لېكىن بۇنداق كېتىۋەرسە بولمايدۇ-دە! ئورما كۈنىگىمۇ تاۋۇزلار قېلىش كېرەكقۇ؟ بولۇپمۇ تۈنۈگۈن كەچقۇرۇن كىشىلەر ئۇنى بەكلا تەڭقىسلىققا قويدى. تاۋۇز بەرمەي دېسە تېخى، بۇ يەردە پەقەت باقىلا تاۋۇز تېرىيدۇ. ئاقساقال ئۇنىڭ تاۋۇز تېرىشقا پەمى بارلىقىنى بىلىپ ئۇنىڭغا مۇشۇ ئىشنى قىلىشنى تاپشۇرغان. تۈنۈگۈن كەچتە ئاقساقال ئۇنىڭغا: « بوپتۇ، ئۇلارنىڭ تاۋۇزلىرىڭدىن بىر-ئىككىنى پىچىپ يېگىنىگە تۈگەپ قالمايدىغۇ» دېمىگەن بولسا، باقى باشقىلارنىڭ ئۆزىنى «پىخسىق» دېيىشىگىمۇ، «ھامان بىز يەيدىغان تاۋۇزلارغۇ ئۇ» دەپ دوق قىلىشلىرىغىمۇ پەرۋا قىلمىغان بولار ئىدى. ئۇلار ھامان بىر كۈنى ئۇنىڭدىن رازى بولاتتى. لېكىن قېرىنداشتەك ئۆتۈۋاتقان بۇ كىشىلەر باقىنى ئايىمىدى. شۇڭا ئۇ تۈنۈگۈن كىشىلەر تاۋۇزلۇقتىن كەتكەندىن كېيىن جىق ئويلىنىپ ئاخىرى بۇ ئەقىلنى ئويلاپ تاپتى. ئەمدى ئۇنىڭ بۇ ھالىتىنى كۆرسە باشقىلار تۇرماق ئاقساقالمۇ تاۋۇزلۇققا يېقىن يولىمايتتى.
تاغلار ئوراپ تۇرغان بۇ زېمىندىكى كىشىلەرنى سىرت بىلەن ئالاقە قىلمايدۇ، دېيىشكە بولاتتى. ياز كۈنلىرى بىرەر-ئىككىيلەن تاغقا يېقىن يەردىكى بازاردىن كېرەكلىك بىر نەرسىلەرنى ئالغىلى بارغاندىن باشقا كىشىلەر تاغدىن ئايرىلمايتتى. سىرتتىكىلەرنىڭمۇ بۇ زېمىنغا ھېلىغىچە ئايىغى تېگىپ باقمىدى. ئۇلار ئۆزلىرى ياشاۋاتقان بۇ يۇرتتا مۇشۇنداق بىر گۈزەل، باياشات زېمىننىڭ بارلىقىنى بىلمايتتى. سىرتقا چىققانلارمۇ ئۆزىنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكى توغرىسىدا باشقىلارغا ھەرگىز تىنمايتتى.
تاغ ئارىسىدىكى بۇ زېمىندىكى كىشىلەرگە ئاقساقال مۇنداق بىر ھېكايىنى ئېيتىپ بېرەتتى:
بۇنىڭدىن نەچچە يۈز يىللار مۇقەددەم بۇ زېمىننى ئوراپ تۇرغان تاغلاردىن نەچچە كۈنلۈك يىراقتىكى يۇرتتا باي-غوجىلارنىڭ زۇلۇمى تولىمۇ چەكتىن ئېشىپتۇ. بۇنىڭغا چىدىمىغان يەتتە ئائىلىلىك كىشى ساتىدىغان نەرسىلىرىنى سېتىپ، ئالىدىغانلىرىنى ئاتلىرىغا ئارتىپ، يۇرتىنى تاشلاپ چىقىپ كېتىپتۇ. ئۇلار نەچچە كۈنلۈك يولنى بېسىپ، جىلغىلىرى خەتەرلىك بولغان بۇ تاغلارنىڭ باغرىغا كېلىپ قاپتۇ. ئۇلارنىڭ باشچىسى تەۋەككۈل قىلىپ تاغقا قاراپ مېڭىشنى ئېيتىپتۇ. لېكىن ئۇلار ھەرقانچە قىلىپمۇ بۇ خەتەرلىك تاغلار ئارىسىدىن يول تاپالماپتۇ. شۇ ئەسنادا ئۇلارنىڭ ئالدىدا بىر كۆك ئانا بۆرە پەيدا بوپتۇ. ھېلىقى يولباشچى ھەمراھلىرىغا ئانا بۆرىگە ئەگىشىپ مېڭىشنى، ئانا بۆرىنىڭ ئۆزلىرىنى مۈشكۈل ئەھۋالدىن قۇتۇلدۇرالايدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. ئانا بۆرىمۇ ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىكىنى بىلگەندەك ئۇلارغا كۆز يەتكۈدەك ئارىلىق قالدۇرۇپ يول باشلاپ مېڭىپتۇ. ئۇلار مېڭىپتۇ، مېڭىپتۇ ئەمما بۆرە تۇيۇقسىز يوقاپ كېتىپتۇ. بۇ چاغدا كىشىلەر كەلگەن يېرىدە توختاپ ئارام ئاپتۇ. بۆرە قايتا پەيدا بولغاندا يەنە ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپتۇ. ئۇلار ئەنە شۇنداق نەچچە كېچە-كۈندۈز يول يۈرۈپ خەتەرلىك