باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

گەپ ئاڭلايدىغان تايچاق

2015.05.13 16:04   مەنبە: خەلق تورى

گەپ ئاڭلايدىغان تايچاق

  ئېلىجان ئىسمائىل خەۋىرى، فوتوسى: يېقىندا يېزا-كەنتلەرگە فوتو ئىجادىيىتى بىلەن بارغىنىمدا دېھقانلار بىلەن پاراڭلىشىۋېتىپ، ناھىيەنىڭ توغراغاز يېزىسىدا بىر دېھقاننىڭ تايچاق سېتىۋېلىپ گەپ ئاڭلايدىغان قىلىپ تەربىيەلەپ چىققانلىقىنى ئاڭلىدىم. شۇنىڭ بىلەن بۇ دېھقاننى زىيارەت قىلماقچى بولۇپ باردىم.

  5-ئاينىڭ 12-كۈنى ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن بۇيىل 80ياشقا كىرگەن مەمتىمىن ھوشۇر ئاكىمىزنىڭ يول باشلىشى بىلەن كېرىيە ناھىيە توغراغاز يېزا باش قۇمباغ كەنتى 3-گۇرۇپىسىدا ئولتۇرۇشلۇق مەتتۇرسۇن ھاشىم قايىلنىڭ ئۆيىگە كەلدىم. مەتتۇرسۇن ھاشىم قايىل بىزنى قىزغىن كۈتۈۋالدى. مەن ئۇنىڭ ئارقا ھويلىسىغا چىقسام بىرتوپ بالىلار بار ئىكەن. ئەسلىدە بۇ بالىلارغا مەتتۇرسۇن ھاشىم تايچاقنىڭ تۈرلۈك قىزىقارلىق ھەرىكەتلىرىنى كۆرسىتىپ بالىلارنى خۇشال قىلىۋەتكەن ئىكەن. مەن زىيارەتتىن بۇرۇن باياتىن بالىلارغا كۆرسىتىۋاتقان ئۇيۇننى داۋاملاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدىم. مەتتۇرسۇن ھاشىم قايىل بۇ چىرايلىق تايچاققا قاراپ: « مېھمانغا سالام بېرىڭ» دېۋىدى، تايچاق دەرھال ئالدى ئىككى پۇتىنى كۈتۈرۈپ ماڭا سالام بەردى. ئارقىدىنلا يەنە نەچچە قېتىم بۇيرۇق بېرىۋىدى، يەنە تەكرار سالام بەردى. مەتتۇرسۇن ھاشىم تايچاققا قاراپ :«قۇتانغا كىرىپ ئارام ئېلىڭ» دېدى. تايچاق دەرھال قوتانغا كىرىپ كەتتى. ئارىلىقتا ئون نەچچە مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن مەتتۇرسۇن ھاشىم ھويلىدا بىر چېلەك سۇنى يەردە قويۇپ تۇرۇپ: «تايچىقىم، بۇياققا چىقىپ سۇ ئىچىڭ» دېدى. تايچاق شۇنداق چىرايلىق ئەركىلىگەن ھالدا قىيغىتىپ چىقىپ مەتتۇرسۇن ھاشىم قايىلنىڭ يېنىغا كىلىپ سۇ ئىچتى.

  مەتتۇرسۇن ھاشىم قايىل چارۋىچىلىق كەسپىدە ئوقۇغان بولۇپ، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن بورداقچىلىق ۋە چارۋا تىجارىتى قىلىپ بېيىپتۇ. يېڭى ئۆي ساپتۇ ۋە پىكاپ سېتىۋاپتۇ. بۇلتۇر ئۇ تايچاق سېتىۋېلىپ گەپ ئاڭلايدىغان قىلىپ تەربىيەلەش خىيالىغا كەپتۇ. بۇنىڭ بىلەن 6 ئايلىق بولغان بۇ تايچاقنى 21مىڭ يۈەنگە سېتىۋېلىپ بوش ۋاقتى بولسىلا زېرىكمەي، تېرىكمەي تۈرلۈك ھەرىكەتلەرنى ئۆگىتىپتۇ. 7 ئايدىن كېيىن تايچاق سالام بېرىشنى، چاقىرغان ھامان كېلىشنى ئۆگىنىپتۇ. بۇ خەۋەر ئەتراپقا تارالغاندىن كېيىن قوشنا كەنتلەردىكى دېھقان–چارۋىچىلار ۋە بالىلار ئۇنىڭ ئۆيىگە دائىم كېلىپ بۇ قىزىقچىلىقنى كۆرۈپ كېتىدىغان بوپتۇ. زىيارەت جەريانىدا شۇ كەنتتىكى دېھقانلاردىن ئىگىلىشىمچە، بىر سودىگەر مەتتۇرسۇن ھاشىمدىن گەپ ئاڭلايدىغان تايچاقنى 200 مىڭ يۈەنگە سېتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ مەتتۇرسۇن ھاشىم ئۇ كىشىگە بۇ تايچاق بىلەن ئاتا-بالىدەك مېھرى بارلىقىنى، بۇ تايچاقنىڭ قوشنىلارغا خۇشاللىق ئاتا قىلغانلىقىدىن پەخىرلىنىدىغانلىقىنى ئېيتىپ رەت قىپتۇ. زىيارىتىمنى ئاخىرلاشتۇرۇپ مېھماندوست، ئاق كۆڭۈل، چىقىشقاق مەتتۇرسۇن ھاشىم قايىل ۋە ئۇنىڭ گەپ ئاڭلايدىغان تايچىقىدىن مېھرىمنى ئۈزەلمەي خوشلاشتىم.

  تەرجىمە مۇھەررىرى:ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·24- ئىيۇندىن 26- ئىيۇنغىچە ئۈرۈمچى شەھىرىدە 280 مىڭ ئوقۇغۇچى  تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتن…
      ·ئاپتونوم رايونىمىزدا دۆلەت ئورتاق تىل–يېزىقى بويىچە بۇ يىل 6350 كىشى تەربىيەلىىنىدۇ
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپاتى بېرىدىغان ۋاسىتىچىلىك ئورنىدىن ئالتىنى ئېلان قىلدى
      ·قازاقىستاننىڭ ھازىرقى زوڭتۇڭى نەزەبايېۋ زۇڭتۇڭ سايلىمىدا غەلىبە قىلدى
      ·دۇنيادىكى ئوقۇشقا ئەڭ ماس كېلىدىغان 9رومانتىك شەھەر
      ·شىنجاڭدىكى 11 ئالىي مەكتەپ مەخسۇس كۇرستىن تولۇق كۇرسقا 847 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ
      ·ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتىھانىدا تۇنجى قېتىم توردا تىزىملىتىشنى يولغا قو…
      ·57 دۆلەت ئاسىيا ئۇل ئەسلىھەلەرگە مەبلەغ سېلىش بانكىسىنى قۇرۇش مۇددىئاسى بار ئەزا دۆلەتكە ئايلاندى
      ·جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات «تېز پويىزى» ئارقىلىق ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ۋە ياۋروپادىن ئىبارەت ئىككى…
      ·شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى يەسلى مائارىپى مۇكاپات-تولۇقلىما مەبلىغىنى بەلگىلىمە بويىچە ئىشلىتىشن…