چارۋىچىلىق مەدەنىيىتىنىڭ تىرىك مۇزېيى ـ تەڭرىتاغ چوڭ جىلغىسى ئۈرۈمچىگە جايلاشقان بولۇپ، شەھەر بىلەن بولغان ئارىلىقى 48 كىلومېتىر. مەنزىرە رايونىنىڭ پىلانلانغان ئومۇمىي كۆلمى 1038.48 كىلومېتىر، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 2020 مېتىر كېلىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپىراتورىسى 4ـ6 سېلسىيە گىرادوس ئەتراپىدا بولۇپ، تەڭرىتاغنىڭ شىمالىدىكى ئەڭ مۇكەممەل، ئەك ھۇزۇرلىنىش قىممىتى بولغان ئىپتىدائىي تەڭرىتاغ شەمشاد ئورمانلىقى بار، بۇ جايدا قۇملۇقتىن باشقا بارلىق تەبىئىي مەنزىرلەر مۇجەسسەملەنگەن، ئىلمىي تەكشۈرۈش ۋە مەدەنىيەت قىممىتى بار بولۇپ، دۆلەت دەرىجىلىك ئورمان باغچىسى، دۆلەت دەرىجىلىك تەنتەربىيە، ئارامگاھ بازىسى، دۆلەت 5 ئا دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى، ئاپتونوم رايونلۇق بەدەن ساغلاملاشتۇرۇش تەربىيەلەش بازىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پىيادە ساياھەت بازىرى، ئاپتونوم رايونلۇق بەدەن ساغلاملاشتۇرۇش، تاغقا چىقىش پائالىيىتى بازىسى بولۇپ باھالانغان. ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ چوڭ جىلغىسى 2013-يىلى 12-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا دۆلەت 5A دەرىجىلىك ساياھەت رايونى قىلىپ بېكىتىلگەن.
جۇغراپىيەلىك ئورنى
تەڭرىتاغ چوڭ جىلغىسى ساياھەت مەنزىرە جايى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچىنىڭ جەنۇبىدىكى جەنۇبىي تاغ ئېقىندالا يېزىسىغا جايلاشقان، ئۈرۈمچى بىلەن بولغان ئارىلىقى تەخمىنەن 40 كىلومېتىر كىلىدۇ، دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 2 مىڭ مېتىر.
پۈتۈن مەنزىرە رايونىنىڭ جەنۇپ شىمالىنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 49 كىلومېتىر، شەرقىي غەربىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 42.5 كىلومېتىر كىلىدۇ.
جۇغراپىيەلىك مەدەنىيىتى
تەڭرىتاغ چوڭ جىلغىسى مەنزىرە رايونىدا ئاساسلىقى قازاق مىللىتى ياشايدىغان بولۇپ، بۇ يەردە قازاقلار قوي باقىدىغان يايلاقلار بار. ئۇلار ھازىرمۇ قازاقلارنىڭ ئەسلىدىكى ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شەكلىنى ۋە مىللىي ئەنئەنىۋى ئۆرپ ـ ئادەتلىرىنى ساقلاپ قالغان. بۇ يەر شىنجاڭدىكى قازاق مىللىتى مەدەنىيىتى ساقلانغان مۇھىم جاينىڭ بىرى. ساپ بولغان قازاقلارنىڭ تۇرمۇش ئادىتى، ئاقىن ئېيتىشىشى، قارا يورغا، قىز قۇۋار، ئوغالاق تارتىشىش قاتارلىق نۇرغۇن ئەنئەنىۋى پائالىيەتلەر ۋە قۇربان ھېيت، روزى ھېيت، نورۇز بايرىمى قاتارلىق ئۆزگىچىلىككە ئىگە ئۆرپ ـ ئادەتلەر، تەڭرىتاغ چوڭ جىلغىسىنى مول مىللىي مەدەنىيەت ساياھەت بايلىقى بىلەن تەمىنلىگەن.
5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى ئۆلچەملەشتۈرۈلگەن سۈپەت دەرىجە سېستىمىسى بولۇپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ساياھەت ئىدارىسى تەشكىللىگەن مەملىكەتلىك ساياھەت مەنزىرە رايون دەرىجە سۈپىتىنى باھالاش كومىتېتى 4A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى ئارىسىدىن باھالاپ بېكىتكەندىن كىيىن، شەكىللەنگەن ساياھەت رايونى سۈپەت دەرىجىسى بولۇپ، نۆۋەتتىكى ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىغا بېرىلگەن ئەڭ يۇقىرى دەرىجە ئۆلچىمى. 4A دەرىجىلىك ساياھەت رايونى بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئىنسانىي تۇيغۇغا شۇنداقلا ئىنچىكىلىشىشكە تېخىمۇ بەكرەك ئەھمىيەت بەرگەن بولۇپ، ساياھەتچىلەرنىڭ پىسخىكىلىق ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش، ئادەمنى ئاساس قىلىشنى بەكرەك تەكىتلەيدۇ.