جىلغا، قىيالاردىن، قاراڭغۇ ھەم قورقۇنچلۇق ئۆڭكۈرلەردىن ئۆتۈپ، ئاخىرى مۇشۇ زېمىنغا چىقىپ قاپتۇ. سەپەر جەريانىدا بىرمۇ يىرتقۇچ ئۇلارغا خەۋپ سالماپتۇ. بۆرىمۇ مۇشۇ زېمىنغا كەلگەندە بىردىنلا كۆزدىن غايىب بوپتۇ. كىشىلەر قارىسا بۇ تۆت ئەتراپىنى تاغلار ئوراپ تۇرغان كەڭ بىر زېمىن ئىكەن. تۈرلۈك رەڭلەردە ئېچىلىپ كەتكەن گۈل-چىمەنلىكتە بۇغا-ماراللار ئوتلاپ يۈرىدىكەن. كىشىلەر بۇ مەنزىرىنى كۆرۈپ ھەيرانۇ-ھەس بوپتۇ. ئۇلار شۇ كېچىسى بۇ يەردە تۈنەپتۇ. ئەتىسى يېقىن ئەتراپنى خېلى ئىزدەپمۇ ھەر خىل جانىۋارلاردىن باشقا بىرەرمۇ ئادەم زاتىنى ئۇچرىتالماپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مەسلىھەتلىشىپ بۇ زېمىننى ماكان تۇتۇشنى قارار قىپتۇ ھەمدە تېرىقچىلىق قىلىش ئۈچۈن يەر ئېچىپتۇ. ئېلىپ كەلگەن بۇغداي، قوناقلىرىنى يەرگە چېچىپتۇ. ھەممەيلەن بىر ياقىدىن باش، بىر يەڭدىن قول چىقىرىپ تاغ قارىغايلىرى بىلەن ئۆي سېلىپتۇ. بۇ زېمىن ئۇلارنى ئىسسىق باغرىغا ئاپتۇ. تەرگەن زىرائەتلىرى ئوخشاپ، ھوسۇلى يىلمۇ-يىل ئېشىپتۇ. يەتتە ئائىلىلىك قۇدىلىشىپ ئەۋلادلىرى يىلسېرى ئاۋۇپتۇ. ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-ئەۋلادى كۆپىيىۋاتقان بولسىمۇ، سىرت بىلەن ئالاقە قىلىشمىغاچقا جاھاندىن بىخەۋەر يۈرۈۋېرىپتۇ. يۇرتتىكىلەردىن پەقەت يىلدا بىر-ئىككى ئادەم سىرتقا چىقىپ كېرەكلىك نەرسىلەرنى ئەكىلىدىكەن. بۇ ئادەملەر سىرتقا ماڭغاندا ئاقساقال ئۇلارغا بۇ يەرنىڭ ئورنى ۋە ئەھۋالىنى باشقىلارغا ئېيتماسلىقنى قايتا-قايتا جېكىلەيدىكەن. مۇشۇنداق قىلغاندىلا ئۇلار بۇ زېمىندا خاتىرجەم ياشايمىز، دەپ ئويلايدىكەن.
- ئاتا-بوۋىلىرىمىز شۇنداق قىلىپ بۇ زېمىنغا ماكانلىشىپ بىزگە مۇشۇنداق پاراۋان، خاتىرجەم تۇرمۇشنى مىراس قالدۇرغان،-دەپ ھېكايىسىنى تاماملايتتى ئاقساقال ھاياجانلىنىپ.
ئاقساقالنىڭ ھېكايىسىنى بۇ زېمىندىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك بىلەتتى. بوۋاي-مومايلارمۇ ئەمدىلا تىلى چىقىشقا باشلىغان نەۋرىلىرىنى قۇچىقىغا ئولتۇرغۇزۇۋېلىپ بۇ ھېكايىنى قايتا-قايتا سۆزلەپ بېرەتتى. لېكىن ھازىر بۇ زېمىندا ئىلگىرىكىدەك غۇچچىدە ئېچىلىپ تۇرىدىغان گۈل-چېچەكلەر ئازىيىپ، يەرلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك تېرىقچىلىق قىلىدىغان سالا ئېتىزلارغا ئايلىنىپ كەتكەنىدى. بۇغا-ماراللارنى تاغلارغا ئىچكىرىلەپ كىرگەندە ئاندىن ئۇچراتقىلى بولاتتى. تاغ سىرتىدا يەنىلا باي-غوجىلار ھۆكۈمرانلىق قىلىپ يۈرەتتى. «باي-غوجىلار جاھاندىكى ئەڭ ئەسكى ئادەملەر» دېيىشەتتى بۇ زېمىندىكىلەر.
ئىككىنچى ئەۋلادتىن باشلاپ ئۇرۇغ-تۇغقان بولۇپ كەتكەن بۇ كىشىلەر ھازىرغىچە مۇشۇ زېمىندا ياشاۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى مۇشۇ زېمىندا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن دېگىلى بولمايتتى. چۈنكى باقى بۇ زېمىندا ھېچ ئويلىمىغان يەردىن پەيدا بولۇپ قالغانىدى.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر