خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا چەتئەللىك ئىككى فوتوگراف ھېچقانداق بىخەتەرلىك ئەسلىھەسى بولمىغان ئەھۋالدا، سېلىنىۋاتقان دۇنيادىكى ئىككىنچى ئىگىز بىنا ــــ شېنجېن پىڭئەن خەلقئارا پۇل مۇئامىلە مەركىزىگە قۇرۇق قول يامىشىپ چىقتى ھەمدە يامىشىش جەريانىنى سۈرەتكە تارتتى.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئىككى فوتوگراف ئۇكرائىنالىق 21 ياشلىق ۋىتالى رازكاروۋ ۋە روسىيەلىك 25 ياشلىق ۋادىم ماكاروۋ ئىكەن. فىلىمدە ئۇلار ئەۋۋەل بىر تامدىن ھالقىپ قۇرۇلۇش ئىچىگە غىپپىدە كىرىۋالغان ھەم پەلەمپەي بويلاپ يۇقىرىغا ياماشقان، ئۇلار ئارىدا نەچچە قېتىم توختاپ دېرىزە سىرتىدىكى مەنزىرىگە سەپسالغان. ئارقىدىنلا ئىككىيلەن بىرىنچى بۆلەك شوتىغا ئېسىلىپ يۇقىرىغا ياماشقان. ئىككىنچى بۆلەك شوتىغا كەلگەندە مەخپىي شىفىر تەرىپىدىن قۇلۇپلىنىپ قالغان، ئەمما ئۇلار يەنىلا مەخپىي شىفىرنى يېشىپ ئەڭ ئېگىز جايغا چىققان.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئىككىيلەن ئىلگىرى مىسىردىكى جىسا پىرامېداسى، گېرمانىيەدىكى كيولىن چېركاۋى، شاڭخەي مەركىزىي بىنا قاتارلىق ئېگىز قۇرۇلۇشلارغا يامىشىپ چىقىپ باققان ئىكەن. بۇ قېتىم ياماشقان بىنا 115 قەۋەتلىك، 660 مېتىر ئېگىزلىكتە بولۇپ، 2016-يىلى پۈتىدىكەن ھەمدە دۇبەيدىكى خەلىپە مۇنارىدىن قالسا دۇنيادىكى ئىككىنچى ئېگىز بىنا بولۇپ قالىدىكەن.
تەرجىمە مۇھەررىرى:ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى