باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ساقىينىڭ قارغىشى (1)

قەيسەر قىيۇم

2015.05.26 13:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ھەجەپ ھە، تۈنۈگۈن ئالغان ئاياغنىڭ بۈگۈن چەمى ئاجراپ كەتسە، بۇ جاھان قانداق بولۇپ كەتتى زادى. ئالغىنىمدا يېپيېڭىدەكلا قىلىۋاتاتتى. تازىمۇ بىر جازانىخورغا ئۇچراپتىمەن-دە. گۆش توغراپ، مۈكچىيىپ ئولتۇرۇپ زىققا ئۆتكۈزۈپ، ئۆتكەن-كەچكەنلەرگە تەلمۈرۈپ قاراپ ئاران ساتقان كاۋاپلارنىڭ بۇ ئايدا ئېشىنىپ قولۇمغا قالغان پايدىسى ئىدى بۇ ئاياغ. تۈنۈگۈن ئەركىن بازاردىلا بۇ ئاياغنى سېتىۋاتقان ئادەم كۆزۈمگە بىرقىسمىلا كۆرۈنگەنىدى. چىدامدۇ؟ دەپ سورىسام، ۋاھ يەنە بەش قىشنى بىمالال چىقىرالايسىز جۇمۇ ئۇكام، دەپ مەيدىسىگە ئۇرۇپ ئاياغنى ماختاشلىرىغا قاراپ ئىشىنىپ كېتىپتىمەن ئەمەسمۇ. مانا ئەمدى پۇتۇمنىڭ بارماقلىرى يەنە بەش قىشقا چىدايدىغان بۇ ئاياغدىن چىقىپ قېلىۋېدى، ئۇ ئادەمنى ئىچىمدە مىڭنى تىللىدىم. خوتۇنمۇ بۇنى كۆرۈپ ماڭا بىرمۇنچە كايىدى، نېمە دەيتتى، پۇل تۇرۇپ ماگىزىندىن يېڭى ئاياغ ئالماي نەدىكى ئاتام كۆرمىگەنلەردىن كونا مال ئالغاندىن كېيىن ئۆزەڭگىمۇ ئاز، دەپ غوتۇلداشلىرى قۇلاق-مېڭەمنى يەپلا كەتتى. مېنىڭمىغۇ شۇ ماگىزىندىن ۋالىلداپ تۇرغان يېڭى ئاياغلارنى ئېلىپ شۇنداق كىيگىم بار، لېكىن پۇل ئۇنىڭغا چىقىشمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قوشنىمىزمۇ شۇ يەردىن ئاياغ ئېلىپ كىيىپتىكەن، ئۇنىڭ شۇنداق ياخشى چىقىپتۇ، مانا ئۇنى كىيىۋاتقىنىغا ئىككى يىل بوپتۇ، دېگەن گەپنى مۇشۇ خوتۇن ئۆزى كۆتۈرۈپ كىردىغۇ، ئەمدى نېمە كوتۇلدايدىكىنە چىدىماس. ھەي، مەندىمۇ بار، شۇنىڭ بىلەن پۇلنىڭ كۆزىگە قاراپ بارمامدىم شۇ بازارغا.

  ئەتىگەندىلا ھېلىقى ئاياغنى كۆتۈرۈپ ئۇنى سېتىۋالغان يەرگە كەلدىم. ماڭا بۇ ئاياغنى ساتقان ئادەم ئورنىدا كۆرۈنمەيتتى. ئەمما ئۇنىڭ يېنىدا ئەپلىك قول ھارۋىسىغا كىنۇ پىلاستىنكىلىرىنى سېلىپ سېتىۋاتقان ياش بالا يەنە شۇ يەردە خېرىدار چاقىرىپ تۇراتتى.

  ـــ ئۇكا، تۈنۈگۈن يېنىڭدا كونا ئاياغلارنى تىزىپ سېتىپ ئولتۇرغان ھېلىقى ئادەم بۈگۈن كەلمىدىمۇ نېمە؟ ـــ سورىدىم ئۇ بالىدىن.

  ـــ ھە، ئۇ ئادەمما؟ كەلمىدى.

  ھېلىقى بالا ھەييارلىق بىلەن ماڭا قاراپ قويۇپ تولىمۇ چولتىلا جاۋاب بەردى.

  ـــ نېمىگە كەلمىدى؟

  ـــ تۈنۈگۈنكى ئاياغلىرىنى سېتىپ بولدىدە.

  ـــ سېتىپ بولغان بولسا بۈگۈن يەنە ئاياغ ئەچىقمامدۇ؟

  ـــ ۋاي-تاڭ، ئىسكىلاتقا بېسىۋالغانلىرى تۈگىگەن بولسا كەلمەيدۇ-دە، ئەمدى. يە بولمىسا باشقا تىجارەت قىلامدىكىن.

  ـــ نېمە تىجارەت؟

  ـــ كونا ئاياغ سېتىۋالمامدۇ؟

  بۇ بالا مېنى مەسخىرە قىلىۋاتامدۇ ياكى راست سۆزلەۋاتامدۇ زادىلا چۈشىنەلمىدىم. بازار بۇ بالىنى قاقۋاش قىلىۋەتكەن چېغى، ماڭا بۇ بالا ئۆزىگە مۇناسىۋەتسىز خېرىدارلارغا زادىلا سىلىق مۇئامىلە قىلمايدىغاندەك تۇيۇلۇپ كەتتى.

  ـــ ئۇكا، خاپا بولماي ئۇ ئادەمنىڭ ئۆيىنى ماڭا دەپ بېرەلەرسەنمۇ؟

  ـــ ئۇ ئادەمنى تونۇمىسام ئۆيىنى نەدىن بىلەي؟

  ـــ ئەمدى بىر يەردە تىجارەت قىلغاندىن كېيىن ئانچە-مۇنچە بىلىشەرسىلەر؟

  ـــ ئۇ ئادەم تۈنۈگۈن بازارغا چىققان تۇرسا، ئۇنداق كەلدى-كەتتى تىجارەتچىلەرنى مەن نەدىن بىلەي؟

  ـــ ئەستا...

  بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ دېمىم بوغۇلۇپ، ئۆزۈم ئۆتكۈزگەن كاۋاپقا ئۆزۈم زەھەردەك لازىنى چېچىپ يەۋالغاندەك ئىچىم ئاچچىق بولۇپ قالدى.

  ـــ نېمە بولدىڭىز ئاكا؟ ـــ دېدى ھېلىقى بالا دەرھال مېنىڭ بىردىنلا ئۆزگەرگەن ھالىمنى كۆرۈپ.

  ـــ كۆرمەمسەن ئۇكا، ـــ دېدىم ئۇنىڭغا تۈنۈگۈن ئالغان ئاياغنى يالتىراق خالتىدىن چىقىرىپ كۆرسىتىپ،ـــ تۈنۈگۈن ئالغىنىمدا يىڭىدەكلا قىلىۋاتاتتى. ئۆزىمۇ پارقىراپ تۇراتتى. مانا ئەمدى كۆرمىدىڭمۇ، تۈنۈگۈن بىر كۈن كىيگىنىمنى بىلىمەن، ئەتىگەن شۇنداقلا پۇتۇمنى سالسام چەمى ھاڭدەكلا ئېچىلىپ قالدى.

  ـــ ۋاي ئاكا، تىكتۈرۈۋالساڭ بولىدىكەنغۇ. چوڭ ئىشمۇ ئەمەسكەن. قارىسام خېلى بولىدىغان ئاياغدەك تۇرىدۇ.

  ـــ ئۇغۇ شۇنداق، بىراق...

  ـــ ئەتىگەن سەندىن بۇرۇن يەنە ئىككى ئادەممۇ شۇ ئاياغ ساتقان ئادەمنى ئىزدەپ كەپتىكەن. ئۇلارغىمۇ شۇنداق دېدىم. ھازىر ئۇلار ئەنە ئاۋۇ موزدوزخانىدىمىكىن.

  ھېلىقى بالىغا قارىغىممۇ كەلمىدى، ئاياغلىرىمنى قايتىدىن يالتىراق خالتىغا سالدىم-دە، كەينىمگە ئۆرۈلۈپلا ماڭدىم. بەلكىم ئۇ مېنى مازاق قىلىپ كۈلۈۋاتامدىكىن تاڭ. كۈلسىمۇ كۈلگەندە، مەندەك ھاماقەتكە كۈلىدۇ-دە ئۇ. يېقىندىن بۇيان نېمە بولدۇم دەيمەن زادى ئۆزۈمگە. ئىشلىرىم زادىلا ئىلگىرى باسمايدىغۇ تاڭ. كاۋاپلىرىمنىڭ خېرىدارلىرىنىڭمۇ ئاياغى تارتىلىپ كېتىۋاتىدۇ. ئۆيگە كىرسەم خوتۇننىڭ تاپىسىمۇ سەل كۆپىيىپ قالدى. مانا ئاياغ ئېلىۋېدىم، ئۇمۇ ئىككى كۈنگە پايلىمىدى. تۇرۇپلا گۈپپىدە ئېسىمگە مەمەت «يېرىم»نىڭ دېگەن گەپلىرى كەلدى. راستلا ساقىينىڭ «قارغىشى»غا ئۇچرىغاندىمەنمۇ؟ مەمەت «يېرىم» قايسى كۈنى كاۋاپخانامنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ ئىسمەت «ئامان»نىڭ بىزدىن رەنجىپ يۈرگەنلىكىنى ئېيتقان ئىدى.

  ـــ ساقىينىڭ قارغىشىغا قالما يەنە،ـــ دېگەنىدى ئۇ ماڭا قاراپ بىرقىسمىلا كۈلۈپ، ـــ يېقىندىن بۇيان بىر يەرلەرگە چاقىرساق كەلمەيدىغان بولۇپ قالدىڭ. ئۆزەڭنى بىزدىن قاچۇرۇپ يۈرۈۋاتىسەن. پۇل تېپىپ بىزنى كۆزگە ئىلماس بولۇپ كەتتىمىكىن دېسەك يەنە شۇ كاۋاپدېنىڭنىڭ ئالدىدىن كېتەلمەپسەن. كوتىنى يۈيۈپ يۈرۈۋاتامدىكىن دېسەكمۇ ھېچ ئۇنداقتەك ئەمەس. ھازىر بالىلار سېنىڭ گېپىڭنى قىلىشىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ساڭا قوشۇلۇپ يەنە بىرنەچچە بالا تەڭلا بىزنىڭ سورۇنلىرىمىزغا بارماس، چاقىرسا كەلمەس بولۇۋالدى. ياكى ئۇ بىرنەچچىڭ بىرلىشىۋېلىشتىڭمۇ يە؟ دىققەت قىلىش جۇمۇ، ساقىينىڭ قارغىشى يامان.

  ئۇ يەنە ساقىينىڭ «قارغىشى»غا ئۇچرىغانلارنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ بىرنېمىلەرنى دەپ غوتۇلدىدى-دە، كېتىپ قالدى. دائىم كاۋاپخانامغا كەلسە مۇشۇ ئۈچەي كاۋىپىڭنىڭ خۇمارى بەك يامان جۇمۇ، دەپ ھېچبولمىغاندا بەش زىق كاۋاپ يەپ ماڭىدىغان ئادەم بۈگۈن كاۋاپلارغا قاراپ قويايمۇ دېمىدى. دائىم ئەتىگەندىلا كېلىپ ماڭا «دەسلەپ» قىلىپ بېرىپ كېتىدىغان بۇ ئاداشنىڭ غەلىتە گەپلىرىنى ئاڭلاپ بىرقىسمىلا بولۇپ قالدىم. ھاراقتىن قېچىپ ئۇلاردىن ئۆزۈمنى تارتىپ يۈرگىنىم راست، لېكىن ھېلىقى بىر نەچچە ئاغىنىمىزنىڭمۇ مەندەك ئۇلار چاقىرغان سورۇنغا بارماس بولۇۋالغانلىقىنى ئۇقمايدىكەنمەن. ساقىينىڭ قارغىشى قانداق قارغىش ئەمدى. ئۇ دېگەن بىر گەپتە. ئاشۇ ئىسمەت «ئامان»نىڭ قارغىشى ئۆتىدۇ دېسە خەقمۇ قوڭىدا كۈلە.

  شۇلارنى ئويلاپ كېتىپ بېرىپ تۇرۇپ يەنە ئىچىمگە بىر جىن كىرىۋالدى. ھېلىقى مەن بىلەن بىللە سورۇنلارغا بارماس بولۇۋالغانلارنىڭمۇ يېقىندىن بۇيان ئازدۇر-كۆپتۇر ئاۋارىچىلىققا ئۇچرىغىنى نېمىسى ئەمدى. ھېلىقى چاغدا رىشىت «يوگىمەش» يېرىم كېچىدە سەمەت «ئاپقۇر»نىڭ ئۆيىدە بولغان ئولتۇرۇشتىن قاچىمەن دەپ ساقىيغا ئەدەپ دەپ قويۇپ ئاستا سىرتقا چىقىپتۇ. قانداق بولدى، سەمەت «ئاپقۇر» ئۇنىڭ بۇ پەيلىنى بىلىپ قالغاندەك دەرۋازىسىغا ئىچىدىن يوغان قۇلۇپتىن بىرنى سېلىپ سورۇنغا كىرىپ ئولتۇرۇۋالغان ئىكەن. رىشىت «يوگىمەش» دەرۋازىدىكى قۇلۇپنى كۆرۈپ ئامال يوق كومۈرخانا يېنىدىكى شوتىنى كۆتۈرۈپ كېلىپ تامغا يۆلەپ قويۇپتۇ-دە، ئۇنىڭغا يامىشىپ چىقىپ قاچماقچى بولۇپتۇ. ھەي تەلەيسىز بىچارەي، ئۇ شوتىنىڭ ئۇستىگە چىقىپ ئەمدى پۇتىنى تامغا ئالاي دېيىشىگە قانداق بولدى، پۇتى تېيىلىپ تامدىن يىقىلىپ چۈشۈپتۇ. بىر ھازادىن كېيىن بالىلار ئۇنى ياتقان يېرىدىن يۆلەپ سورۇنغا ئېلىپ كىرىشتى. شۇ كۈنى ئۇنىڭ باشقا يېرى ھېچقانداق زەخمە يېمەي، بىگىز بارمىقى سۇنۇپ كېتىپتۇ ئەمەسمۇ. بۇ ئىش بولۇپ ئۇ خېلىغىچە بىگىز بارمىقىنى تېڭىپ يۈردى. ئۇ ئەسلى ئىدارىدە بىر بۆلۈمنىڭ مۇدىرى بولۇپ ئىشلەيتتى. ئۇنىڭ قولىنىڭ بىگىز بارمىقى سۇنۇپ شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ساقايغىچە قول ئاستىدىكىلىرىنى بىگىز بارمىقى بىلەن چىنەپ تەنقىدلىيەلمەي تازىمۇ قىينىلىپتۇ دەپ ئاڭلىغانىدىم. مانا شۇ كېچىسى ئۇ قاچىمەن دەپ تالاغا ئاستا سۇغۇرۇلۇپ چىقىپ كېتىۋاتقاندا ئىسمەت «ئامان» ئۇنى «قارغىۋەتكەن» بولغىيمىتى ھە؟ يەنە ھېلىقى ئەكبەر «چولاق» بىلەن يارى «ئاقبېلىق»نىڭ ئىشىمۇ بار. ئەكبەر «چولاق»مۇ تېخى ئالدىنقى ھەپتە تۇنجى قار ياغقان كۈنى سېتىۋالدى «خانلەيلۇن»نىڭ ئۆيىدىكى سورۇندىن قېچىپ چىقىپ ئۆيىنىڭ ئالدىدىكى ئۆستەڭگە چۈشۈپ كېتىپتۇ، يارى «ئاقبېلىق»مۇ دەل شۇ كۈنى سورۇندىن قېچىپ مەھەللىسىگە ئايلىنىدىغان تار كوچىغا كەلگىنىدە تونۇمايدىغان ئىككى بالا ئۇنى ھارغىچە ئۇرۇپ، ئۇرۇپ بولغاندىن كېيىن يانچۇقلىرىنى ئۆرۈپ، ئۇنى بۇلاپ قېچىپ كېتىپتۇ. ئۇلارنىمۇ ئىسمەت «ئامان» «قارغىۋەتكەن»مىدۇ؟
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر