باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

قېچىش(1)

قەيسەر قىيۇم

2015.05.26 14:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «قاچە!» دېدىم ئۆزۈمگە ئاستا شىۋىرلاپ. ئەمدى قاچمىساممۇ بولمايدىغاندەك قىلاتتى. ئەتراپىمدا تۇرغانلاردىن ئاستا سۇغۇرۇلۇپ چىقىپ كېتىۋېتىپ يەنە ئۇلار بىلەن خوشلىشىپ قويۇشنىمۇ ئويلىدىم. چۈنكى ئۇلار مېھمان ئىدى. گەرچە دەستىخاننى مەن سالمىغان بولساممۇ، مۇشۇ يۇرتلۇق بولغاچقا مەنمۇ ساھىبخان ھېسابلىناتتىم. لېكىن ئۇلار بىلەن ئەمدى خوشلاشقىلى بولمايتتى. ئىشنىڭ ھەممىسى مانا مۇشۇ خوشلىشىشتىن باشلاندى. ئەمەلىيەتتىمۇ مەن ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىلەن خوشلىشىپ بولغان، شۇ خوشلىشىش بىلەن ئىككى مەڭزىم شۆلگەيلەر بىلەن شەلۋەرەپ كەتكەنىدى.

  - جېنىم ئاداش، سەن بىلەن خوشلىشىۋالاي!

  توساتتىن ئارقامدىن بىرەيلەننىڭ ۋارقىرىغان ئاۋازى ئاڭلاندى. رېستۇراننىڭ ئالدى سورۇندىن ئۇزاپ چىققان ساھىبخان، مېھمانلار بىلەن قايناپ كەتكەنىدى. بايىدىن بېرى ئاياغلاشمىغان خوشلىشىش، خوشلىشىش جەريانىدىكى ھاياجانلىق شاۋقۇن-سۈرەنلەر ئارىسىدا مەن بۇ ۋارقىرىغان ئاۋازلارنىڭ ماڭا قارىتىلغانلىقىنى دەرھال سېزىۋالدىم. يەنە تۇتۇلۇپ قالغانىدىم.

  ئارقامغا ئۆرۈلۈپ قارىدىم. بۇرۇتلۇق، قىزىل يۈز بىر مېھمان ئىككى قولىنى كەڭ ئېچىپ مەن تەرەپكە قاراپ كېلىۋاتاتتى. ئەمەلىيەتتە مەن بۇ توپتىكىلەردىن پەقەت ئىككى چامداملا نېرىغا بارالىغانىدىم.

  - چىدىمىدىم ئاداش سىلەرگە، ئايرىلغۇم پەقەتلا كەلمەيۋاتىدۇ!

  ھېلىقى مېھمان شۇنداق دېگىنىچە كېلىپلا مېنى مەھكەم قۇچاقلىۋالدى. گەرچە خالىمىغان بولساممۇ، لېكىن چاندۇرماي چىرايىمغا مەجبۇرىي كۈلكە يۈگۈرۈتۈپ، سەمىمىي ھەم قىيالمىغاندەك ئۇنى بوشراق قۇچاقلىدىم.

  - ئايرىلىمىز ئەمدى، بۇ بىر نەچچە كۈن تازىمۇ ئىچىكىپ كەتكەنىدۇق. ھەي سۆيۈپ قوياي ئاداش!

  «ئاپلا يامان بولدى» دەپ ئويلىدىم، لېكىن يەنە چاندۇرمىدىم. ئەركىشىمۇ ئەركىشىنى سۆيەمدۇ. مانا بىز بىر-بىرىمىزنى سۆيۈپ قويىۋاتىمىزغۇ. بايىدىن بېرى سۆيۈشكە كۆنگەن ئوڭ مەڭزىمنى مېھماننىڭ سۆيۈپ قويۇشى ئۈچۈن تۇتۇپ بەردىم. ئۇ قېلىن لەۋلىرىنى قىيالمىغاندەك ھېسسىياتتا مەڭزىمگە كۈچەپ باستى. بۇ چاغدا ئۇنىڭ يىرىك ساقاللىرى يۈزۈمگە قاتتىق سانچىلىپ كەتتى. ئەتىگەن ساقىلىمنى پاكىز قىرىپ كەلگەچكىمۇ، ئىڭەك ۋە بويۇنلىرىمنىڭ تېرىسى پارقىراپ كەتكەنىدى. ئەمدى مانا مۇشۇنداق بېسىپ قاتتىق سۆيۈشلەر بىلەن ئىككى مەڭزىممۇ قىزىرىپ، پارقىراپ كەتتى.

  مېھماننىڭ بېسىپ، كۈچەپ سۆيۈشى بىلەن مەڭزىمدە قالغان سۆلگەينى قولياغلىقىمنى يانچۇقۇمدىن ئېلىپ ئاستا سۈرتۈۋەتمەكچى بولدۇم. لېكىن ئۇنىڭ ئالدىدىلا ئۇنداق قىلالمايتتىم. بۇ مېھمانغا بولغان ھۆرمەتسىزلىكىم، ئۇنى ياراتمىغانلىقىم ھېسابلىناتتى. ئەمەلىيەتتىمۇ مەن بايىدىن بېرى ئۇنداق قىلالمىغانىدىم. پەقەت قولۇمنى يانچۇقۇمغا سېلىپ خۇددى قولياغلىقىمدا قاتتىق ئۈچۈم باردەك ئۇنى بارماقلىرىم ئارىسىغا ئېلىپ قاتتىق-قاتتىق سىقىپ قوياتتىم.

  مېھمان ئاخىرى مېنى قويۇۋەتتى.

  - جۈرۈڭ،-دېدى ئۇ بىردىنلا قولۇمغا ئېسىلىپ،-ئابلەت ئاكىڭىز بىلەن خوشلىشىپ قويۇڭ.

  - خوشلاشتىم.

  -ياق خوشلىشىپ بولالمىدىڭىز، ئۇ سىز بىلەن خوشلىشىۋالماقچى.

  - مەن بايا خوشلاشقانىدىم.

  - ئۇ سىزنى ئىزدەۋاتىدۇ.

  مېھماننىڭ رايىنى قايتۇرماقمۇ تەس. ئامالسىز مېھمانغا ئەگىشىپ، ياق مېھمان مېنى سۆرەپ دېگۈدەك بىر-بىرى بىلەن قۇچاقلىشىۋاتقان، سۆيۈشۈۋاتقان، ھاياجانلىق سۆزلەر ئەۋجىگە چىققان توپقا قاراپ ماڭدىم. ئۇلار توختىماي بىر-بىرىنى سۆيەتتى. بىر-بىرىنى سۆيۈپ بولۇپ ئاجراپلا ئالدىغا ئۇچرىغان يەنە بىرىنى قۇچاقلاپ سۆيۈپ، خوشلىشىش ئالدىدىكى كۆڭۈل سۆزلىرىنى ئىزھار قىلىشاتتى. مەن بايا دەل شۇلارنىڭ ئارىسىدىن يېنىپ چىققانىدىم.

  سۆيۈش- ئۇ ئەيىب ئىش ئەمس. ئاتا بالىسىنى قەلبىدىكى مېھرىبانلىق بىلەن سۆيىدۇ. يىگىت يۈرۈۋاتقان قىزىنى يۈرىكىدە ئوت بولۇپ كۆيۈۋاتقان مۇھەببىتى بىلەن سۆيىدۇ. دۆستلار دوستلۇقىنى ئىپادىلەپ، قېرىنداشلار سېغىنىش ۋە ياخشى تىلەكلىرىنى تىلەپ بىر- بىرىنى سۆيۈپ قويىدۇ. لېكىن بىزنىڭ بۇ يەردىكى بىر- بىرىنى سۆيۈپ قويۇش بەكلا ھەددىدىن ئېشىپ كەتكەنىدى، سورۇندا قىلىشقان سەمىمىي پاراڭلىرىمىز، چاقچاقلار، ئۆزئارا كۈتۈشكەن ئۈمىدلەر شۇنداقلا ئىچكەن ھاراقنىڭ قوزغىتىش كۈچى بىلەن سورۇندىن قايتىپ رېستوران ئالدىدا دەسلەپ كۆڭلى يېقىنلار بىرى- بىرى بىلەن قوچاقلىشىپ، لېۋىنى ئاستا دوستىنىڭ كەڭزىگە تەگكۈزۈپ خوشلاشقاندا بۇ ئىشلار ماڭا ئانچە غەلىتە بىلىنىپ كەتمىگەنىدى. چۈنكى بۇ ئىش ئۇ چاغدا بەكلا نورمال باشلانغانىدى. سورۇندىن قايتىپ چىققىنىمىزدا بۈگۈنكى سورۇنغا كەلگەن مېھمانلار ئارىسىدا مېنىڭ كۆڭۈل يېقىن ئادەملىرىم يوقمۇ، ھېچكىممۇ يېنىمغا كېلىپ مېنى قۇچاقلاپ، سۆيۈپ خوشلاشمىدى. مېھمانلار پەقەت ئالدىمغا كېلىپ قولۇمنى چىڭ سىقىپ، سەمىمىيلىك بىلەن ئۆز كۆڭۈللىرىنى ئىزھار قىلىپ مەن بىلەن خوشلىشاتتى. مەنمۇ دوستانىلىق بىلەن ئۇلارغا يەنە بىر نەچچە كۈن تۇرۇپ ئويناپ كېتىشنى ئېيتاتتىم.

  لېكىن ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئابلەتكام بۈزۈپ قويدى. بىز ئەنە شۇنداق سەمىمىيلىك بىلەن خوشلىشىۋاتقان چېغىمىزدا ھاجەتكە كىرىپ كەتكەن ئابلەتكام كېچىكىپ چىقتى-دە، يېڭىلا يۇيۇپ چىققان ھۆل قوللىرى بىلەن مېھمان ۋە ساھىبخان ئارىلاش ھەممىمىزنى بىر- بىرىلەپ قۇچاقلاپ، مەڭزىمىزگە سۆيۈشكە باشلىدى.

  - خوش بۇرادەر، تازا ئوبدان مېھمان قىلالمىدۇق، سۆيۈپ قوياي!

  - خوش ئاداش، قىيماۋاتىمەن، سۆيۈپ قويايا!

  - خوش ئۇكا، خوش، يەنە كۆرۈشەرمىز. كېلە كۆرۈشكىچە بىرنى سۆيۈپ قوياي!

  ئۇنىڭ بۇ سەمىمىي سۆزلىرىنى ئىنكار قىلماقمۇ تەس ئىدى. ئەمما ئۇنىڭ بۇ ھەرىكىتى خوشلىشىپ تارىماقچى بولۇپ تۇرغان بۇ توپنى قايتىدىن تەۋرىتىۋەتتى. ھەممەيلەن خۇددى ئابلەتكام سۆيۈشكە كوماندا بەرگەندەك بىر- بىرىگە يوپۇرۇلۇپ، بىر- بىرىنىڭ مەڭزىگە سۆيۈشكە باشلىدى، شۇ ئارىلىقتا ئابلەتكەمنىڭ يۈزۈمدە قالدۇرغان ئىزى يوقىمايلا بىر نەچچە مېھماننىڭ دوستانە سۆيۈشىنى قوبۇل قىلدىم. سورۇندا ئۆزۈممۇ ھاراقنى خېلى كۆپ ئىچكەنىدىم. لېكىن ئۆزۈمنى باشقۇرالمىغۇدەك دەرىجىدە ئۇنچىلىك مەست بولۇپ كەتمىگەنىدىم. قاراڭغۇ چۈشۈپ، ۋاقىت خېلى بىر يەرگە بارغىنىدى. مېھمانلارنى ئەكىتىدىغان مىنىبوس رېستوران ئالدىدا ئىشىكىنى يوغان ئېچىپ تۇراتتى. بايىدىن بېرى رېستوراندا بىز بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ غىزالانغان، لېكىن ئاغزىغا تېمىم ھاراق ئالمىغان شوپۇر سەۋرچانلىق بىلەن ماشىنىغا چىقىدىغانلارنى ساقلاپ كەپىنكىدە ئولتۇراتتى. مېھمانلار ئاساسەن ساھىبخاننىڭ ساۋاقدىشى ھەم ئاكا ئاغىنىلىرى، قالغانلار ساھىبخاننىڭ مۇشۇ يۇرتتىكى يېقن دوست- بۇرادەرلىرى ئىدۇق. توساتتىن كۆزۈم رېستوندىن قايتىپ بىزنىڭ توپىمىزغا بىگىز بارمىقىنى چىنەپ كۆرسىتىۋاتقان كىشىلەرگە چۈشۈپ قالدى. بۇ چاغدا توپتىكىلەر ئىككى مەڭزىمگە سۆيۈپ مېنى شالاقشىتىۋەتكەنىدى. لېكىن ئۇلار ئەتراپتا تۈرۈپ ئۆزلىرىنى مازاق قىلىشىپ كۈلۈۋاتقان كىشىلەرنى كۆرمەيتتى ھەم كۆرەلمەيتتى. چۈنكى ئۇلارنىڭ كۆزى پەقەت شۇ بىر سورۇندا ئولتۇرۇپ چىققان كىشىلەردىلا ئىدى. مانا مۇشۇ پاتپاراقچىلىق ئىچىدە يۈزۈمدىكى شۆلگەيلەرنى ئېرتالماي ئۆزىمىزنىڭ بىر ئاز ئاشۇرۇۋەتكەنلىكىمىزنى ھېس قىلىپ تۇرغىنىمدا ھېلىقى بىزگە چىنەلگەن كۆرسەتكۈچ بارماقلارنى كۆرۈپ تېخىمۇ خىجىل بولۇپ قېچىش ئويىغا كەلگەنىدىم.

  ئەمدى خۇددى قېچىپ تۇتۇلۇپ قالغان شەرمەندە ئادەمدەك، خۇددى جىنايىتى بېكىتىلىپ جازا مەيدانىغا ئېلىپ كېتىلىۋاتقان ئادەمدەك ئىككىنچى قېتىم بۇ توپقا مېھماننىڭ قولۇمدىن يېتىلىشى بىلەن رايىش قويلارغا ئوخشاش ئۇلارنىڭ ئارىسىغا قايتا قېتىلدىم.

  ئابلەتكام ھېچبىر مېنى ئىزدىگەندەك قىلمايتتى. ئۇ ھە دەپ ساھىبخاننى سۆيۈۋاتتى. ساھىبخانمۇ رايىشلىق بىلەن ئۇنىڭغا مەڭزىنى تۇتۇپ بېرىپ، قولىدا يەنە بىر مېھماننىڭ قولىنى تۇتۇپ ئۇنىڭغا تىكىلگىنىچە بىرنېمىلەرنى دەۋاتاتتى. توپقا ئەمدىلا كىرىپ تۇرۇشۇمغا بىرەيلەن كېلىپ مېنى سۆيۈپ ئۈلگۈردى.

  - ئاداش، سورۇنىمىز قاتتىق قىزىدى بۈگۈن، سۆيۈپ قوياي!

  كۆزۈم يەنە بىردىنلا خىجىللىق بىلەن ئەتراپنى ئىزدەشكە باشلىدى. سىرتتىن كىملەر مېنىڭ بۇ ھەددىدىن ئاشقان ھەرىكىتىمنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتقاندۇر؟ لېكىن رېستوران ئالدىدا ئەمدى بىزنىڭ سورۇندىن قايتقانلاردىن باشقا ئادەم قالمىغانىدى. سۆيۈش يەنە باشلاندى. مەست بولغان كىشىلەر ماڭا يوپۇرۇلۇپ كېلىپ كەينى- كەينىدىن لەۋلىرىنى مەڭزىمگە رۇخسەتسىزلا تەككۈزۈشكە باشلىدى. رازى بولمىساممۇ ئۇلارنى رەت قىلالمايتتىم. نېمىشقا ئۇلارنى رەت قىلالمايمەن؟ چۈنكى ئۇلار دوستلىرىم، ساۋاقداشلار، ئاكا ئاغىنىلەر، ئەڭ مۇھىمى مېھمان. ئۇلارنىڭ قەلبىدە يامانلىق يوق ياكى بىر غەيرى شاللاقلىق يوق. لېكىن بۇنداق قاراپ تۇرۇۋېرىشكىمۇ بولمايتتى. مېنى بۇ توپقا سۆرەپ ئېلىپ كىرگەن ھېلىقى مېھمان ئەمدى باشقىلارنى سۆيۈپ ئاۋارە ئىدى. ئۆزۈمنى ئۇلارغا سۆيدۈرمەسلىك ئۈچۈن چوقۇم ئۇلارنى سۆيۈشۈم كېرەك ئىدى ھەم ئەشۇنداق ئۇلارنى سۆيگەچ ئاستا سىلجىپ توپتىن قىستىلىپ چىقىپ كېتەلەيتتىم. كۆزۈم توپنىڭ سىرتىدا، يېڭىلا مېنى قوچاقلاپ سۆيۈپ قويغان دوستۇم بىلەن سەمىمىي خوشلىشىپ يېنىمدىكى يەنە بىر مېھمانغا قۇچىقىمنى كەڭ ئاچتىم.

  - تونۇشۇپ قالدۇق، ياخشى بولدى.مەن ئۇنى شۇنداق دەپ قۇچاقلىدىم. ئۇمۇ مېنى چىڭ قۇچاقلىدى.

  - مەنمۇ تونۇشقىنىمغا بەك خۇشال.

  -ئىزدىشىپ تۇرايلى، سەپىرىڭىزگە ئاق يول تىلەپ سۆيۈپ قوياي.

  ئۇ بۇ گەپلىرىمنى ئاڭلاپ ھاياجانلانغان ھالدا رايىشلىق بىلەن مەڭزىنى لېۋىم تەرەپكە بۇرىدى. خالىماي تۇرساممۇ، لېكىن يەنىلا ئۇنىڭ مەڭزىگە يەڭگىل سۆيۈپ قويۇپ، توپنىڭ سىرتىنى نىشان قىلىپ ئۇنى قۇچاقلاپ تۇرغان قولۇمنى قويۇۋەتتىم. ئەمدى ئۇنىڭ كەينىدىكى يەنە بىر مېھماننى قۇچاقلىۋالساملا ئىش پۈتەتتى. ئۇ توپنىڭ ئەڭ ئاخىرقى چەمبىرىكى ھېسابلىناتتى. لېكىن دەل شۇ چاغدا مەن ئويلىمىغان بىر ئىش يۈز بەردى. مەن مېھماننى قۇچاقلاپ تۇرغان قوللىرىمنى قويۇۋەتكەن بولساممۇ، ئەمما ئۇ مېنى قويۇپ بەرمىدى. بۇنىڭ بىلەن مەن ئۇنىڭ قوينىدا پۇلاڭلاپ، ساڭگىلاپ قالدىم. -قىيالمايۋاتىمەن، مەنمۇ سۆيۈپ قوياي!
【1】 【2】 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر